Text copied!
Bibles in Uighur

زەبۇر 119:56-130 in Uighur

Help us?

زەبۇر 119:56-130 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

56 مەن بۇنىڭغا نېسىپ بولدۇم، چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭكە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
57 |ח| (خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم.
58 مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم؛ ۋەدەڭ بويىچە ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.
59 مەن يوللىرىڭ ئۈستىدە ئويلاندىم، ئاياغلىرىمنى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭغا قارىتىپ بۇرىدىم.
60 مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم، سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا.
61 رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن، مەن تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى ھېچ ئۇنتۇمىدىم.
62 ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن، تۈن كېچىدە تەشەككۈر ئېيتقىلى قوپىمەن.
63 مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ، كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن.
64 جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
65 |ט| (تەت) سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن.
66 ماڭا ئوبدان پەرق ئېتىشنى ۋە بىلىمنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن ئەمرلىرىڭگە ئىشەندىم.
67 مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان، بىراق ھازىر سۆزۈڭنى تۇتىمەن.
68 سەن مېھرىباندۇرسەن، مېھرىبانلىق قىلىسەن، ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
69 تەكەببۇرلار ماڭا قارا چاپلاشتى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىتائەت قىلىمەن.
70 ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى؛ بىراق مەن بولسام تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن.
71 ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم.
72 مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن‫‪‎-‎‬‬تەلىم، مىڭلىغان ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر.
73 |י| (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن.
74 سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم.
75 ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن.
76 ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن.
77 مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن، رەھىمدىللىقلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ چۈنكى تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.
78 تەكەببۇرلار خىجالەتتە قالسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا يالغانچىلىق بىلەن تەتۈرلۈك قىلغان؛ مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
79 سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەلسۇن؛ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولسۇن.
80 كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
81 |כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
82 كۆزۈم سۆز‫‪‎-‎‬‬ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ.
83 چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم، بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
84 قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟
85 تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛
86 سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
87 ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم.
88 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
89 |ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر.
90 سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
91 سېنىڭ ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر.
92 سېنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم.
93 مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛
94 مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم.
95 رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛ بىراق مەن ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىڭنى كۆڭلۈمدە تۇتۇپ ئويلايمەن.
96 مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛ بىراق سېنىڭ ئەمر‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر!
97 |מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر.
98 ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛
99 بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، چۈنكى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر.
100 مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن، چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
101 سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم.
102 ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛ چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن.
103 سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر!
104 كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
105 |נ| (نۇن) سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر.
106 قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن.
107 زور ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
108 قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
109 جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن.
110 رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم.
111 ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.
112 مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم.
113 |ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدۇر.
114 سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
115 مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار!
116 ياشىشىم ئۈچۈن، ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛ ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن.
117 مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن يۈرىمەن؛ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن.
118 بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر.
119 سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛ شۇڭا مەن ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن.
120 ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن.
121 |ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛
122 ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛ تەكەببۇرلارغا مېنى ئەزگۈزمىگەيسەن.
123 كۆزۈم نىجاتلىقىڭغا تەشنا بولۇپ، ھەم ھەققانىيىتىڭ توغرۇلۇق ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دەپ قالدى؛
124 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قۇلۇڭغا مۇئامىلە قىلغايسەن؛ بەلگىلىمىلىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن.
125 مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلىپ يېتىشىم ئۈچۈن مېنى يورۇتقايسەن.
126 پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى! چۈنكى ئۇلار تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
127 شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن، ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن؛
128 شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛ بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.
129 |פ| (پې) ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ.
130 سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛ نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ.
زەبۇر 119 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

Зәбур 119:56-130 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

Зәбур 119:56-130 don't exist in Муқеддес Калам (кирил йезиқ).
Зәбур 119 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

Zebur 119:56-130 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

56 Men buninggha nésip boldum, Chünki men körsetmiliringke itaet qilip keldim.
57 |ח| (Xet) Özüng méning nésiwemdursen, i Perwerdigar; «Séning söz-kalamingni tutay» — dédim.
58 Men pütün qelbim bilen didaringgha intilip yélindim; Wedeng boyiche manga shapaet körsetkeysen.
59 Men yolliring üstide oylandim, Ayaghlirimni agah-guwahliqliringgha qaritip buridim.
60 Men aldiridim, héch kéchikmidim, Séning emrliringge emel qilishqa.
61 Rezillerning asaretliri méni chirmiwalghini bilen, Men Tewrat-qanunungni héch untumidim.
62 Heqqaniy hökümliring üchün, Tün kéchide teshekkür éytqili qopimen.
63 Men Sendin qorqidighanlarning, Körsetmiliringge egeshkenlerning hemmisining ülpitidurmen.
64 Jahan, i Perwerdigar, Séning özgermes muhebbiting bilen toldi; Manga belgilimiliringni ögetkeysen.
65 |ט| (Tet) Söz-kalaming boyiche, i Perwerdigar, Öz qulunggha méhribanliqni körsitip kelgensen.
66 Manga obdan perq étishni we bilimni ögetkeysen; Chünki men emrliringge ishendim.
67 Men azabqa uchrashtin burun yoldin azghan, Biraq hazir sözüngni tutimen.
68 Sen méhribandursen, méhribanliq qilisen, Manga belgilimiliringni ögetkeysen.
69 Tekebburlar manga qara chaplashti; Biraq körsetmiliringge pütün qelbim bilen itaet qilimen.
70 Ularning qelbi tuymas bolup ketti; Biraq men bolsam Tewrat-qanunungni xursenlik dep bilimen.
71 Azabqa uchrighinim yaxshi boldi, Shuning bilen belgilimiliringni ögendim.
72 Men üchün aghzingdiki qanun-telim, Minglighan altun-kümüsh tenggidin ewzeldur.
73 |י| (Yod) Séning qolliring méni yasighan, méni mustehkemlidi; Méni yorutqaysen, emrliringni öginimen.
74 Sendin eyminidighanlar méni körüp shadlinidu; Chünki men söz-kalaminggha ümid baghlap keldim.
75 I Perwerdigar, Séning hökümliringning heqqaniy ikenlikini, Wapadarliqingdin méni azabqa salghiningni bilimen.
76 Ah, qulunggha bergen wedeng boyiche, Özgermes muhebbiting teselliyim bolsun.
77 Méning yashishim üchün, Rehimdilliqliring yénimgha kelsun; Chünki Tewrat-qanunung méning xursenlikimdur.
78 Tekebburlar xijalette qalsun; Chünki ular manga yalghanchiliq bilen tetürlük qilghan; Men bolsam, körsetmiliring üstide séghinip oylinimen.
79 Sendin eyminidighanlar men terepke burulup kelsun; Agah-guwahliqliringni bilgenlermu shundaq bolsun.
80 Könglüm belgilimiliringde mukemmel bolsun; Shuning bilen yerge qarap qalmaymen.
81 |כ| (Kaf) Jénim nijatliqinggha telmürüp halidin kétey dewatidu; Men söz-kalaminggha ümid baghlidim.
82 Közüm söz-wedengge telmürüp tügishey dédi, «Sen qachanmu manga teselli bérersen» — dep.
83 Chünki men islinip qurup ketken tulumdek boldum, Biraq belgilimiliringni untumaymen.
84 Qulungning künliri qanche bolidu? Manga ziyankeshlik qilghanlarni qachan jazalaysen?
85 Tekebburlar manga orilarni kolighan; Bu ishlar Tewratinggha muxaliptur;
86 Séning barliq emrliring ishenchliktur; Ular yolsizliq bilen méni qistimaqta; Manga yardem qilghaysen!
87 Ular méni yer yüzidin yoqatqili qil qaldi; Biraq men bolsam, körsetmiliringdin waz kechmidim.
88 Özgermes muhebbiting boyiche méni janlandurghaysen, We aghzingdiki agah-guwahliqliringni tutimen.
89 |ל| (Lamed) Menggüge, i Perwerdigar, Söz-kalaming ershlerde békitilgendur.
90 Séning sadaqiting dewrdin-dewrgichidur; Sen yer-zéminni muqim békitkensen, u mewjut bolup turidu.
91 Séning höküm-qanuniyetliring bilen bular bügünki kündimu turidu; Chünki barliq mewjudatlar Séning xizmitingdidur.
92 Séning Tewrat-qanunung xursenlikim bolmighan bolsa, Azabimda yoqap kéter idim.
93 Men Séning körsetmiliringni hergiz untumaymen; Chünki mushular arqiliq manga hayatliq berding;
94 Men Séningkidurmen, méni qutquzghaysen; Chünki men körsetmiliringni izdep keldim.
95 Reziller méni halak qilishni kütmekte; Biraq men agah-guwahliringni könglümde tutup oylaymen.
96 Men hemme mukemmellikning chéki bar dep bilip yettim; Biraq Séning emr-kalaming cheksiz kengdur!
97 |מ| (Mem) Ah, méning Tewrat-qanununggha bolghan muhebbitim neqeder chongqurdur! Kün boyi u méning séghinip oylaydighinimdur.
98 Emrliring herdaim men bilen bille turghachqa, Méni düshmenlirimdin dana qilidu;
99 Barliq ustazlirimdin köp yorutulghanmen, Chünki agah-guwahliring séghinishimdur.
100 Men qérilardin köprek chüshinimen, Chünki körsetmiliringge itaet qilip keldim.
101 Söz-kalaminggha emel qilishim üchün, Ayaghlirimni hemme yaman yoldin tarttim.
102 Hökümliringdin héch chiqmidim; Chünki manga ögetken Sen özüngdursen.
103 Sözliring tilimgha shunche shérin tétiydu! Aghzimda heseldin tatliqtur!
104 Körsetmiliringdin men yorutuldum; Shunga barliq saxta yolni öch körimen.
105 |נ| (Nun) Söz-kalaming ayighim aldidiki chiragh, Yolumgha nurdur.
106 Qesem ichtim, emel qilimenki, Men heqqaniy hökümliringni tutimen.
107 Zor azab-oqubetlerni chektim, i Perwerdigar; Söz-kalaming boyiche méni janlandurghaysen.
108 Qobul qilghaysen, i Perwerdigar, aghzimdiki xalis qurbanliqlarni, Manga hökümliringni ögetkeysen.
109 Jénimni aliqinimda daim élip yürimen, Biraq Tewrat-qanunungni peqet untumaymen.
110 Reziller men üchün qiltaq qurdi; Biraq körsetmiliringdin adashmidim.
111 Agah-guwahliqliringni miras qilip menggüge qobul qildim; Chünki ular könglümning shadliqidur.
112 Men könglümni belgilimiliringge menggüge emel qilishqa, Yeni axirghiche emel qilishqa mayil qildim.
113 |ס| (Sameq) Ala köngüllerni öch körüp keldim; Söyginim bolsa, Tewrat-qanunungdur.
114 Sen méning dalda jayim, méning qalqanimdursen; Söz-kalaminggha ümid baghlidim.
115 Men Xudayimning emrlirige emel qilishim üchün, Mendin néri bolunglar, i rezillik qilghuchilar!
116 Yashishim üchün, Wedeng boyiche méni yöligeysen; Ümidimning aldida méni yerge qaratmighaysen.
117 Méni qollap quwwetligeysen, shunda men aman-ésen yürimen; We belgilimiliringni herdaim qedirleymen.
118 Belgilimiliringdin azghanlarning hemmisini neziringdin saqit qilding; Chünki ularning aldamchiliqi quruqtur.
119 Sen yer yüzidiki barliq rezillerni dashqaldek shallap tazilaysen; Shunga men agah-guwahliqliringni söyimen.
120 Etlirim Séningdin bolghan eyminishtin titreydu; Hökümliringdin qorqup yürimen.
121 |ע| (Ayin) Men durus hökümlerni we adaletni yürgüzdum; Méni ezgüchilerge tashlap qoymighaysen;
122 Öz qulung üchün yaxshiliqqa kapalet bolghaysen; Tekebburlargha méni ezgüzmigeysen.
123 Közüm nijatliqinggha teshna bolup, Hem heqqaniyiting toghruluq wedengge telmürüp tügishey dep qaldi;
124 Özgermes muhebbiting bilen qulunggha muamile qilghaysen; Belgilimiliringni manga ögetkeysen.
125 Men Séning qulungdurmen; Agah-guwahliqliringni bilip yétishim üchün méni yorutqaysen.
126 Perwerdigar heriketke kélish waqti keldi! Chünki ular Tewrat-qanunungni bikar qiliwétidu.
127 Shu sewebtin emrliringni altundin artuq söyimen, Sap altundin artuq söyimen;
128 Shunga hemme ishlarni bashquridighan barliq körsetmiliringni toghra dep bilimen; Barliq saxta yolni öch körimen.
129 |פ| (Pé) Agah-guwahliqliring karamettur; Shunga jénim ulargha egishidu.
130 Sözliringning yéshimi nur élip kélidu; Nadanlarnimu yorutidu.
Zebur 119 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

Zǝbur 119:56-130 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)

56 Mǝn buningƣa nesip boldum, Qünki mǝn kɵrsǝtmiliringkǝ itaǝt ⱪilip kǝldim.
57 |ח| (Hǝt) Ɵzüng mening nesiwǝmdursǝn, i Pǝrwǝrdigar; «Sening sɵz-kalamingni tutay» — dedim.
58 Mǝn pütün ⱪǝlbim bilǝn didaringƣa intilip yelindim; Wǝdǝng boyiqǝ manga xapaǝt kɵrsǝtkǝysǝn.
59 Mǝn yolliring üstidǝ oylandim, Ayaƣlirimni agaⱨ-guwaⱨliⱪliringƣa ⱪaritip buridim.
60 Mǝn aldiridim, ⱨeq keqikmidim, Sening ǝmrliringgǝ ǝmǝl ⱪilixⱪa.
61 Rǝzillǝrning asarǝtliri meni qirmiwalƣini bilǝn, Mǝn Tǝwrat-ⱪanunungni ⱨeq untumidim.
62 Ⱨǝⱪⱪaniy ⱨɵkümliring üqün, Tün keqidǝ tǝxǝkkür eytⱪili ⱪopimǝn.
63 Mǝn Sǝndin ⱪorⱪidiƣanlarning, Kɵrsǝtmiliringgǝ ǝgǝxkǝnlǝrning ⱨǝmmisining ülpitidurmǝn.
64 Jaⱨan, i Pǝrwǝrdigar, Sening ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiting bilǝn toldi; Manga bǝlgilimiliringni ɵgǝtkǝysǝn.
65 |ט| (Tǝt) Sɵz-kalaming boyiqǝ, i Pǝrwǝrdigar, Ɵz ⱪulungƣa meⱨribanliⱪni kɵrsitip kǝlgǝnsǝn.
66 Manga obdan pǝrⱪ etixni wǝ bilimni ɵgǝtkǝysǝn; Qünki mǝn ǝmrliringgǝ ixǝndim.
67 Mǝn azabⱪa uqraxtin burun yoldin azƣan, Biraⱪ ⱨazir sɵzüngni tutimǝn.
68 Sǝn meⱨribandursǝn, meⱨribanliⱪ ⱪilisǝn, Manga bǝlgilimiliringni ɵgǝtkǝysǝn.
69 Tǝkǝbburlar manga ⱪara qaplaxti; Biraⱪ kɵrsǝtmiliringgǝ pütün ⱪǝlbim bilǝn itaǝt ⱪilimǝn.
70 Ularning ⱪǝlbi tuymas bolup kǝtti; Biraⱪ mǝn bolsam Tǝwrat-ⱪanunungni hursǝnlik dǝp bilimǝn.
71 Azabⱪa uqriƣinim yahxi boldi, Xuning bilǝn bǝlgilimiliringni ɵgǝndim.
72 Mǝn üqün aƣzingdiki ⱪanun-tǝlim, Mingliƣan altun-kümüx tǝnggidin ǝwzǝldur.
73 |י| (Yod) Sening ⱪolliring meni yasiƣan, meni mustǝⱨkǝmlidi; Meni yorutⱪaysǝn, ǝmrliringni ɵginimǝn.
74 Sǝndin ǝyminidiƣanlar meni kɵrüp xadlinidu; Qünki mǝn sɵz-kalamingƣa ümid baƣlap kǝldim.
75 I Pǝrwǝrdigar, Sening ⱨɵkümliringning ⱨǝⱪⱪaniy ikǝnlikini, Wapadarliⱪingdin meni azabⱪa salƣiningni bilimǝn.
76 Aⱨ, ⱪulungƣa bǝrgǝn wǝdǝng boyiqǝ, Ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiting tǝsǝlliyim bolsun.
77 Mening yaxixim üqün, Rǝⱨimdilliⱪliring yenimƣa kǝlsun; Qünki Tǝwrat-ⱪanunung mening hursǝnlikimdur.
78 Tǝkǝbburlar hijalǝttǝ ⱪalsun; Qünki ular manga yalƣanqiliⱪ bilǝn tǝtürlük ⱪilƣan; Mǝn bolsam, kɵrsǝtmiliring üstidǝ seƣinip oylinimǝn.
79 Sǝndin ǝyminidiƣanlar mǝn tǝrǝpkǝ burulup kǝlsun; Agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni bilgǝnlǝrmu xundaⱪ bolsun.
80 Kɵnglüm bǝlgilimiliringdǝ mukǝmmǝl bolsun; Xuning bilǝn yǝrgǝ ⱪarap ⱪalmaymǝn.
81 |כ| (Kaf) Jenim nijatliⱪingƣa tǝlmürüp ⱨalidin ketǝy dǝwatidu; Mǝn sɵz-kalamingƣa ümid baƣlidim.
82 Kɵzüm sɵz-wǝdǝnggǝ tǝlmürüp tügixǝy dedi, «Sǝn ⱪaqanmu manga tǝsǝlli berǝrsǝn» — dǝp.
83 Qünki mǝn islinip ⱪurup kǝtkǝn tulumdǝk boldum, Biraⱪ bǝlgilimiliringni untumaymǝn.
84 Ⱪulungning künliri ⱪanqǝ bolidu? Manga ziyankǝxlik ⱪilƣanlarni ⱪaqan jazalaysǝn?
85 Tǝkǝbburlar manga orilarni koliƣan; Bu ixlar Tǝwratingƣa muhaliptur;
86 Sening barliⱪ ǝmrliring ixǝnqliktur; Ular yolsizliⱪ bilǝn meni ⱪistimaⱪta; Manga yardǝm ⱪilƣaysǝn!
87 Ular meni yǝr yüzidin yoⱪatⱪili ⱪil ⱪaldi; Biraⱪ mǝn bolsam, kɵrsǝtmiliringdin waz kǝqmidim.
88 Ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiting boyiqǝ meni janlandurƣaysǝn, Wǝ aƣzingdiki agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni tutimǝn.
89 |ל| (Lamǝd) Mǝnggügǝ, i Pǝrwǝrdigar, Sɵz-kalaming ǝrxlǝrdǝ bekitilgǝndur.
90 Sening sadaⱪiting dǝwrdin-dǝwrgiqidur; Sǝn yǝr-zeminni muⱪim bekitkǝnsǝn, u mǝwjut bolup turidu.
91 Sening ⱨɵküm-ⱪanuniyǝtliring bilǝn bular bügünki kündimu turidu; Qünki barliⱪ mǝwjudatlar Sening hizmitingdidur.
92 Sening Tǝwrat-ⱪanunung hursǝnlikim bolmiƣan bolsa, Azabimda yoⱪap ketǝr idim.
93 Mǝn Sening kɵrsǝtmiliringni ⱨǝrgiz untumaymǝn; Qünki muxular arⱪiliⱪ manga ⱨayatliⱪ bǝrding;
94 Mǝn Seningkidurmǝn, meni ⱪutⱪuzƣaysǝn; Qünki mǝn kɵrsǝtmiliringni izdǝp kǝldim.
95 Rǝzillǝr meni ⱨalak ⱪilixni kütmǝktǝ; Biraⱪ mǝn agaⱨ-guwaⱨliringni kɵnglümdǝ tutup oylaymǝn.
96 Mǝn ⱨǝmmǝ mukǝmmǝllikning qeki bar dǝp bilip yǝttim; Biraⱪ Sening ǝmr-kalaming qǝksiz kǝngdur!
97 |מ| (Mǝm) Aⱨ, mening Tǝwrat-ⱪanunungƣa bolƣan muⱨǝbbitim nǝⱪǝdǝr qongⱪurdur! Kün boyi u mening seƣinip oylaydiƣinimdur.
98 Əmrliring ⱨǝrdaim mǝn bilǝn billǝ turƣaqⱪa, Meni düxmǝnlirimdin dana ⱪilidu;
99 Barliⱪ ustazlirimdin kɵp yorutulƣanmǝn, Qünki agaⱨ-guwaⱨliring seƣiniximdur.
100 Mǝn ⱪerilardin kɵprǝk qüxinimǝn, Qünki kɵrsǝtmiliringgǝ itaǝt ⱪilip kǝldim.
101 Sɵz-kalamingƣa ǝmǝl ⱪilixim üqün, Ayaƣlirimni ⱨǝmmǝ yaman yoldin tarttim.
102 Ⱨɵkümliringdin ⱨeq qiⱪmidim; Qünki manga ɵgǝtkǝn Sǝn ɵzüngdursǝn.
103 Sɵzliring tilimƣa xunqǝ xerin tetiydu! Aƣzimda ⱨǝsǝldin tatliⱪtur!
104 Kɵrsǝtmiliringdin mǝn yorutuldum; Xunga barliⱪ sahta yolni ɵq kɵrimǝn.
105 |נ| (Nun) Sɵz-kalaming ayiƣim aldidiki qiraƣ, Yolumƣa nurdur.
106 Ⱪǝsǝm iqtim, ǝmǝl ⱪilimǝnki, Mǝn ⱨǝⱪⱪaniy ⱨɵkümliringni tutimǝn.
107 Zor azab-oⱪubǝtlǝrni qǝktim, i Pǝrwǝrdigar; Sɵz-kalaming boyiqǝ meni janlandurƣaysǝn.
108 Ⱪobul ⱪilƣaysǝn, i Pǝrwǝrdigar, aƣzimdiki halis ⱪurbanliⱪlarni, Manga ⱨɵkümliringni ɵgǝtkǝysǝn.
109 Jenimni aliⱪinimda daim elip yürimǝn, Biraⱪ Tǝwrat-ⱪanunungni pǝⱪǝt untumaymǝn.
110 Rǝzillǝr mǝn üqün ⱪiltaⱪ ⱪurdi; Biraⱪ kɵrsǝtmiliringdin adaxmidim.
111 Agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni miras ⱪilip mǝnggügǝ ⱪobul ⱪildim; Qünki ular kɵnglümning xadliⱪidur.
112 Mǝn kɵnglümni bǝlgilimiliringgǝ mǝnggügǝ ǝmǝl ⱪilixⱪa, Yǝni ahirƣiqǝ ǝmǝl ⱪilixⱪa mayil ⱪildim.
113 |ס| (Samǝⱪ) Ala kɵngüllǝrni ɵq kɵrüp kǝldim; Sɵyginim bolsa, Tǝwrat-ⱪanunungdur.
114 Sǝn mening dalda jayim, mening ⱪalⱪanimdursǝn; Sɵz-kalamingƣa ümid baƣlidim.
115 Mǝn Hudayimning ǝmrlirigǝ ǝmǝl ⱪilixim üqün, Mǝndin neri bolunglar, i rǝzillik ⱪilƣuqilar!
116 Yaxixim üqün, Wǝdǝng boyiqǝ meni yɵligǝysǝn; Ümidimning aldida meni yǝrgǝ ⱪaratmiƣaysǝn.
117 Meni ⱪollap ⱪuwwǝtligǝysǝn, xunda mǝn aman-esǝn yürimǝn; Wǝ bǝlgilimiliringni ⱨǝrdaim ⱪǝdirlǝymǝn.
118 Bǝlgilimiliringdin azƣanlarning ⱨǝmmisini nǝziringdin saⱪit ⱪilding; Qünki ularning aldamqiliⱪi ⱪuruⱪtur.
119 Sǝn yǝr yüzidiki barliⱪ rǝzillǝrni daxⱪaldǝk xallap tazilaysǝn; Xunga mǝn agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni sɵyimǝn.
120 Ətlirim Seningdin bolƣan ǝyminixtin titrǝydu; Ⱨɵkümliringdin ⱪorⱪup yürimǝn.
121 |ע| (Ayin) Mǝn durus ⱨɵkümlǝrni wǝ adalǝtni yürgüzdum; Meni ǝzgüqilǝrgǝ taxlap ⱪoymiƣaysǝn;
122 Ɵz ⱪulung üqün yahxiliⱪⱪa kapalǝt bolƣaysǝn; Tǝkǝbburlarƣa meni ǝzgüzmigǝysǝn.
123 Kɵzüm nijatliⱪingƣa tǝxna bolup, Ⱨǝm ⱨǝⱪⱪaniyiting toƣruluⱪ wǝdǝnggǝ tǝlmürüp tügixǝy dǝp ⱪaldi;
124 Ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiting bilǝn ⱪulungƣa muamilǝ ⱪilƣaysǝn; Bǝlgilimiliringni manga ɵgǝtkǝysǝn.
125 Mǝn Sening ⱪulungdurmǝn; Agaⱨ-guwaⱨliⱪliringni bilip yetixim üqün meni yorutⱪaysǝn.
126 Pǝrwǝrdigar ⱨǝrikǝtkǝ kelix waⱪti kǝldi! Qünki ular Tǝwrat-ⱪanunungni bikar ⱪiliwetidu.
127 Xu sǝwǝbtin ǝmrliringni altundin artuⱪ sɵyimǝn, Sap altundin artuⱪ sɵyimǝn;
128 Xunga ⱨǝmmǝ ixlarni baxⱪuridiƣan barliⱪ kɵrsǝtmiliringni toƣra dǝp bilimǝn; Barliⱪ sahta yolni ɵq kɵrimǝn.
129 |פ| (Pe) Agaⱨ-guwaⱨliⱪliring karamǝttur; Xunga jenim ularƣa ǝgixidu.
130 Sɵzliringning yeximi nur elip kelidu; Nadanlarnimu yorutidu.
Zǝbur 119 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)