2 ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛ ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە-مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر.
3 ئادەملەر يامانلىق قىلىپ ئامانلىق تاپالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى تەۋرەنمەس.
4 پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر.
5 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر.