Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كورىنتۇسلۇقلارغا «1»

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛
2مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، ــ (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) ــ سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر.  
3چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات‫‪‎-‎‬‬زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛
4ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات‫‪‎-‎‬‬زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛
5ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛  
6ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛
7ئۇ ياقۇپقا، ئاندىن روسۇللارنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈندى؛
8ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى.  
9چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن.
10لېكىن ھازىر نېمىلا بولسام خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى ئارقىلىق بولدۇم؛ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن شۇ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ خىزمىتىدە بارلىق روسۇللاردىن بەكرەك جاپالىق ئىشلىگەنمەن؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە بولغان خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتىدۇر.
11دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا روسۇللار بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.
12ئەمما مەسىھ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلدۈرۈلگەن دەپ جاكارلانغان بولسا، قانداقمۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش، دەيدۇ؟
13ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش بولسا، مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ يوق ئىش بولغان بولاتتى.
14شۇنىڭدەك ئەگەر مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولمىسا، جاكارلىغان خەۋىرىمىز بىھۇدە بولغان، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولغان بولاتتى.
15ھەتتا بىزمۇ خۇدا توغرىسىدىكى يالغان گۇۋاھچىلار بولغان بولاتتۇق ــ چۈنكى بىز خۇدانىڭ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدا مەسىھنىمۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى.
16چۈنكى ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، مەسىھمۇ تىرىلمىگەن بولاتتى.
17مۇبادا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار كېرەكسىز بولغان، سىلەر تېخىچە گۇناھلىرىڭلاردا يۈرۈۋاتقان بولاتتىڭلار،
18شۇنداقلا مەسىھتە ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بولاتتى.

19ئەگەر ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق، بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن بولغان بولىمىز.
20ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛   
21چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم ئالەمدە پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق ئالەمدە پەيدا بولدى.
22ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
23ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت‫‪‎-‎‬‬قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار.
24ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا‫‪‎-‎‬‬ئاتىغا تاپشۇرىدۇ.
25چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛
26ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر.
27چۈنكى زەبۇردا «خۇدا پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر.   
28ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ.
29ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟
30بىزلەر نېمە دەپ ھەر كۈنى ھەر سائەتتە خەۋپ‫‪‎-‎‬‬خەتەرگە دۇچ كېلىپ يۈرىمىز؟
31رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، ئى قېرىنداشلىرىم، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن.
32ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟   
33ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ».
34ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟
35بەلكىم بىرسى‫‪:‬‬ «ئۆلۈكلەر قانداق تىرىلدۈرىلەر؟ ئۇلار قانداق تەن بىلەن تىرىلەر؟» ــ دەپ سورىشى مۇمكىن.
36ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ.   

37ھەم سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يالىڭاچ دېنى ــ مەسىلەن، بۇغداينىڭ ياكى باشقا بىرەر زىرائەتنىڭ دېنى، خالاس.
38ۋە كېيىن خۇدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر تەننى بېرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇرۇق دانلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاتا قىلىدۇ.
39جانىۋارلارنىڭ ئەتلىرى بولسا بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارنىڭمۇ بار، بېلىقلارنىڭمۇ بار.
40ئاسماندا جىسىملار بار، يەر يۈزىدىمۇ جىسىملار بار؛ ئەمما ئاسماندىكىسىنىڭ جۇلا‫‪‎-‎‬‬شەرىپى باشقىچە، يەر يۈزىدىكىسىنىڭمۇ باشقىچە بولىدۇ؛
41قۇياشنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپلىرىدە بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.
42ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. تەن چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛   
43ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ.
44ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ.
45شۇڭا تەۋراتتا مۇنداق پۈتۈلگەنكى‫‪:‬‬ «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»؛ ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى.   
46ئەمما ئاۋۋال كەلگىنى روھىي ئادەم ئەمەس، بەلكى «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى.
47دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛
48تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغىنى قانداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «تۇپراقلىق»لارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئاسماندىن كەلگىنى قانداق بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «ئاسمانلىقلار»مۇ شۇنداق بولىدۇ.
49بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز.   
50ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ.  
51مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا ئۆلۈمدە ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز!   
52بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛   
53چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛
54ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ‫‪:‬‬ «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!».   

55«ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!»   
56ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.
57لېكىن بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر!  
58شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر‫‪‎-‎‬‬جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.