9سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى، يەنى دەريا-دېڭىزلاردىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ؛
10لېكىن دەريا-دېڭىزلاردا ياشايدىغان، يەنى سۇلاردا توپ-توپ ئۈزىدىغان بارلىق جانىۋارلاردىن، قاسىراقلىرى ياكى قانىتى بولمىغانلىرىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن.