Text copied!
Bibles in Uighur

زەبۇر 119:86-161 in Uighur

Help us?

زەبۇر 119:86-161 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

86 سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
87 ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم.
88 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
89 |ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر.
90 سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
91 سېنىڭ ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر.
92 سېنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم.
93 مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛
94 مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم.
95 رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛ بىراق مەن ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىڭنى كۆڭلۈمدە تۇتۇپ ئويلايمەن.
96 مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛ بىراق سېنىڭ ئەمر‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر!
97 |מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر.
98 ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛
99 بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، چۈنكى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر.
100 مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن، چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
101 سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم.
102 ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛ چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن.
103 سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر!
104 كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
105 |נ| (نۇن) سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر.
106 قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن.
107 زور ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
108 قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
109 جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن.
110 رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم.
111 ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.
112 مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم.
113 |ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدۇر.
114 سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
115 مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار!
116 ياشىشىم ئۈچۈن، ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛ ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن.
117 مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن يۈرىمەن؛ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن.
118 بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر.
119 سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛ شۇڭا مەن ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن.
120 ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن.
121 |ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛
122 ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛ تەكەببۇرلارغا مېنى ئەزگۈزمىگەيسەن.
123 كۆزۈم نىجاتلىقىڭغا تەشنا بولۇپ، ھەم ھەققانىيىتىڭ توغرۇلۇق ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دەپ قالدى؛
124 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قۇلۇڭغا مۇئامىلە قىلغايسەن؛ بەلگىلىمىلىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن.
125 مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلىپ يېتىشىم ئۈچۈن مېنى يورۇتقايسەن.
126 پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى! چۈنكى ئۇلار تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
127 شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن، ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن؛
128 شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛ بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
129 |פ| (پې) ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ.
130 سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛ نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ.
131 ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم، چۈنكى ئەمرلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم.
132 نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە، جامالىڭنى مەن تەرەپكە قارىتىپ شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.
133 قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛ ئۈستۈمگە ھېچ قەبىھلىكنى ھۆكۈم سۈرگۈزمىگەيسەن.
134 مېنى ئىنساننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن، شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىمەن.
135 جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
136 كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ.
137 |צ| (تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر.
138 سەن ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى ھەققانىيلىقتا بۇيرۇغان؛ ئۇلار تولىمۇ ئىشەنچلىكتۇر!
139 ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ، چۈنكى مېنى خار قىلغۇچىلار سۆزلىرىڭگە پىسەنت قىلمايدۇ.
140 سۆزۈڭ تولۇق سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ شۇڭا قۇلۇڭ ئۇنى سۆيىدۇ.
141 مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن، بىراق كۆرسەتمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
142 سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر، تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭ ھەقىقەتتۇر.
143 پېشكەللىك ۋە ئازاب ماڭا چىرمىشىۋالدى؛ بىراق ئەمرلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكلىرىمدۇر.
144 سېنىڭ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدىيدۇر؛ ياشىغىن دەپ، مېنى يورۇتقايسەن.
145 |ק| (كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن.
146 مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
147 مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
148 ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ.
149 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
150 قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى، ئۇلار تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدىن يىراقتۇر.
151 ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛ بارلىق ئەمرلىرىڭ ھەقىقەتتۇر.
152 ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ئۆگەندىمكى، ئۇلارنى مەڭگۈگە ئىناۋەتلىك قىلغانسەن.
153 |ר| (رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم.
154 مېنىڭ دەۋايىمنى سورىغايسەن، ھەمجەمەت بولۇپ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
155 نىجاتلىق رەزىللەردىن يىراقتۇر؛ چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىڭنى ئىزدىمەيدۇ.
156 رەھىمدىللىقلىرىڭ كۆپتۇر، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
157 ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ھەم مېنى خار قىلغۇچىلار كۆپتۇر؛ بىراق ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم.
158 مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم، چۈنكى ئۇلار سۆزۈڭنى تۇتمايدۇ.
159 سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى شۇنچە سۆيگەنلىكىمنى كۆرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار.
160 سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛ سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر.
161 |ש| (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ.
زەبۇر 119 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

Зәбур 119:86-161 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

Зәбур 119:86-161 don't exist in Муқеддес Калам (кирил йезиқ).
Зәбур 119 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

Zebur 119:86-161 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

86 Séning barliq emrliring ishenchliktur; Ular yolsizliq bilen méni qistimaqta; Manga yardem qilghaysen!
87 Ular méni yer yüzidin yoqatqili qil qaldi; Biraq men bolsam, körsetmiliringdin waz kechmidim.
88 Özgermes muhebbiting boyiche méni janlandurghaysen, We aghzingdiki agah-guwahliqliringni tutimen.
89 |ל| (Lamed) Menggüge, i Perwerdigar, Söz-kalaming ershlerde békitilgendur.
90 Séning sadaqiting dewrdin-dewrgichidur; Sen yer-zéminni muqim békitkensen, u mewjut bolup turidu.
91 Séning höküm-qanuniyetliring bilen bular bügünki kündimu turidu; Chünki barliq mewjudatlar Séning xizmitingdidur.
92 Séning Tewrat-qanunung xursenlikim bolmighan bolsa, Azabimda yoqap kéter idim.
93 Men Séning körsetmiliringni hergiz untumaymen; Chünki mushular arqiliq manga hayatliq berding;
94 Men Séningkidurmen, méni qutquzghaysen; Chünki men körsetmiliringni izdep keldim.
95 Reziller méni halak qilishni kütmekte; Biraq men agah-guwahliringni könglümde tutup oylaymen.
96 Men hemme mukemmellikning chéki bar dep bilip yettim; Biraq Séning emr-kalaming cheksiz kengdur!
97 |מ| (Mem) Ah, méning Tewrat-qanununggha bolghan muhebbitim neqeder chongqurdur! Kün boyi u méning séghinip oylaydighinimdur.
98 Emrliring herdaim men bilen bille turghachqa, Méni düshmenlirimdin dana qilidu;
99 Barliq ustazlirimdin köp yorutulghanmen, Chünki agah-guwahliring séghinishimdur.
100 Men qérilardin köprek chüshinimen, Chünki körsetmiliringge itaet qilip keldim.
101 Söz-kalaminggha emel qilishim üchün, Ayaghlirimni hemme yaman yoldin tarttim.
102 Hökümliringdin héch chiqmidim; Chünki manga ögetken Sen özüngdursen.
103 Sözliring tilimgha shunche shérin tétiydu! Aghzimda heseldin tatliqtur!
104 Körsetmiliringdin men yorutuldum; Shunga barliq saxta yolni öch körimen.
105 |נ| (Nun) Söz-kalaming ayighim aldidiki chiragh, Yolumgha nurdur.
106 Qesem ichtim, emel qilimenki, Men heqqaniy hökümliringni tutimen.
107 Zor azab-oqubetlerni chektim, i Perwerdigar; Söz-kalaming boyiche méni janlandurghaysen.
108 Qobul qilghaysen, i Perwerdigar, aghzimdiki xalis qurbanliqlarni, Manga hökümliringni ögetkeysen.
109 Jénimni aliqinimda daim élip yürimen, Biraq Tewrat-qanunungni peqet untumaymen.
110 Reziller men üchün qiltaq qurdi; Biraq körsetmiliringdin adashmidim.
111 Agah-guwahliqliringni miras qilip menggüge qobul qildim; Chünki ular könglümning shadliqidur.
112 Men könglümni belgilimiliringge menggüge emel qilishqa, Yeni axirghiche emel qilishqa mayil qildim.
113 |ס| (Sameq) Ala köngüllerni öch körüp keldim; Söyginim bolsa, Tewrat-qanunungdur.
114 Sen méning dalda jayim, méning qalqanimdursen; Söz-kalaminggha ümid baghlidim.
115 Men Xudayimning emrlirige emel qilishim üchün, Mendin néri bolunglar, i rezillik qilghuchilar!
116 Yashishim üchün, Wedeng boyiche méni yöligeysen; Ümidimning aldida méni yerge qaratmighaysen.
117 Méni qollap quwwetligeysen, shunda men aman-ésen yürimen; We belgilimiliringni herdaim qedirleymen.
118 Belgilimiliringdin azghanlarning hemmisini neziringdin saqit qilding; Chünki ularning aldamchiliqi quruqtur.
119 Sen yer yüzidiki barliq rezillerni dashqaldek shallap tazilaysen; Shunga men agah-guwahliqliringni söyimen.
120 Etlirim Séningdin bolghan eyminishtin titreydu; Hökümliringdin qorqup yürimen.
121 |ע| (Ayin) Men durus hökümlerni we adaletni yürgüzdum; Méni ezgüchilerge tashlap qoymighaysen;
122 Öz qulung üchün yaxshiliqqa kapalet bolghaysen; Tekebburlargha méni ezgüzmigeysen.
123 Közüm nijatliqinggha teshna bolup, Hem heqqaniyiting toghruluq wedengge telmürüp tügishey dep qaldi;
124 Özgermes muhebbiting bilen qulunggha muamile qilghaysen; Belgilimiliringni manga ögetkeysen.
125 Men Séning qulungdurmen; Agah-guwahliqliringni bilip yétishim üchün méni yorutqaysen.
126 Perwerdigar heriketke kélish waqti keldi! Chünki ular Tewrat-qanunungni bikar qiliwétidu.
127 Shu sewebtin emrliringni altundin artuq söyimen, Sap altundin artuq söyimen;
128 Shunga hemme ishlarni bashquridighan barliq körsetmiliringni toghra dep bilimen; Barliq saxta yolni öch körimen.
129 |פ| (Pé) Agah-guwahliqliring karamettur; Shunga jénim ulargha egishidu.
130 Sözliringning yéshimi nur élip kélidu; Nadanlarnimu yorutidu.
131 Aghzimni échip hasirap kettim, Chünki emrliringge teshna bolup keldim.
132 Namingni söygenlerge bolghan aditing boyiche, Jamalingni men terepke qaritip shepqet körsetkeysen.
133 Qedemlirimni sözüng bilen toghrilighaysen; Üstümge héch qebihlikni höküm sürgüzmigeysen.
134 Méni insanning zulumidin qutuldurghaysen, Shuning bilen Séning körsetmiliringge itaet qilimen.
135 Jamalingning nurini qulungning üstige chachturghaysen; Manga belgilimiliringni ögetkeysen.
136 Közlirimdin yash ériqliri aqidu, Chünki insanlar Tewrat-qanununggha boysunmaydu.
137 |צ| (Tsade) Heqqaniydursen, i Perwerdigar; Hökümliring toghridur.
138 Sen agah-guwahliqliringni heqqaniyliqta buyrughan; Ular tolimu ishenchliktur!
139 Otluq muhebbitim özümni yoqitidu, Chünki méni xar qilghuchilar sözliringge pisent qilmaydu.
140 Sözüng toluq sinap ispatlan'ghandur; Shunga qulung uni söyidu.
141 Men tériqtekturmen, kemsitilgenmen, Biraq körsetmiliringni untumaymen.
142 Séning heqqaniyiting ebediy bir heqqaniyettur, Tewrat-qanunung heqiqettur.
143 Péshkellik we azab manga chirmishiwaldi; Biraq emrliring méning xursenliklirimdur.
144 Séning agah-guwahliqliringning heqqaniyliqi ebediydur; Yashighin dep, méni yorutqaysen.
145 |ק| (Kof) Men pütün qelbim bilen Sanga nida qildim, i Perwerdigar; Manga jawab bergeysen; Men belgilimiliringni tutimen.
146 Men Sanga nida qilimen; Méni qutquzghaysen; agah-guwahliqliringgha egishimen.
147 Men tang atmay ornumdin turup peryad kötürimen; Söz-kalaminggha ümid baghlidim.
148 Wediliring üstide séghinip oylinish üchün, Tündiki jésekler almashmay turup közüm échilidu.
149 Özgermes muhebbiting boyiche awazimni anglighaysen; I Perwerdigar, hökümliring boyiche méni janlandurghaysen.
150 Qebih niyetke egeshkenler manga yéqinlashti, Ular Tewrat-qanunungdin yiraqtur.
151 I Perwerdigar, Sen manga yéqin turisen; Barliq emrliring heqiqettur.
152 Uzundin béri agah-guwahliqliringdin ögendimki, Ularni menggüge inawetlik qilghansen.
153 |ר| (Resh) Méning xar bolghinimni körgeysen, méni qutuldurghaysen; Chünki Tewrat-qanunungni untumidim.
154 Méning dewayimni sorighaysen, hemjemet bolup méni qutquzghaysen; Wedeng boyiche méni janlandurghaysen.
155 Nijatliq rezillerdin yiraqtur; Chünki ular belgilimiliringni izdimeydu.
156 Rehimdilliqliring köptur, i Perwerdigar; Hökümliring boyiche méni janlandurghaysen.
157 Manga ziyankeshlik qilghuchilar hem méni xar qilghuchilar köptur; Biraq agah-guwahliqliringdin héch chetnimidim.
158 Men asiyliq qilghuchilargha qarap yirgendim, Chünki ular sözüngni tutmaydu.
159 Séning körsetmiliringni shunche söygenlikimni körgeysen; Özgermes muhebbiting boyiche méni janlandurghaysen, i Perwerdigar.
160 Söz-kalamingni mujessemligende andin heqiqet bolur; Séning herbir adil hökümüng ebediydur.
161 |ש| (Shiyn) Emirler bikardin-bikar manga ziyankeshlik qilidu; Biraq yürikim kalaming aldidila titreydu.
Zebur 119 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

Zǝbur 119:86-161 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)

86 Sening barliⱪ ǝmrliring ixǝnqliktur; Ular yolsizliⱪ bilǝn meni ⱪistimaⱪta; Manga yardǝm ⱪilƣaysǝn!
87 Ular meni yǝr yüzidin yoⱪatⱪili ⱪil ⱪaldi; Biraⱪ mǝn bolsam, kɵrsǝtmiliringdin waz kǝqmidim.
88 Ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiting boyiqǝ meni janlandurƣaysǝn, Wǝ aƣzingdiki agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni tutimǝn.
89 |ל| (Lamǝd) Mǝnggügǝ, i Pǝrwǝrdigar, Sɵz-kalaming ǝrxlǝrdǝ bekitilgǝndur.
90 Sening sadaⱪiting dǝwrdin-dǝwrgiqidur; Sǝn yǝr-zeminni muⱪim bekitkǝnsǝn, u mǝwjut bolup turidu.
91 Sening ⱨɵküm-ⱪanuniyǝtliring bilǝn bular bügünki kündimu turidu; Qünki barliⱪ mǝwjudatlar Sening hizmitingdidur.
92 Sening Tǝwrat-ⱪanunung hursǝnlikim bolmiƣan bolsa, Azabimda yoⱪap ketǝr idim.
93 Mǝn Sening kɵrsǝtmiliringni ⱨǝrgiz untumaymǝn; Qünki muxular arⱪiliⱪ manga ⱨayatliⱪ bǝrding;
94 Mǝn Seningkidurmǝn, meni ⱪutⱪuzƣaysǝn; Qünki mǝn kɵrsǝtmiliringni izdǝp kǝldim.
95 Rǝzillǝr meni ⱨalak ⱪilixni kütmǝktǝ; Biraⱪ mǝn agaⱨ-guwaⱨliringni kɵnglümdǝ tutup oylaymǝn.
96 Mǝn ⱨǝmmǝ mukǝmmǝllikning qeki bar dǝp bilip yǝttim; Biraⱪ Sening ǝmr-kalaming qǝksiz kǝngdur!
97 |מ| (Mǝm) Aⱨ, mening Tǝwrat-ⱪanunungƣa bolƣan muⱨǝbbitim nǝⱪǝdǝr qongⱪurdur! Kün boyi u mening seƣinip oylaydiƣinimdur.
98 Əmrliring ⱨǝrdaim mǝn bilǝn billǝ turƣaqⱪa, Meni düxmǝnlirimdin dana ⱪilidu;
99 Barliⱪ ustazlirimdin kɵp yorutulƣanmǝn, Qünki agaⱨ-guwaⱨliring seƣiniximdur.
100 Mǝn ⱪerilardin kɵprǝk qüxinimǝn, Qünki kɵrsǝtmiliringgǝ itaǝt ⱪilip kǝldim.
101 Sɵz-kalamingƣa ǝmǝl ⱪilixim üqün, Ayaƣlirimni ⱨǝmmǝ yaman yoldin tarttim.
102 Ⱨɵkümliringdin ⱨeq qiⱪmidim; Qünki manga ɵgǝtkǝn Sǝn ɵzüngdursǝn.
103 Sɵzliring tilimƣa xunqǝ xerin tetiydu! Aƣzimda ⱨǝsǝldin tatliⱪtur!
104 Kɵrsǝtmiliringdin mǝn yorutuldum; Xunga barliⱪ sahta yolni ɵq kɵrimǝn.
105 |נ| (Nun) Sɵz-kalaming ayiƣim aldidiki qiraƣ, Yolumƣa nurdur.
106 Ⱪǝsǝm iqtim, ǝmǝl ⱪilimǝnki, Mǝn ⱨǝⱪⱪaniy ⱨɵkümliringni tutimǝn.
107 Zor azab-oⱪubǝtlǝrni qǝktim, i Pǝrwǝrdigar; Sɵz-kalaming boyiqǝ meni janlandurƣaysǝn.
108 Ⱪobul ⱪilƣaysǝn, i Pǝrwǝrdigar, aƣzimdiki halis ⱪurbanliⱪlarni, Manga ⱨɵkümliringni ɵgǝtkǝysǝn.
109 Jenimni aliⱪinimda daim elip yürimǝn, Biraⱪ Tǝwrat-ⱪanunungni pǝⱪǝt untumaymǝn.
110 Rǝzillǝr mǝn üqün ⱪiltaⱪ ⱪurdi; Biraⱪ kɵrsǝtmiliringdin adaxmidim.
111 Agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni miras ⱪilip mǝnggügǝ ⱪobul ⱪildim; Qünki ular kɵnglümning xadliⱪidur.
112 Mǝn kɵnglümni bǝlgilimiliringgǝ mǝnggügǝ ǝmǝl ⱪilixⱪa, Yǝni ahirƣiqǝ ǝmǝl ⱪilixⱪa mayil ⱪildim.
113 |ס| (Samǝⱪ) Ala kɵngüllǝrni ɵq kɵrüp kǝldim; Sɵyginim bolsa, Tǝwrat-ⱪanunungdur.
114 Sǝn mening dalda jayim, mening ⱪalⱪanimdursǝn; Sɵz-kalamingƣa ümid baƣlidim.
115 Mǝn Hudayimning ǝmrlirigǝ ǝmǝl ⱪilixim üqün, Mǝndin neri bolunglar, i rǝzillik ⱪilƣuqilar!
116 Yaxixim üqün, Wǝdǝng boyiqǝ meni yɵligǝysǝn; Ümidimning aldida meni yǝrgǝ ⱪaratmiƣaysǝn.
117 Meni ⱪollap ⱪuwwǝtligǝysǝn, xunda mǝn aman-esǝn yürimǝn; Wǝ bǝlgilimiliringni ⱨǝrdaim ⱪǝdirlǝymǝn.
118 Bǝlgilimiliringdin azƣanlarning ⱨǝmmisini nǝziringdin saⱪit ⱪilding; Qünki ularning aldamqiliⱪi ⱪuruⱪtur.
119 Sǝn yǝr yüzidiki barliⱪ rǝzillǝrni daxⱪaldǝk xallap tazilaysǝn; Xunga mǝn agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni sɵyimǝn.
120 Ətlirim Seningdin bolƣan ǝyminixtin titrǝydu; Ⱨɵkümliringdin ⱪorⱪup yürimǝn.
121 |ע| (Ayin) Mǝn durus ⱨɵkümlǝrni wǝ adalǝtni yürgüzdum; Meni ǝzgüqilǝrgǝ taxlap ⱪoymiƣaysǝn;
122 Ɵz ⱪulung üqün yahxiliⱪⱪa kapalǝt bolƣaysǝn; Tǝkǝbburlarƣa meni ǝzgüzmigǝysǝn.
123 Kɵzüm nijatliⱪingƣa tǝxna bolup, Ⱨǝm ⱨǝⱪⱪaniyiting toƣruluⱪ wǝdǝnggǝ tǝlmürüp tügixǝy dǝp ⱪaldi;
124 Ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiting bilǝn ⱪulungƣa muamilǝ ⱪilƣaysǝn; Bǝlgilimiliringni manga ɵgǝtkǝysǝn.
125 Mǝn Sening ⱪulungdurmǝn; Agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni bilip yetixim üqün meni yorutⱪaysǝn.
126 Pǝrwǝrdigar ⱨǝrikǝtkǝ kelix waⱪti kǝldi! Qünki ular Tǝwrat-ⱪanunungni bikar ⱪiliwetidu.
127 Xu sǝwǝbtin ǝmrliringni altundin artuⱪ sɵyimǝn, Sap altundin artuⱪ sɵyimǝn;
128 Xunga ⱨǝmmǝ ixlarni baxⱪuridiƣan barliⱪ kɵrsǝtmiliringni toƣra dǝp bilimǝn; Barliⱪ sahta yolni ɵq kɵrimǝn.
129 |פ| (Pe) Agaⱨ-guwaⱨliⱪliring karamǝttur; Xunga jenim ularƣa ǝgixidu.
130 Sɵzliringning yeximi nur elip kelidu; Nadanlarnimu yorutidu.
131 Aƣzimni eqip ⱨasirap kǝttim, Qünki ǝmrliringgǝ tǝxna bolup kǝldim.
132 Namingni sɵygǝnlǝrgǝ bolƣan aditing boyiqǝ, Jamalingni mǝn tǝrǝpkǝ ⱪaritip xǝpⱪǝt kɵrsǝtkǝysǝn.
133 Ⱪǝdǝmlirimni sɵzüng bilǝn toƣriliƣaysǝn; Üstümgǝ ⱨeq ⱪǝbiⱨlikni ⱨɵküm sürgüzmigǝysǝn.
134 Meni insanning zulumidin ⱪutuldurƣaysǝn, Xuning bilǝn Sening kɵrsǝtmiliringgǝ itaǝt ⱪilimǝn.
135 Jamalingning nurini ⱪulungning üstigǝ qaqturƣaysǝn; Manga bǝlgilimiliringni ɵgǝtkǝysǝn.
136 Kɵzlirimdin yax eriⱪliri aⱪidu, Qünki insanlar Tǝwrat-ⱪanunungƣa boysunmaydu.
137 |צ| (Tsadǝ) Ⱨǝⱪⱪaniydursǝn, i Pǝrwǝrdigar; Ⱨɵkümliring toƣridur.
138 Sǝn agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni ⱨǝⱪⱪaniyliⱪta buyruƣan; Ular tolimu ixǝnqliktur!
139 Otluⱪ muⱨǝbbitim ɵzümni yoⱪitidu, Qünki meni har ⱪilƣuqilar sɵzliringgǝ pisǝnt ⱪilmaydu.
140 Sɵzüng toluⱪ sinap ispatlanƣandur; Xunga ⱪulung uni sɵyidu.
141 Mǝn teriⱪtǝkturmǝn, kǝmsitilgǝnmǝn, Biraⱪ kɵrsǝtmiliringni untumaymǝn.
142 Sening ⱨǝⱪⱪaniyiting ǝbǝdiy bir ⱨǝⱪⱪaniyǝttur, Tǝwrat-ⱪanunung ⱨǝⱪiⱪǝttur.
143 Pexkǝllik wǝ azab manga qirmixiwaldi; Biraⱪ ǝmrliring mening hursǝnliklirimdur.
144 Sening agaⱨ-guwaⱨliⱪliringning ⱨǝⱪⱪaniyliⱪi ǝbǝdiydur; Yaxiƣin dǝp, meni yorutⱪaysǝn.
145 |ק| (Kof) Mǝn pütün ⱪǝlbim bilǝn Sanga nida ⱪildim, i Pǝrwǝrdigar; Manga jawab bǝrgǝysǝn; Mǝn bǝlgilimiliringni tutimǝn.
146 Mǝn Sanga nida ⱪilimǝn; Meni ⱪutⱪuzƣaysǝn; agaⱨ-guwaⱨliⱪliringƣa ǝgiximǝn.
147 Mǝn tang atmay ornumdin turup pǝryad kɵtürimǝn; Sɵz-kalamingƣa ümid baƣlidim.
148 Wǝdiliring üstidǝ seƣinip oylinix üqün, Tündiki jesǝklǝr almaxmay turup kɵzüm eqilidu.
149 Ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiting boyiqǝ awazimni angliƣaysǝn; I Pǝrwǝrdigar, ⱨɵkümliring boyiqǝ meni janlandurƣaysǝn.
150 Ⱪǝbiⱨ niyǝtkǝ ǝgǝxkǝnlǝr manga yeⱪinlaxti, Ular Tǝwrat-ⱪanunungdin yiraⱪtur.
151 I Pǝrwǝrdigar, Sǝn manga yeⱪin turisǝn; Barliⱪ ǝmrliring ⱨǝⱪiⱪǝttur.
152 Uzundin beri agaⱨ-guwaⱨliⱪliringdin ɵgǝndimki, Ularni mǝnggügǝ inawǝtlik ⱪilƣansǝn.
153 |ר| (Rǝx) Mening har bolƣinimni kɵrgǝysǝn, meni ⱪutuldurƣaysǝn; Qünki Tǝwrat-ⱪanunungni untumidim.
154 Mening dǝwayimni soriƣaysǝn, ⱨǝmjǝmǝt bolup meni ⱪutⱪuzƣaysǝn; Wǝdǝng boyiqǝ meni janlandurƣaysǝn.
155 Nijatliⱪ rǝzillǝrdin yiraⱪtur; Qünki ular bǝlgilimiliringni izdimǝydu.
156 Rǝⱨimdilliⱪliring kɵptur, i Pǝrwǝrdigar; Ⱨɵkümliring boyiqǝ meni janlandurƣaysǝn.
157 Manga ziyankǝxlik ⱪilƣuqilar ⱨǝm meni har ⱪilƣuqilar kɵptur; Biraⱪ agaⱨ-guwaⱨliⱪliringdin ⱨeq qǝtnimidim.
158 Mǝn asiyliⱪ ⱪilƣuqilarƣa ⱪarap yirgǝndim, Qünki ular sɵzüngni tutmaydu.
159 Sening kɵrsǝtmiliringni xunqǝ sɵygǝnlikimni kɵrgǝysǝn; Ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiting boyiqǝ meni janlandurƣaysǝn, i Pǝrwǝrdigar.
160 Sɵz-kalamingni mujǝssǝmligǝndǝ andin ⱨǝⱪiⱪǝt bolur; Sening ⱨǝrbir adil ⱨɵkümüng ǝbǝdiydur.
161 |ש| (Xiyn) Əmirlǝr bikardin-bikar manga ziyankǝxlik ⱪilidu; Biraⱪ yürikim kalaming aldidila titrǝydu.
Zǝbur 119 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)