25 مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار.
26 ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر.
27 ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛ يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر.
28 ئۆز مال-دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛ ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر.
29 ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار.