13قاچانىكى ئاقما بار كىشى ئاقما ھالىتىدىن قۇتۇلسا، ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا يۇيۇنسۇن؛ ئاندىن پاك سانىلىدۇ.
14سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن.
15كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ.