1 ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر.
2 ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك.
3 غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشلىنىدۇ.