Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 10

لاۋىيلار 10:8-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
9«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
10شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛
11شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر».
12مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
13بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەردىن سېنىڭ نېسىۋەڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر.
14ئۇنىڭدىن باشقا پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇتنى سەن ۋە ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلىرىڭ بىللە پاك بىر جايدا يەڭلار؛ چۈنكى بۇلار سېنىڭ نېسىۋەڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن.

Read لاۋىيلار 10لاۋىيلار 10
Compare لاۋىيلار 10:8-14لاۋىيلار 10:8-14