Text copied!
Bibles in Uighur

يۇھاننا 6:5-70 in Uighur

Help us?

يۇھاننا 6:5-70 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

5 ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن‫‪:‬‬ ــ بۇلارغا يەيدىغانغا ناننى نەدىن ئالىمىز؟ ــ دەپ سورىدى
6 (لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى فىلىپنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى).
7 فىلىپ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ، ھەربىرىگە كىچىككىنە بىر چىشلەمدىن يېيىشكىمۇ يەتمەيدۇ!
8 مۇخلىسلاردىن بىرى، يەنى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئەيساغا‫‪:‬‬
9 ــ بۇ يەردە كىچىك بىر ئوغۇل بالا بار، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى كىچىك بېلىق بار. لېكىن شۇنچە كۆپ خەلققە بۇ نېمە بولىدۇ؟! ــ دېدى.
10 ئەيسا‫‪:‬‬ ــ كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى (ئۇ يەردە ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ مول ئۆسكەنىدى). شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىلەر ئولتۇردى؛ ئۇلارنىڭ سانى بەش مىڭچە بار ئىدى.
11 ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى.
12 ھەممەيلەن يەپ تويۇنغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا‫‪:‬‬ ــ ئاشقان پارچىلارنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، ــ دېدى.
13 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەش ئارپا نېنىدىن يەپ ئاشقان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى.
14 ئەمدى خالايىق ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامىتىنى كۆرۈپ‫‪:‬‬ «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى.   
15 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ بولۇشقا زورلىماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا يالغۇز چىقىپ كەتتى.
16 كەچقۇرۇن، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى دېڭىز بويىغا چۈشۈشتى.
17 ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى (قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى ۋە ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى).
18 قاتتىق بوران چىقىپ، دېڭىز دولقۇنلاپ كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى.
19 مۇخلىسلار پالاق ئۇرۇپ ئون‫‪‎-‎‬‬ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا، ئەيسانىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇشۇپ كەتتى.
20 لېكىن ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى.
21 شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىۋالغۇسى كەلدى؛ ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى.  
22 ئەتىسى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە قالغان خالايىق ئالدىنقى كۈنى ئۇ يەردە ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى چىققان كېمىدىن باشقا كېمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى شۇ كېمىگە چىققاندا، ئەيسانىڭ ئۇلار بىللە چىقمىغانلىقىنى، بەلكى مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىلا كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدى.
23 ھالبۇكى، بىرنەچچە كېمە‫‪‎-‎‬‬قولۋاق تىبېرىياس شەھىرىدىن رەب تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن خەلق نان يېگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى.
24 شۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيسانىڭ ۋە مۇخلىسلىرىنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى كۆرۈپلا، كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ئەيسانى ئىزدىگىلى كەپەرناھۇم شەھىرىگە ماڭدى.
25 ئۇلار ئۇنى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە تېپىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭ؟ ــ دەپ سوراشتى.
26 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن يەپ تويۇنغىنىڭلار ئۈچۈن ئىزدەيسىلەر.
27 بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى.
28 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ نېمىگە ئىنتىلىپ ئىشلىسەك ئاندىن خۇدانىڭ ئىش‫‪‎-‎‬‬خىزمىتىدە ئىشلىگەن بولىمىز؟ ــ دەپ سوراشتى.
29 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ خۇدانىڭ ئىش‫‪‎-‎‬‬خىزمىتى دەل شۇكى، ئۇ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشىڭلاردۇر، ــ دېدى.
30 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا سەن بىزنى كۆرۈپ ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرگۈدەك قانداق مۆجىزىلىك ئالامەت يارىتىسەن؟ زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرىسەن؟
31 ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، زەبۇردا‫‪:‬‬ «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى.  
32 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ناننى بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئاتامدۇر؛ ئۇ ھازىرمۇ سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى بېرىۋاتىدۇ.
33 چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر.
34 ــ تەقسىر، ھەمىشە بىزگە شۇ ناننى بېرىپ تۇرغايسەن! ــ دېيىشتى ئۇلار.
35 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.
36 لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.
37 ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.
38 چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.
39 مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا دەل شۇكى، ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن ھېچبىرىنى يىتتۈرمەي، بەلكى ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت.   
40 چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن.
41 ئەمدى يەھۇدىيلار ئەيسانىڭ‫‪:‬‬ «ئەرشتىن چۈشكەن نان ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غوتۇلدىشىشقا باشلىدى‫‪:‬‬
42 ــ «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە‫‪:‬‬ ــ «ئەرشتىن چۈشتۈم!» دېسۇن؟» ــ دېيىشەتتى ئۇلار.
43 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ توغرامدا ئۆزئارا غوتۇلداشماڭلار.
44 مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تارتقۇزمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ؛ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەربىرىنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن.
45 پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا‫‪:‬‬ «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ سۆزىنى تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ.
46 بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر.  
47 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر.
48 ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن.
49 ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار چۆللەردە «ماننا» يېگىنى بىلەن يەنىلا ئۆلدى.
50 لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ.
51 ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت‫‪‎-‎‬‬تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن.
52 بۇ سۆز بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزئارا تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىش قىلىشىقا باشلاپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆزىنىڭ ئەت‫‪‎-‎‬‬تېنىنى قانداق بېرەلىسۇن؟! ــ دېيىشەتتى.
53 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت‫‪‎-‎‬‬تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ.
54 ئەت‫‪‎-‎‬‬تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن.   
55 چۈنكى ئەت‫‪‎-‎‬‬تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر.
56 ئەت‫‪‎-‎‬‬تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن.
57 ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ.
58 مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار يېگەن «ماننا»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «ماننا»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!
59 بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى.
60 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا‫‪:‬‬ ــ بۇ تەلىم بەك ئېغىر ئىكەن! بۇنى كىم ئاڭلاپ كۆتۈرەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى.
61 بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟
62 ئەمدى مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايغا كۆتۈرۈلۈۋاتقىنىنى كۆرسەڭلار، قانداق بولار؟!
63 ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر.   
64 لېكىن ئاراڭلاردىن ئېتىقاد قىلمىغان بەزىلەر بار، ــ دېدى (چۈنكى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغاننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشتىلا بىلەتتى).
65 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مەن شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتتىمكى، ئاتامدىن ئاتا قىلىنمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ!
66 شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇخلىسلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ماڭمايدىغان بولدى.
67 شۇڭا ئەيسا ئون ئىككىيلەندىن‫‪:‬‬ ــ سىلەرمۇ، ھەم مەندىن كېتىشنى خالامسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
68 سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر!
69 ۋە شۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىدۇرسەن! ــ دېدى.
70 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم ئەمەسمۇ، بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر! ــ دېدى   
يۇھاننا 6 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

Юһанна 6:5-70 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

5 Әйса бешини көтирип, зор бир топ халайиқниң өзиниң алдиға келиватқанлиғини көрүп, Филиптин: — Буларға йәйдиғанға нанни нәдин алимиз? — дәп сориди
6 (лекин у бу сөзни Филипни синаш үчүн ейтқан еди. Чүнки у өзиниң немә қилидиғанлиғини биләтти).
7 Филип җавапән: — Икки йүз динарға нан алсақму, һәр биригә кичиккинә бир чишләмдин йейишкиму йәтмәйду!
8 Мухлислардин бири, йәни Симон Петрусниң иниси Андрияс Әйсаға:
9 — Бу йәрдә кичик бир оғул бала бар, униңда бәш арпа нан билән икки кичик белиқ бар. Лекин шунчә көп хәлиққә бу немә болиду?! — деди.
10 Әйса: — Көпчиликни олтарғузуңлар, — деди (у йәрдә от-чөп мол өскән еди). Шуниң билән әр кишиләр олтарди; уларниң сани бәш миңчә бар еди.
11 Әйса нанларни қолиға елип, Худаға тәшәккүр ейтқандин кейин, олтарғанларға үләштүрүп бәрди. Белиқларниму шундақ қилди; көпчилик халиғанчә йеди.
12 Һәммәйлән йәп тоюнғанда, у мухлислириға: — Ашқан парчиларни жиғиңлар, һеч нәрсә зайә болмисун, — деди.
13 Шуниң билән улар бәш арпа ненидин йәп ашқан парчилирини он икки севәткә толдуруп жиғивалди.
14 Әнди халайиқ Әйсаниң көрсәткән бу мөҗизилик аламитини көрүп: «Дунияға келиши муқәррәр болған пәйғәмбәр һәқиқәтән мошу екән!» дейишти.   
15 Шуниң билән Әйса уларниң келип өзини падишаһ болушқа зорлимақчи болғанлиғини билип, улардин айрилип, қайтидин таққа ялғуз чиқип кәтти.
16 Кәчқурун, Әйсаниң мухлислири деңиз бойиға чүшүшти.
17 Улар бир кемигә олтирип, деңизниң у қетидики Кәпәрнаһум шәһиригә қарап йол елишти (қараңғу чүшүп кәткән еди вә Әйса техичә уларниң йениға кәлмигән еди).
18 Қаттиқ боран чиқип, деңиз долқунлап көтириливататти.
19 Мухлислар палақ уруп он-он бир чақиримчә маңғанда, Әйсаниң деңизниң үстидә меңип кемигә йеқинлишиватқанлиғини көрүп, қорқушуп кәтти.
20 Лекин у уларға: — Бу мән, қорқмаңлар! — деди.
21 Шуни аңлап улар уни кемигә чиқиривалғуси кәлди; у кемигә чиқипла, кемә дәрһал улар баридиған йәргә йетип барди.  
22 Әтиси деңизниң у тәрипидә қалған халайиқ алдинқи күни у йәрдә Әйсаниң мухлислири чиққан кемидин башқа кеминиң йоқлуғини, Әйсаниң мухлислири шу кемигә чиққанда, Әйсаниң улар биллә чиқмиғанлиғини, бәлки мухлислириниң өзлирила кәткәнлигини көргән еди.
23 Һалбуки, бир нәччә кемә-қолвақ Тиберияс шәһиридин Рәб тәшәккүр ейтқандин кейин хәлиқ нан йегән йәргә йеқин келип тохтиди.
24 Шуниң билән халайиқ Әйсаниң вә мухлислириниң у йәрдә йоқлуғини көрүпла, кемиләргә олтирип, Әйсани издигили Кәпәрнаһум шәһиригә маңди.
25 Улар уни деңизниң у тәрипидә тепип униңға: — Устаз, бу йәргә қачан кәлдиң? — дәп сорашти.
26 Әйса уларға җавапән: — Бәрһәқ, бәрһәқ, мән силәргә шуни ейтип қояйки, силәр мени мөҗизилик аламәтләрни көргәнлигиңлар үчүн әмәс, бәлки нанлардин йәп тоюнғиниңлар үчүн издәйсиләр.
27 Бузулуп кетидиған паний озуқлуққа әмәс, бәлки мәңгү һаятлиққа бақий қалидиған озуқлуққа интилип ишләңлар; буни Инсаноғли силәргә бериду; чүнки уни Ата, йәни Худа Өзи мөһүрләп тәстиқлиған, — деди.
28 Шуниң билән улар униңдин: — Немигә интилип ишлисәк андин Худаниң иш-хизмитидә ишлигән болимиз? — дәп сорашти.
29 Әйса уларға җавап берип: — Худаниң иш-хизмити дәл шуки, У әвәткинигә етиқат қилишиңлардур, — деди.
30 Шуниң билән улар йәнә: — Ундақ болса сән бизни көрүп өзүңгә ишәндүргидәк қандақ мөҗизилик аламәт яритисән? Зади немә иш қилип берисән?
31 Ата-бовилиримиз чөлдә жүргәндә, Зәбурда: «У уларға әрштин чүшүрүлгән нан тәқдим қилди» дәп пүтүлгәндәк, «манна»ни йегән — дейишти.  
32 Әйса уларға мундақ деди: — Бәрһәқ, бәрһәқ, мән силәргә шуни ейтип қояйки, силәргә асмандин чүшкән нанни бәргүчи Муса әмәс, бәлки мениң Атамдур; У һазирму силәргә асмандин чүшкән һәқиқий нанни бериватиду.
33 Чүнки Худаниң нени болса пүткүл дунияға һаятлиқ ата қилидиған, әрштин чүшкүчидур.
34 — Тәхсир, һемишә бизгә шу нанни берип турғайсән! — дейишти улар.
35 Әйса уларға мундақ деди: — Һаятлиқ нени өзүмдурмән! Мениң йенимға кәлгән һәр ким һеч қачан ач қалмайду, маңа етиқат қилған һәр ким һеч қачан уссимайду.
36 Лекин силәргә ейтқинимдәк, силәр мени көргән болсаңларму, етиқат қилмайватисиләр.
37 Ата маңа тапшурғанларниң һәр бири йенимға келиду вә мениң йенимға кәлгәнләрдин һеч қайсисини һәргиз ташливәтмәймән.
38 Чүнки өз ирадәмни әмәс, бәлки мени Әвәткүчиниң ирадисини әмәлгә ашуруш үчүн әрштин чүштүм.
39 Мени Әвәткүчиниң ирадиси болса дәл шуки, униң маңа тапшурғанлиридин һеч бирини жүтүрмәй, бәлки ахирқи күни уларниң һәммисини тирилдүрүшүмдин ибарәт.   
40 Чүнки мениң Атамниң ирадиси шуки, Оғулға көз тикип қарап, униңға етиқат қилғанларниң һәр бирини мәңгүлүк һаятқа ериштүрүштур; вә мән ахирқи күни уларни тирилдүримән.
41 Әнди Йәһудийлар Әйсаниң: «Әрштин чүшкән нан өзүмдурмән!» дегини үчүн униңға нарази болуп ғотулдишишқа башлиди:
42 — «Бу Йүсүпниң оғли Әйса әмәсму? Атисиниму, анисиниму тонуйдиған турсақ, йәнә қандақларчә: — «Әрштин чүштүм!» десун?» — дейишәтти улар.
43 Әйса җавапән уларға мундақ деди: — Мениң тоғрамда өз ара ғотулдашмаңлар.
44 Мени әвәткән Ата Өзи кишиләрниң қәлбини тартқузмиса, һеч ким мениң йенимға келәлмәйду; мениң йенимға кәлгән һәр бирини ахирқи күни тирилдүримән.
45 Пәйғәмбәрләрниң язмилирида: «Уларниң һәммисигә Худа тәрипидин үгитилиду» дәп пүтүлгәндур. Шуңа, Атиниң сөзини тиңшиған вә униңдин үгәнгән һәр бири мениң йенимға келиду.
46 Бирақ бу бирәрким Атини көргән дегәнлик әмәс; пәқәт Худаниң йенидин кәлгүчи болса, у Атини көргәндур.  
47 Бәрһәқ, бәрһәқ, мән силәргә шуни ейтип қояйки, маңа етиқат қилғучи мәңгүлүк һаятқа егидур.
48 Һаятлиқ нени өзүмдурмән.
49 Ата-бовилириңлар чөлләрдә «манна» йегини билән йәнила өлди.
50 Лекин мана, әрштин чүшкән нан дәл шундақки, бириси униңдин йегән болса өлмәйду.
51 Әрштин чүшкән һаятлиқ нени өзүмдурмән; кимдәким бу нандин йесә, әбәдил-әбәтгичә яшайду. Мән беридиған шу нан болса мениң әт-тенимдур, пүткүл дуниядикиләр һаятқа егә болсун дәп, мән уни атимақчимән.
52 Бу сөз билән Йәһудийлар өз ара талаш-тартиш қилишиқа башлап: — Бу адәм бизниң йейишимизгә өзиниң әт-тенини қандақ берәлисун?! — дейишәтти.
53 Шуңа Әйса уларға мундақ деди: — Бәрһәқ, бәрһәқ, мән силәргә шуни ейтип қояйки, силәр Инсаноғлиниң әт-тенини йемигичә вә қенини ичмигичә, силәрдә һаятлиқ болмайду.
54 Әт-тенимни йегүчи вә қенимни ичкүчи мәңгүлүк һаятқа еришкән болиду вә мән уни ахирқи күни тирилдүримән.   
55 Чүнки әт-теним һәқиқий озуқлуқ, қеним болса һәқиқий ичимликтур.
56 Әт-тенимни йегүчи вә қенимни ичкүчи мәндә яшайду вә мәнму униңда яшаймән.
57 Һаят Ата мени әвәткән вә мән Атиниң болғанлиғидин яшаватқинимдәк, мени йегүчи киши һәм мениң васитәм билән яшайду.
58 Мана бу әрштин чүшкән нандур. Бу нан ата-бовилириңлар йегән «манна»дәк әмәс; чүнки улар «манна»ни йейиши билән өлди; бирақ бу нанни истемал қилғучи болса мәңгү яшайду!
59 Бу сөзләрни у Кәпәрнаһумдики синагогда тәлим бәргинидә ейтқан еди.
60 Шуниң билән униң мухлислиридин нурғунлири буни аңлиғанда: — Бу тәлим бәк еғир екән! Буни ким аңлап көтирәлисун? — дейишти.
61 Бирақ өз ичидә мухлислириниң бу тоғрисида ғотулдашқинини билгән Әйса уларға: — Бу сөзүм силәрни тайдурдиму?
62 Әнди мабада Инсаноғлиниң әсли кәлгән җайға көтириливатқинини көрсәңлар, қандақ болар?!
63 Инсанға һаятлиқ бәргүчи — Роһтур. Инсанниң әтлири болса һеч қандақ пайда бәрмәйду. Мән силәргә ейтқан сөзлирим болса һәм роһтур вә һәм һаятлиқтур.   
64 Лекин араңлардин етиқат қилмиған бәзиләр бар, — деди (чүнки Әйса етиқат қилмиғанларниң вә өзигә сатқунлуқ қилидиғанниң ким екәнлигини баштила биләтти).
65 Шуниң билән у мундақ деди: — Мән шу сәвәптин силәргә шуни ейттимки, Атамдин ата қилинмиса, һеч ким мениң йенимға келәлмәйду!
66 Шу вақиттин тартип мухлислиридин хелә көпи чекинип чиқип, униң билән йәнә маңмайдиған болди.
67 Шуңа Әйса он иккиләндин: — Силәрму, һәм мәндин кетишни халамсиләр? — дәп сориди.
68 Симон Петрус униңға җавап қилип: — И Рәб, биз кимниң йениға кетәттуқ? Мәңгү һаятлиқ сөзлири сәндилидур!
69 Вә шуниңға ишәндуқ вә шуни билип йәттуқки, сән Худаниң Муқәддәс Болғучисидурсән! — деди.
70 Әйса уларға җавапән: — Мән силәр он иккиңларни таллидим әмәсму, бирақ араңларда бириси Иблистур! — деди   
Юһанна 6 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

Yuhanna 6:5-70 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

5 Eysa béshini kötürüp, zor bir top xalayiqning özining aldigha kéliwatqanliqini körüp, Filiptin: — Bulargha yeydighan'gha nanni nedin alimiz? — dep soridi
6 (lékin u bu sözni Filipni sinash üchün éytqanidi. Chünki u özining néme qilidighanliqini biletti).
7 Filip jawaben: — Ikki yüz dinargha nan alsaqmu, herbirige kichikkine bir chishlemdin yéyishkimu yetmeydu!
8 Muxlislardin biri, yeni Simon Pétrusning inisi Andriyas Eysagha:
9 — Bu yerde kichik bir oghul bala bar, uningda besh arpa nan bilen ikki kichik béliq bar. Lékin shunche köp xelqqe bu néme bolidu?! — dédi.
10 Eysa: — Köpchilikni olturghuzunglar, — dédi (u yerde ot-chöp mol öskenidi). Shuning bilen er kishiler olturdi; ularning sani besh mingche bar idi.
11 Eysa nanlarni qoligha élip, Xudagha teshekkür éytqandin kéyin, olturghanlargha üleshtürüp berdi. Béliqlarnimu shundaq qildi; köpchilik xalighanche yédi.
12 Hemmeylen yep toyun'ghanda, u muxlislirigha: — Ashqan parchilarni yighinglar, héch nerse zaye bolmisun, — dédi.
13 Shuning bilen ular besh arpa nénidin yep ashqan parchilirini on ikki séwetke toldurup yighiwaldi.
14 Emdi xalayiq Eysaning körsetken bu möjizilik alamitini körüp: «Dunyagha kélishi muqerrer bolghan peyghember heqiqeten mushu iken!» déyishti.   
15 Shuning bilen Eysa ularning kélip özini padishah bolushqa zorlimaqchi bolghanliqini bilip, ulardin ayrilip, qaytidin taghqa yalghuz chiqip ketti.
16 Kechqurun, Eysaning muxlisliri déngiz boyigha chüshüshti.
17 Ular bir kémige olturup, déngizning u qétidiki Kepernahum shehirige qarap yol élishti (qarangghu chüshüp ketkenidi we Eysa téxiche ularning yénigha kelmigenidi).
18 Qattiq boran chiqip, déngiz dolqunlap kötürülüwatatti.
19 Muxlislar palaq urup on-on bir chaqirimche mangghanda, Eysaning déngizning üstide méngip kémige yéqinlishiwatqanliqini körüp, qorqushup ketti.
20 Lékin u ulargha: — Bu men, qorqmanglar! — dédi.
21 Shuni anglap ular uni kémige chiqiriwalghusi keldi; u kémige chiqipla, kéme derhal ular baridighan yerge yétip bardi.  
22 Etisi déngizning u teripide qalghan xalayiq aldinqi küni u yerde Eysaning muxlisliri chiqqan kémidin bashqa kémining yoqluqini, Eysaning muxlisliri shu kémige chiqqanda, Eysaning ular bille chiqmighanliqini, belki muxlislirining özlirila ketkenlikini körgenidi.
23 Halbuki, birnechche kéme-qolwaq Tibériyas shehiridin Reb teshekkür éytqandin kéyin xelq nan yégen yerge yéqin kélip toxtidi.
24 Shuning bilen xalayiq Eysaning we muxlislirining u yerde yoqluqini körüpla, kémilerge olturup, Eysani izdigili Kepernahum shehirige mangdi.
25 Ular uni déngizning u teripide tépip uninggha: — Ustaz, bu yerge qachan kelding? — dep sorashti.
26 Eysa ulargha jawaben: — Berheq, berheq, men silerge shuni éytip qoyayki, siler méni möjizilik alametlerni körgenlikinglar üchün emes, belki nanlardin yep toyun'ghininglar üchün izdeysiler.
27 Buzulup kétidighan paniy ozuqluqqa emes, belki menggü hayatliqqa baqiy qalidighan ozuqluqqa intilip ishlenglar; buni Insanoghli silerge béridu; chünki uni Ata, yeni Xuda Özi möhürlep testiqlighan, — dédi.
28 Shuning bilen ular uningdin: — Némige intilip ishlisek andin Xudaning ish-xizmitide ishligen bolimiz? — dep sorashti.
29 Eysa ulargha jawab bérip: — Xudaning ish-xizmiti del shuki, U ewetkinige étiqad qilishinglardur, — dédi.
30 Shuning bilen ular yene: — Undaq bolsa sen bizni körüp özüngge ishendürgüdek qandaq möjizilik alamet yaritisen? Zadi néme ish qilip bérisen?
31 Ata-bowilirimiz chölde yürgende, Zeburda: «U ulargha ershtin chüshürülgen nan teqdim qildi» dep pütülgendek, «manna»ni yégen — déyishti.  
32 Eysa ulargha mundaq dédi: — Berheq, berheq, men silerge shuni éytip qoyayki, silerge asmandin chüshken nanni bergüchi Musa emes, belki méning Atamdur; U hazirmu silerge asmandin chüshken heqiqiy nanni bériwatidu.
33 Chünki Xudaning néni bolsa pütkül dunyagha hayatliq ata qilidighan, ershtin chüshküchidur.
34 — Teqsir, hemishe bizge shu nanni bérip turghaysen! — déyishti ular.
35 Eysa ulargha mundaq dédi: — Hayatliq néni özümdurmen! Méning yénimgha kelgen herkim héchqachan ach qalmaydu, manga étiqad qilghan herkim héchqachan ussimaydu.
36 Lékin silerge éytqinimdek, siler méni körgen bolsanglarmu, étiqad qilmaywatisiler.
37 Ata manga tapshurghanlarning herbiri yénimgha kélidu we méning yénimgha kelgenlerdin héchqaysisini hergiz tashliwetmeymen.
38 Chünki öz irademni emes, belki méni Ewetküchining iradisini emelge ashurush üchün ershtin chüshtüm.
39 Méni Ewetküchining iradisi bolsa del shuki, uning manga tapshurghanliridin héchbirini yittürmey, belki axirqi küni ularning hemmisini tirildürüshümdin ibaret.   
40 Chünki méning Atamning iradisi shuki, Oghulgha köz tikip qarap, uninggha étiqad qilghanlarning herbirini menggülük hayatqa érishtürüshtur; we men axirqi küni ularni tirildürimen.
41 Emdi Yehudiylar Eysaning: «Ershtin chüshken nan özümdurmen!» dégini üchün uninggha narazi bolup ghotuldishishqa bashlidi:
42 — «Bu Yüsüpning oghli Eysa emesmu? Atisinimu, anisinimu tonuydighan tursaq, yene qandaqlarche: — «Ershtin chüshtüm!» désun?» — déyishetti ular.
43 Eysa jawaben ulargha mundaq dédi: — Méning toghramda özara ghotuldashmanglar.
44 Méni ewetken Ata Özi kishilerning qelbini tartquzmisa, héchkim méning yénimgha kélelmeydu; méning yénimgha kelgen herbirini axirqi küni tirildürimen.
45 Peyghemberlerning yazmilirida: «Ularning hemmisige Xuda teripidin ögitilidu» dep pütülgendur. Shunga, Atining sözini tingshighan we uningdin ögen'gen herbiri méning yénimgha kélidu.
46 Biraq bu birerkim Atini körgen dégenlik emes; peqet Xudaning yénidin kelgüchi bolsa, u Atini körgendur.  
47 Berheq, berheq, men silerge shuni éytip qoyayki, manga étiqad qilghuchi menggülük hayatqa igidur.
48 Hayatliq néni özümdurmen.
49 Ata-bowiliringlar chöllerde «manna» yégini bilen yenila öldi.
50 Lékin mana, ershtin chüshken nan del shundaqki, birsi uningdin yégen bolsa ölmeydu.
51 Ershtin chüshken hayatliq néni özümdurmen; kimdekim bu nandin yése, ebedilebedgiche yashaydu. Men béridighan shu nan bolsa méning et-ténimdur, pütkül dunyadikiler hayatqa ige bolsun dep, men uni atimaqchimen.
52 Bu söz bilen Yehudiylar özara talash-tartish qilishiqa bashlap: — Bu adem bizning yéyishimizge özining et-ténini qandaq bérelisun?! — déyishetti.
53 Shunga Eysa ulargha mundaq dédi: — Berheq, berheq, men silerge shuni éytip qoyayki, siler Insanoghlining et-ténini yémigüche we qénini ichmigüche, silerde hayatliq bolmaydu.
54 Et-ténimni yégüchi we qénimni ichküchi menggülük hayatqa érishken bolidu we men uni axirqi küni tirildürimen.   
55 Chünki et-ténim heqiqiy ozuqluq, qénim bolsa heqiqiy ichimliktur.
56 Et-ténimni yégüchi we qénimni ichküchi mende yashaydu we menmu uningda yashaymen.
57 Hayat Ata méni ewetken we men Atining bolghanliqidin yashawatqinimdek, méni yégüchi kishi hem méning wasitem bilen yashaydu.
58 Mana bu ershtin chüshken nandur. Bu nan ata-bowiliringlar yégen «manna»dek emes; chünki ular «manna»ni yéyishi bilen öldi; biraq bu nanni istémal qilghuchi bolsa menggü yashaydu!
59 Bu sözlerni u Kepernahumdiki sinagogda telim berginide éytqanidi.
60 Shuning bilen uning muxlisliridin nurghunliri buni anglighanda: — Bu telim bek éghir iken! Buni kim anglap kötürelisun? — déyishti.
61 Biraq öz ichide muxlislirining bu toghrisida ghotuldashqinini bilgen Eysa ulargha: — Bu sözüm silerni taydurdimu?
62 Emdi mubada Insanoghlining esli kelgen jaygha kötürülüwatqinini körsenglar, qandaq bolar?!
63 Insan'gha hayatliq bergüchi — Rohtur. Insanning etliri bolsa héchqandaq payda bermeydu. Men silerge éytqan sözlirim bolsa hem rohtur we hem hayatliqtur.   
64 Lékin aranglardin étiqad qilmighan beziler bar, — dédi (chünki Eysa étiqad qilmighanlarning we özige satqunluq qilidighanning kim ikenlikini bashtila biletti).
65 Shuning bilen u mundaq dédi: — Men shu sewebtin silerge shuni éyttimki, Atamdin ata qilinmisa, héchkim méning yénimgha kélelmeydu!
66 Shu waqittin tartip muxlisliridin xéli köpi chékinip chiqip, uning bilen yene mangmaydighan boldi.
67 Shunga Eysa on ikkiylendin: — Silermu, hem mendin kétishni xalamsiler? — dep soridi.
68 Simon Pétrus uninggha jawab qilip: — I Reb, biz kimning yénigha kétettuq? Menggü hayatliq sözliri sendilidur!
69 We shuninggha ishenduq we shuni bilip yettuqki, sen Xudaning Muqeddes Bolghuchisidursen! — dédi.
70 Eysa ulargha jawaben: — Men siler on ikkinglarni tallidim emesmu, biraq aranglarda birsi Iblistur! — dédi   
Yuhanna 6 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

Yuⱨanna 6:5-70 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)

5 Əysa bexini kɵtürüp, zor bir top halayiⱪning ɵzining aldiƣa keliwatⱪanliⱪini kɵrüp, Filiptin: — Bularƣa yǝydiƣanƣa nanni nǝdin alimiz? — dǝp soridi
6 (lekin u bu sɵzni Filipni sinax üqün eytⱪanidi. Qünki u ɵzining nemǝ ⱪilidiƣanliⱪini bilǝtti).
7 Filip jawabǝn: — Ikki yüz dinarƣa nan alsaⱪmu, ⱨǝrbirigǝ kiqikkinǝ bir qixlǝmdin yeyixkimu yǝtmǝydu!
8 Muhlislardin biri, yǝni Simon Petrusning inisi Andriyas Əysaƣa:
9 — Bu yǝrdǝ kiqik bir oƣul bala bar, uningda bǝx arpa nan bilǝn ikki kiqik beliⱪ bar. Lekin xunqǝ kɵp hǝlⱪⱪǝ bu nemǝ bolidu?! — dedi.
10 Əysa: — Kɵpqilikni olturƣuzunglar, — dedi (u yǝrdǝ ot-qɵp mol ɵskǝnidi). Xuning bilǝn ǝr kixilǝr olturdi; ularning sani bǝx mingqǝ bar idi.
11 Əysa nanlarni ⱪoliƣa elip, Hudaƣa tǝxǝkkür eytⱪandin keyin, olturƣanlarƣa ülǝxtürüp bǝrdi. Beliⱪlarnimu xundaⱪ ⱪildi; kɵpqilik haliƣanqǝ yedi.
12 Ⱨǝmmǝylǝn yǝp toyunƣanda, u muhlisliriƣa: — Axⱪan parqilarni yiƣinglar, ⱨeq nǝrsǝ zayǝ bolmisun, — dedi.
13 Xuning bilǝn ular bǝx arpa nenidin yǝp axⱪan parqilirini on ikki sewǝtkǝ toldurup yiƣiwaldi.
14 Əmdi halayiⱪ Əysaning kɵrsǝtkǝn bu mɵjizilik alamitini kɵrüp: «Dunyaƣa kelixi muⱪǝrrǝr bolƣan pǝyƣǝmbǝr ⱨǝⱪiⱪǝtǝn muxu ikǝn!» deyixti.   
15 Xuning bilǝn Əysa ularning kelip ɵzini padixaⱨ boluxⱪa zorlimaⱪqi bolƣanliⱪini bilip, ulardin ayrilip, ⱪaytidin taƣⱪa yalƣuz qiⱪip kǝtti.
16 Kǝqⱪurun, Əysaning muhlisliri dengiz boyiƣa qüxüxti.
17 Ular bir kemigǝ olturup, dengizning u ⱪetidiki Kǝpǝrnaⱨum xǝⱨirigǝ ⱪarap yol elixti (ⱪarangƣu qüxüp kǝtkǝnidi wǝ Əysa tehiqǝ ularning yeniƣa kǝlmigǝnidi).
18 Ⱪattiⱪ boran qiⱪip, dengiz dolⱪunlap kɵtürülüwatatti.
19 Muhlislar palaⱪ urup on-on bir qaⱪirimqǝ mangƣanda, Əysaning dengizning üstidǝ mengip kemigǝ yeⱪinlixiwatⱪanliⱪini kɵrüp, ⱪorⱪuxup kǝtti.
20 Lekin u ularƣa: — Bu mǝn, ⱪorⱪmanglar! — dedi.
21 Xuni anglap ular uni kemigǝ qiⱪiriwalƣusi kǝldi; u kemigǝ qiⱪipla, kemǝ dǝrⱨal ular baridiƣan yǝrgǝ yetip bardi.  
22 Ətisi dengizning u tǝripidǝ ⱪalƣan halayiⱪ aldinⱪi küni u yǝrdǝ Əysaning muhlisliri qiⱪⱪan kemidin baxⱪa kemining yoⱪluⱪini, Əysaning muhlisliri xu kemigǝ qiⱪⱪanda, Əysaning ular billǝ qiⱪmiƣanliⱪini, bǝlki muhlislirining ɵzlirila kǝtkǝnlikini kɵrgǝnidi.
23 Ⱨalbuki, birnǝqqǝ kemǝ-ⱪolwaⱪ Tiberiyas xǝⱨiridin Rǝb tǝxǝkkür eytⱪandin keyin hǝlⱪ nan yegǝn yǝrgǝ yeⱪin kelip tohtidi.
24 Xuning bilǝn halayiⱪ Əysaning wǝ muhlislirining u yǝrdǝ yoⱪluⱪini kɵrüpla, kemilǝrgǝ olturup, Əysani izdigili Kǝpǝrnaⱨum xǝⱨirigǝ mangdi.
25 Ular uni dengizning u tǝripidǝ tepip uningƣa: — Ustaz, bu yǝrgǝ ⱪaqan kǝlding? — dǝp soraxti.
26 Əysa ularƣa jawabǝn: — Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, silǝr meni mɵjizilik alamǝtlǝrni kɵrgǝnlikinglar üqün ǝmǝs, bǝlki nanlardin yǝp toyunƣininglar üqün izdǝysilǝr.
27 Buzulup ketidiƣan paniy ozuⱪluⱪⱪa ǝmǝs, bǝlki mǝnggü ⱨayatliⱪⱪa baⱪiy ⱪalidiƣan ozuⱪluⱪⱪa intilip ixlǝnglar; buni Insanoƣli silǝrgǝ beridu; qünki uni Ata, yǝni Huda Ɵzi mɵⱨürlǝp tǝstiⱪliƣan, — dedi.
28 Xuning bilǝn ular uningdin: — Nemigǝ intilip ixlisǝk andin Hudaning ix-hizmitidǝ ixligǝn bolimiz? — dǝp soraxti.
29 Əysa ularƣa jawab berip: — Hudaning ix-hizmiti dǝl xuki, U ǝwǝtkinigǝ etiⱪad ⱪilixinglardur, — dedi.
30 Xuning bilǝn ular yǝnǝ: — Undaⱪ bolsa sǝn bizni kɵrüp ɵzünggǝ ixǝndürgüdǝk ⱪandaⱪ mɵjizilik alamǝt yaritisǝn? Zadi nemǝ ix ⱪilip berisǝn?
31 Ata-bowilirimiz qɵldǝ yürgǝndǝ, Zǝburda: «U ularƣa ǝrxtin qüxürülgǝn nan tǝⱪdim ⱪildi» dǝp pütülgǝndǝk, «manna»ni yegǝn — deyixti.  
32 Əysa ularƣa mundaⱪ dedi: — Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, silǝrgǝ asmandin qüxkǝn nanni bǝrgüqi Musa ǝmǝs, bǝlki mening Atamdur; U ⱨazirmu silǝrgǝ asmandin qüxkǝn ⱨǝⱪiⱪiy nanni beriwatidu.
33 Qünki Hudaning neni bolsa pütkül dunyaƣa ⱨayatliⱪ ata ⱪilidiƣan, ǝrxtin qüxküqidur.
34 — Tǝⱪsir, ⱨǝmixǝ bizgǝ xu nanni berip turƣaysǝn! — deyixti ular.
35 Əysa ularƣa mundaⱪ dedi: — Ⱨayatliⱪ neni ɵzümdurmǝn! Mening yenimƣa kǝlgǝn ⱨǝrkim ⱨeqⱪaqan aq ⱪalmaydu, manga etiⱪad ⱪilƣan ⱨǝrkim ⱨeqⱪaqan ussimaydu.
36 Lekin silǝrgǝ eytⱪinimdǝk, silǝr meni kɵrgǝn bolsanglarmu, etiⱪad ⱪilmaywatisilǝr.
37 Ata manga tapxurƣanlarning ⱨǝrbiri yenimƣa kelidu wǝ mening yenimƣa kǝlgǝnlǝrdin ⱨeqⱪaysisini ⱨǝrgiz taxliwǝtmǝymǝn.
38 Qünki ɵz iradǝmni ǝmǝs, bǝlki meni Əwǝtküqining iradisini ǝmǝlgǝ axurux üqün ǝrxtin qüxtüm.
39 Meni Əwǝtküqining iradisi bolsa dǝl xuki, uning manga tapxurƣanliridin ⱨeqbirini yittürmǝy, bǝlki ahirⱪi küni ularning ⱨǝmmisini tirildürüxümdin ibarǝt.   
40 Qünki mening Atamning iradisi xuki, Oƣulƣa kɵz tikip ⱪarap, uningƣa etiⱪad ⱪilƣanlarning ⱨǝrbirini mǝnggülük ⱨayatⱪa erixtürüxtur; wǝ mǝn ahirⱪi küni ularni tirildürimǝn.
41 Əmdi Yǝⱨudiylar Əysaning: «Ərxtin qüxkǝn nan ɵzümdurmǝn!» degini üqün uningƣa narazi bolup ƣotuldixixⱪa baxlidi:
42 — «Bu Yüsüpning oƣli Əysa ǝmǝsmu? Atisinimu, anisinimu tonuydiƣan tursaⱪ, yǝnǝ ⱪandaⱪlarqǝ: — «Ərxtin qüxtüm!» desun?» — deyixǝtti ular.
43 Əysa jawabǝn ularƣa mundaⱪ dedi: — Mening toƣramda ɵzara ƣotuldaxmanglar.
44 Meni ǝwǝtkǝn Ata Ɵzi kixilǝrning ⱪǝlbini tartⱪuzmisa, ⱨeqkim mening yenimƣa kelǝlmǝydu; mening yenimƣa kǝlgǝn ⱨǝrbirini ahirⱪi küni tirildürimǝn.
45 Pǝyƣǝmbǝrlǝrning yazmilirida: «Ularning ⱨǝmmisigǝ Huda tǝripidin ɵgitilidu» dǝp pütülgǝndur. Xunga, Atining sɵzini tingxiƣan wǝ uningdin ɵgǝn'gǝn ⱨǝrbiri mening yenimƣa kelidu.
46 Biraⱪ bu birǝrkim Atini kɵrgǝn degǝnlik ǝmǝs; pǝⱪǝt Hudaning yenidin kǝlgüqi bolsa, u Atini kɵrgǝndur.  
47 Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, manga etiⱪad ⱪilƣuqi mǝnggülük ⱨayatⱪa igidur.
48 Ⱨayatliⱪ neni ɵzümdurmǝn.
49 Ata-bowiliringlar qɵllǝrdǝ «manna» yegini bilǝn yǝnila ɵldi.
50 Lekin mana, ǝrxtin qüxkǝn nan dǝl xundaⱪki, birsi uningdin yegǝn bolsa ɵlmǝydu.
51 Ərxtin qüxkǝn ⱨayatliⱪ neni ɵzümdurmǝn; kimdǝkim bu nandin yesǝ, ǝbǝdilǝbǝdgiqǝ yaxaydu. Mǝn beridiƣan xu nan bolsa mening ǝt-tenimdur, pütkül dunyadikilǝr ⱨayatⱪa igǝ bolsun dǝp, mǝn uni atimaⱪqimǝn.
52 Bu sɵz bilǝn Yǝⱨudiylar ɵzara talax-tartix ⱪilixiⱪa baxlap: — Bu adǝm bizning yeyiximizgǝ ɵzining ǝt-tenini ⱪandaⱪ berǝlisun?! — deyixǝtti.
53 Xunga Əysa ularƣa mundaⱪ dedi: — Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, silǝr Insanoƣlining ǝt-tenini yemigüqǝ wǝ ⱪenini iqmigüqǝ, silǝrdǝ ⱨayatliⱪ bolmaydu.
54 Ət-tenimni yegüqi wǝ ⱪenimni iqküqi mǝnggülük ⱨayatⱪa erixkǝn bolidu wǝ mǝn uni ahirⱪi küni tirildürimǝn.   
55 Qünki ǝt-tenim ⱨǝⱪiⱪiy ozuⱪluⱪ, ⱪenim bolsa ⱨǝⱪiⱪiy iqimliktur.
56 Ət-tenimni yegüqi wǝ ⱪenimni iqküqi mǝndǝ yaxaydu wǝ mǝnmu uningda yaxaymǝn.
57 Ⱨayat Ata meni ǝwǝtkǝn wǝ mǝn Atining bolƣanliⱪidin yaxawatⱪinimdǝk, meni yegüqi kixi ⱨǝm mening wasitǝm bilǝn yaxaydu.
58 Mana bu ǝrxtin qüxkǝn nandur. Bu nan ata-bowiliringlar yegǝn «manna»dǝk ǝmǝs; qünki ular «manna»ni yeyixi bilǝn ɵldi; biraⱪ bu nanni istemal ⱪilƣuqi bolsa mǝnggü yaxaydu!
59 Bu sɵzlǝrni u Kǝpǝrnaⱨumdiki sinagogda tǝlim bǝrginidǝ eytⱪanidi.
60 Xuning bilǝn uning muhlisliridin nurƣunliri buni angliƣanda: — Bu tǝlim bǝk eƣir ikǝn! Buni kim anglap kɵtürǝlisun? — deyixti.
61 Biraⱪ ɵz iqidǝ muhlislirining bu toƣrisida ƣotuldaxⱪinini bilgǝn Əysa ularƣa: — Bu sɵzüm silǝrni taydurdimu?
62 Əmdi mubada Insanoƣlining ǝsli kǝlgǝn jayƣa kɵtürülüwatⱪinini kɵrsǝnglar, ⱪandaⱪ bolar?!
63 Insanƣa ⱨayatliⱪ bǝrgüqi — Roⱨtur. Insanning ǝtliri bolsa ⱨeqⱪandaⱪ payda bǝrmǝydu. Mǝn silǝrgǝ eytⱪan sɵzlirim bolsa ⱨǝm roⱨtur wǝ ⱨǝm ⱨayatliⱪtur.   
64 Lekin aranglardin etiⱪad ⱪilmiƣan bǝzilǝr bar, — dedi (qünki Əysa etiⱪad ⱪilmiƣanlarning wǝ ɵzigǝ satⱪunluⱪ ⱪilidiƣanning kim ikǝnlikini baxtila bilǝtti).
65 Xuning bilǝn u mundaⱪ dedi: — Mǝn xu sǝwǝbtin silǝrgǝ xuni eyttimki, Atamdin ata ⱪilinmisa, ⱨeqkim mening yenimƣa kelǝlmǝydu!
66 Xu waⱪittin tartip muhlisliridin heli kɵpi qekinip qiⱪip, uning bilǝn yǝnǝ mangmaydiƣan boldi.
67 Xunga Əysa on ikkiylǝndin: — Silǝrmu, ⱨǝm mǝndin ketixni halamsilǝr? — dǝp soridi.
68 Simon Petrus uningƣa jawab ⱪilip: — I Rǝb, biz kimning yeniƣa ketǝttuⱪ? Mǝnggü ⱨayatliⱪ sɵzliri sǝndilidur!
69 Wǝ xuningƣa ixǝnduⱪ wǝ xuni bilip yǝttuⱪki, sǝn Hudaning Muⱪǝddǝs Bolƣuqisidursǝn! — dedi.
70 Əysa ularƣa jawabǝn: — Mǝn silǝr on ikkinglarni tallidim ǝmǝsmu, biraⱪ aranglarda birsi Iblistur! — dedi   
Yuⱨanna 6 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)