45شۇنداق جاراھىتى بار پېسە-ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى كىيىملىرى يىرتىق، چاچلىرى چۇۋۇق، بۇرۇت-ساقىلى يېپىقلىق ھالدا: «ناپاك، ناپاك!» دەپ توۋلاپ يۈرۈشى كېرەك.
46شۇ جاراھىتى بولغان بارلىق كۈنلەردە ئۇ «ناپاك» سانىلىدۇ؛ ئۇ ناپاك بولغاچقا، ئايرىم تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن.
47ئەگەر بىر كىيىمدە، مەيلى يۇڭدىن ياكى كاناپتىن تىكىلگەن بولسۇن ئۇنىڭدا پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى پەيدا بولسا،
48يەنى كاناپ ياكى يۇڭدىن توقۇلغان رەختتە، ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپلىرىدا بولسۇن، تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرىدىن ئېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىلەردە پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى بولسا،