Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تىموتىيغا «2»

تىموتىيغا «2» 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇڭا ئەي ئوغلۇم، سەن مەسىھ ئەيسادا بولغان مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەتكە تايىنىپ كۈچلۈك بول؛
2ۋە سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن.  
3ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن.
4جەڭچى بولغان كىشى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملىغان سەردارىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئۆزىگە ھەلەك قىلىۋالماسلىقى كېرەك.
5مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
6ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ھوسۇلىدىن بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولۇشى تېگىشلىكتۇر.
7بۇ سۆزلىرىم ئۈستىدە ياخشى ئويلا، شۇنىڭ بىلەن رەب ساڭا ھەممە ئىشتا يورۇتىدۇ.
8سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت.
9بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ!
10ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن.
11تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر‫‪:‬‬ ــ «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز.  
12قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.
13بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن ھېچ تانالمايدۇ».  
14بۇ ئىشلارنى داۋاملىق قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سېلىپ، ئۇلارنى رەب ئالدىدا بىمەنە سۆزلەر ئۈستىدە تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىش قىلماسلىقنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنداق تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنى نابۇت قىلىدۇ.
15ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛
16لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ.   
17مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. خىمېنېيۇس ۋە فىلېتوسلار مانا شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىدۇر؛
18ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى، دەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىنى غۇلىتىدۇ.

19ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن‫‪:‬‬ «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر.   
20باي‫‪‎-‎‬‬باياشات ئادەمنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارلا ئەمەس، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئەتىۋارلىنىدۇ، بەزىلىرى پەس كۆرۈلىدۇ.
21ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ.
22شۇڭلاشقا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغىن، پاك قەلب بىلەن رەبگە نىدا قىلغۇچى بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئىشەنچ‫‪‎-‎‬‬ئېتىقاد، مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت ۋە تىنچ‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىكنى قوغلىشىپ ئىزدە.
23لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن.
24ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم‫‪‎-‎‬‬مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛
25شۇنىڭ بىلەن ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن‫‪‎-‎‬‬مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛   
26بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.