26 ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى ئىشقا سالار؛ ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار.
27 مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار.
28 ئەگرى ئادەم جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرغۇچىدۇر؛ غەيۋەتچى يېقىن دوستلارنى ئايرىۋېتەر.