10 ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛ ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر.
11 تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛ ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر.
12 يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛ ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار.
13 يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛ ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت-قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار.
14 ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛ ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار.