58 مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «ماننا»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «ماننا»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!
59 بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى.
60 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا: ــ بۇ تەلىم بەك ئېغىر ئىكەن! بۇنى كىم ئاڭلاپ كۆتۈرەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى.