1چۈنكى مەندە سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيەدىكىلەر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن نەقەدەر زور كۈرەشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سىلەرگە بىلگۈزمەكچىمەن؛
2كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛
3چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر.
4مېنىڭ بۇنى دېيىشىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى قايىل قىلارلىق سىلىق-سىپايە گەپلىرى بىلەن ئالدىماسلىقى ئۈچۈندۇر؛
5چۈنكى گەرچە تەن جەھەتىدىن سىلەردىن نېرى بولساممۇ، روھ جەھەتىدىن مەن سىلەر بىلەن بىللىمەن، سىلەرنىڭ سەپتە تۇرۇۋاتقىنىڭلارغا ۋە مەسىھگە باغلىغان ئېتىقادىڭلارنىڭ چىڭلىقىغا قاراپ شادلىنىمەن.
6مەسىھ، رەب ئەيسانى قانداق قوبۇل قىلغان بولساڭلار، شۇ ھالدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار،
7سىلەر تەلىم بېرىلگەندەك ئۇنىڭدا يىلتىز تارتىپ، ئېتىقادىڭلار قۇرۇلۇۋاتقان ھالدا، ئېتىقادتا خاتىرجەم قىلىنىپ، رەھمەت ئېيتىشلار بىلەن تاشقىنلاپ تۇرغۇچى بولۇڭلار؛
8ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛
9چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛
10ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛
11سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن گۇناھلىق ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛
12ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر.
13ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ،
14بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى.
15ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، كرېستتە ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى.
16ئەمدى ھېچكىمنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-بايراملار، «يېڭى ئاي» ياكى شابات كۈنلەر جەھەتلىرىدە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار؛
17بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر!
18ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر گۇناھلىق ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛
19ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر؛ لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا.
21ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر
22(بۇنداق بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛
23ئۇلاردا دەرۋەقە بىرخىل پىدائىيلارچە ئىبادەت، كىچىك پېئىللىق ۋە ئۆز تېنىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بولۇشنى دەۋەت قىلىش بولغاچقا، ئۇلاردا دانالىقنىڭ كۆرۈنۈشى بار؛ ئەمەلىيەتتە بۇنداق دانالىقنىڭ پايدىسى يوقتۇر ــ ئۇلار پەقەت ئەتتىكى ھەۋەسلەرگە يول قويىدۇلا، خالاس.