Text copied!
Bibles in Uighur

پادىشاھلار «1» 8:17-62 in Uighur

Help us?

پادىشاھلار «1» 8:17-62 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

17 ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬نىيىتى بار ئىدى.
18 بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا‫‪:‬‬ «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛
19 ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى.
20 مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم.
21 ئۆيدە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر جاينى راستلىدىم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختىلىرى باردۇر».
22 ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ
23 مۇنداق دۇئا قىلدى‫‪:‬‬ ــ «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن.
24 چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭگە مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەمەل قىلدىڭ.
25 ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا‫‪:‬‬ ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك ماڭىدىغان بولسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن.
26 ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن!
27 لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟!
28 لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ بۈگۈن ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن؛
29 شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن‫‪:‬‬ «مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە ئايان بولسۇن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن.   
30 قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجىسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
31 ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست‫‪‎-‎‬‬يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە،
32 سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھقا تارتىپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ، ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن.
33 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، ساڭا قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا،
34 سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن.
35 ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا،
36 سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن!
37 ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا،
38 سېنىڭ خەلقىڭ بولغان ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق كىشى ئۆز كۆڭلىدىكى ۋابانى بىلىپ، ئۇلاردىن ھەرقايسى كىشى قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، ھەرقانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلغان بولسا،
39 ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، يالغۇز سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛
40 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقىدىغان بولىدۇ.
41 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ تۈپەيلىدىن يىراق‫‪‎-‎‬‬يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا
42 (چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ توغرىسىدا ئاڭلىيلايدۇ)، ــ ئۇنداق بىرسى كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا،
43 سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ.
44 ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا،
45 سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن.
46 ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق‫‪‎-‎‬‬يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا،
47 لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس‫‪‎-‎‬‬ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا‫‪:‬‬ ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا،
48 ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغان دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ، ساڭا قاراپ دۇئا قىلسا،
49 سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ،
50 ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى، ساڭا ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا رەھىم تاپقۇزغايسەنكى، شۇلار ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن
51 (چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭ مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش پېچىدىن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ ۋە ئۆز مىراسىڭدۇر)؛
52 سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ئوچۇق بولغاي، ئۇلار ھەر ئىشتا ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىدە ئۇلارغا قۇلاق سالغايسەن؛
53 چۈنكى سەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!».
54 سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ،
55 ئۆرە تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
56 «ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى!
57 پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز بىلەن بولغاندەك بىز بىلەن بىللە بولغاي؛ ئۇ نە بىزدىن ۋاز كەچمىسۇن نە بىزنى تاشلىمىسۇن؛
58 بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبىمىزنى ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۆزى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تۇتۇشقا ئۆزىگە مايىل قىلغاي؛
59 مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلغان بۇ سۆزلىرىم كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىدا تۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، خەلقىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كۈندىكى دەردىگە يەتكەيسەن؛
60 شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر پەرۋەردىگار ئۆزى خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېچقايسىسى يوقتۇر دەپ بىلگەي،
61 شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!».
62 ۋە پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى قىلدى.
پادىشاھلار «1» 8 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

Падишаһлар «1» 8:17-62 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

17 Әнди атам Давутниң Исраилниң Худаси Пәрвәрдигарниң намиға атап бир өй селиш арзу-нийити бар еди.
18 Бирақ Пәрвәрдигар атам Давутқа: «Көңлүңдә Мениң намимға бир өй ясашқа қилған нийитиң яхшидур;
19 амма шу өйни сән ясимайсән, бәлки сениң пуштуңдин болидиған оғлуң, у Мениң намимға атап шу өйни салиду», дегән еди.
20 Мана әнди Пәрвәрдигар Өз сөзигә әмәл қилди. Мән Пәрвәрдигар вәдә қилғинидәк, атамниң орнини бесип, Исраилниң тәхтигә олтардим; Исраилниң Худаси Пәрвәрдигарниң намиға атап бу өйни салдим.
21 Өйдә әһдә сандуғи үчүн бир җайни растлидим; әһдә сандуғи ичидә Пәрвәрдигарниң ата-бовилиримизни Мисир зиминидин елип чиққанда, улар билән түзгән әһдә тахтилири бардур».
22 Андин Сулайман Исраилниң барлиқ җамаитигә йүзлинип, Пәрвәрдигарниң қурбангаһиниң алдида туруп, қоллирини асманға қаритип көтирип
23 мундақ дуа қилди: — «И Исраилниң Худаси Пәрвәрдигар! Нә жуқуриқи асманда нә төвәнки йәрдә сәндәк Худа йоқтур; алдиңда пүтүн қәлби билән маңидиған қуллириң үчүн әһдәңдә туруп өзгәрмәс муһәббитиңни көрсәткүчисән.
24 Чүнки Сән Өз қулуң атам Давутқа бәргән вәдидә турдуң; Сән Өз ағзиң билән ейтқан сөзүңгә мана бүгүнкидәк Өз қолуң билән әмәл қилдиң.
25 Әнди һазир, и Исраилниң Худаси Пәрвәрдигар, Өз қулуң атам Давутқа: — «Әгәр сениң әвлатлириң өз йоллириға сәгәк болуп сән Мениң алдимда маңғандәк маңидиған болса, саңа әвладиңдин Исраилниң тәхтидә олтиридиған бир зат кам болмайду» дәп бәргән вәдәңдә турғайсән.
26 Әнди һазир, и Исраилниң Худаси, Сән қулуң Давутқа ейтқан сөзлириң әмәлгә ашурулғай, дәп өтүнимән!
27 Лекин Худа Өзи растла йәр йүзидә макан қиламду? Мана, асманлар билән асманларниң асмини сени сиғдуралмиған йәрдә, мән ясиған бу өй қандақму Сениң маканиң болалисун?!
28 Лекин и Пәрвәрдигар Худайим, қулуңниң дуаси билән илтиҗасиға қулақ селип, қулуңниң бүгүн Саңа көтәргән нидаси вә тилигини аңлиғайсән;
29 шуниң билән Өз көзлириңни кечә-күндүз бу өйгә, йәни Сән: «Мениң намим у йәрдә аян болсун» дәп ейтқан җайға кечә-күндүз тиккәйсән; Өз қулуңниң у җайға қарап қилған дуасиға қулақ салғайсән.   
30 қулуң вә хәлқиң Исраил бу җайға қарап дуа қилған чағда, уларниң илтиҗисиға қулақ селип, Өз маканиң қилған асманлардин туруп аңлиғайсән, аңлиғиниңда уларни кәчүргәйсән.
31 Әгәр бириси өз хошнисиға гуна қилса вә шундақла ишниң раст-ялғанлиғини бекитиш үчүн қәсәм ичкүзүлсә, бу қәсәм бу өйдики қурбангаһиңниң алдиға кәлсә,
32 Сән қәсәмни асманда туруп аңлап, амал қилип өз бәндилириң оттурисида һөкүм чиқарғайсән; гунайи бар адәмни гунаға тартип, өз йолини өз бешиға яндуруп, гунасиз адәмни ақлап, өз адиллиғиға қарап униңға һәққини бәргәйсән.
33 Өз хәлқиң Исраил Сениң алдиңда гуна қилғини үчүн дүшмәндин йеңилсә, Саңа қайтип бу өйдә туруп, намиңни етирап қилип, Саңа дуа билән илтиҗа қилса,
34 Сән асманда аңлап, Өз хәлқиң Исраилниң гунайини кәчүрүп, уларни Сән ата-бовилириға тәқдим қилған зиминға қайтуруп кәлгәйсән.
35 Улар Саңа гуна қилғини үчүн асман етилип ямғур яғмайдиған қиливетилгән болса, лекин улар бу җайға қарап Саңа дуа қилип намиңни етирап қилип, Сениң уларни қийинчилиққа салғиниң түпәйлидин өз гунайидин йенип товва қилса,
36 Сән асманда туруп қулақ селип, қуллириңниң вә хәлқиң Исраилниң гунайини кәчүргәйсән; чүнки Сән уларға меңиш керәк болған яхши йолни үгитисән вә Өз хәлқиңгә мирас қилип бәргән зиминниң үстигә ямғур яғдурисән!
37 Әгәр зиминда ачарчилиқ я ваба болса, я зираәтләр Дан алмиса я һал чүшсә я уни чекәткиләр яки чекәткә личинкилири бесивалса, я дүшмәнләр уларниң зиминдики шәһәрлириниң қовуқлириға һуҗум қилип қоршивалса, я һәр қандақ апәт я кесәллик болса,
38 Сениң хәлқиң болған Исраилдики һәр қандақ киши өз көңлидики вабани билип, улардин һәр қайси киши қоллирини бу өйгә сунуп, һәр қандақ дуа яки илтиҗа қилған болса,
39 әнди Сән туруватқан маканиң асманда туруп аңлап, кәчүрүм қилғайсән; Сән һәр бир адәмниң қәлбини билгәчкә, амал қилип өзиниң йоллирини өзигә яндурғайсән (чүнки Сәнла, ялғуз Сәнла һәммә инсан балилириниң қәлблирини билгүчидурсән);
40 шундақ қилип, улар Сән ата-бовилиримизға тәқдим қилған зиминда олтирип өмриниң һәммә күнлиридә сәндин қорқидиған болиду.
41 Өз хәлқиң Исраилдин болмиған, Сениң улуқ намиң түпәйлидин жирақ-жирақлардин кәлгән мусапир болса
42 (чүнки улар Сениң улуқ намиң, қудрәтлик қолуң вә созған билигиң тоғрисида аңлийлайду), — ундақ бириси келип бу өй тәрәпкә қарап дуа қилса,
43 Сән туруватқан маканиң болған асманларда униңға қулақ селип, у мусапир Саңа нида қилип тилигининиң һәммисигә мувапиқ қилғайсән; шуниң билән йәр йүзидики барлиқ әлләр намиңни тонуп йетип, Өз хәлқиң Исраилдәк Сәндин қорқидиған болуп, мән ясиған бу өйниң Сениң намиң билән аталғинини билиду.
44 Әгәр Сениң хәлқиң Сениң тапшуруғуң билән дүшмини билән җәң қилишқа чиққанда, Сән таллиған бу шәһәргә, шундақла мән намиңға атап ясиған бу өй тәрәпкә қарап Сән Пәрвәрдигарға дуа қилса,
45 Сән асманларда туруп уларниң дуаси билән илтиҗасиға қулақ селип, уларни нусрәткә ериштүргәйсән.
46 Әгәр улар саңа гуна садир қилған болса (чүнки гуна қилмайдиған һечкиши йоқтур) Сән уларға ғәзәплинип, уларни дүшмәнлириниң қолиға тапшурған болсаң, булар уларни жирақ-йеқинға, өзлириниң зиминиға сүргүн қилип елип барған болса,
47 лекин улар сүргүн қилинған жутта әс-һошини тепип товва қилип, өзи сүргүн болған жутта Саңа: — Биз гуна қилип, қәбиһликкә берилип Сәндин йүз өрүп кәттуқ, дәп йелинса,
48 — әгәр уларни сүргүн қилған дүшмәнлириниң зиминида пүтүн қәлби вә пүтүн җенидин Сениң тәрипиңгә йенип, Сән уларниң ата-бовилириға тәқдим қилған зиминға, Сән таллиған шәһәр тәрәпкә вә мән намиңға атап ясиған бу өй тәрәпкә йүзини қилип, Саңа қарап дуа қилса,
49 Сән туруватқан маканиң болған асманларда туруп уларниң дуаси вә илтиҗасини аңлап улар үчүн һөкүм чиқирип,
50 Өз хәлқиңниң Саңа садир қилған гунайини, Саңа өткүзгән һәммә итаәтсизликлирини кәчүрүм қилғайсән вә уларни сүргүн қилғанларниң алдида уларға рәһим тапқузғайсәнки, шулар уларға рәһим қилсун
51 (чүнки улар Өзүң Мисирдин, йәни төмүр тавлаш печидин чиқарған Өз хәлқиң вә Өз мирасиңдур);
52 Сениң көзлириң Өз қулуңниң илтиҗасиға вә Өз хәлқиңниң илтиҗасиға очуқ болғай, улар һәр ишта саңа нида қилип тилигинидә уларға қулақ салғайсән;
53 чүнки Сән ата-бовилиримизни Мисирдин чиқарғиниңда Өз қулуң Муса арқилиқ ейтқиниңдәк, Сән хәлқиңни Өзүңгә хас мирасиң болсун дәп, йәр йүзидики һәммә әлләр арисидин уларни айрим елип таллидиң, и Рәб Пәрвәрдигар!».
54 Сулайман Пәрвәрдигарға шу барлиқ дуа вә илтиҗалирини қилип болғанда, қоллирини асманға қарап көтирип Пәрвәрдигарниң қурбангаһиниң алдида тизлинип турған йәрдин қопуп,
55 өрә туруп Исраилниң барлиқ җамаитигә жуқури авазда бәхит тиләп мундақ деди: —
56 «Униң барлиқ вәдә қилғини бойичә Өз хәлқи Исраилға арам бәргән Пәрвәрдигар мубарәктур! У Өз қули Мусаниң вастиси билән қилған һәммә меһриванә вәдиләрниң һеч бири йәрдә қалмиди!
57 Пәрвәрдигар Худайимиз ата-бовилиримиз билән болғандәк биз билән биллә болғай; У нә биздин ваз кәчмисун нә бизни ташлимисун;
58 буниң билән У қәлбимизни Униң йоллирида меңишқа, Өзи ата-бовилиримизға буйруған әмирләр, бәлгүлимиләр вә һөкүмләрни тутушқа Өзигә майил қилғай;
59 мениң Пәрвәрдигарниң алдида илтиҗа қилған бу сөзлирим кечә-күндүз Пәрвәрдигар Худайимизниң йенида турсун; шуниң билән Өз қулуң үчүн тоғра һөкүм қилип, хәлқиң Исраил үчүн тоғра һөкүм қилип, һәр күндики дәрдигә йәткәйсән;
60 шуниң билән йәр йүзидики һәммә әлләр Пәрвәрдигар Өзи Худадур, Униңдин башқиси һеч қайсиси йоқтур дәп билгәй,
61 шундақла бүгүн қилғиниңларға охшаш Униң бәлгүлимилиридә меңишқа вә әмирлирини тутушқа қәлбиңлар Пәрвәрдигар Худайимизға мукәммәл болғай!».
62 Вә падишаһ пүтүн Исраил билән биллә Пәрвәрдигарниң алдида қурбанлиқларни қилди.
Падишаһлар «1» 8 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

Padishahlar «1» 8:17-62 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

17 Emdi atam Dawutning Israilning Xudasi Perwerdigarning namigha atap bir öy sélish arzu-niyiti bar idi.
18 Biraq Perwerdigar atam Dawutqa: «Könglüngde Méning namimgha bir öy yasashqa qilghan niyiting yaxshidur;
19 emma shu öyni sen yasimaysen, belki séning pushtungdin bolidighan oghlung, u Méning namimgha atap shu öyni salidu», dégenidi.
20 Mana emdi Perwerdigar Öz sözige emel qildi. Men Perwerdigar wede qilghinidek, atamning ornini bésip, Israilning textige olturdum; Israilning Xudasi Perwerdigarning namigha atap bu öyni saldim.
21 Öyde ehde sanduqi üchün bir jayni rastlidim; ehde sanduqi ichide Perwerdigarning ata-bowilirimizni Misir zéminidin élip chiqqanda, ular bilen tüzgen ehde taxtiliri bardur».
22 Andin Sulayman Israilning barliq jamaitige yüzlinip, Perwerdigarning qurban'gahining aldida turup, qollirini asman'gha qaritip kötürüp
23 mundaq dua qildi: — «I Israilning Xudasi Perwerdigar! Ne yuqiriqi asmanda ne töwenki yerde sendek Xuda yoqtur; aldingda pütün qelbi bilen mangidighan qulliring üchün ehdengde turup özgermes muhebbitingni körsetküchisen.
24 Chünki Sen Öz qulung atam Dawutqa bergen wedide turdung; Sen Öz aghzing bilen éytqan sözüngge mana bügünkidek Öz qolung bilen emel qilding.
25 Emdi hazir, i Israilning Xudasi Perwerdigar, Öz qulung atam Dawutqa: — «Eger séning ewladliring öz yollirigha segek bolup sen Méning aldimda mangghandek mangidighan bolsa, sanga ewladingdin Israilning textide olturidighan bir zat kem bolmaydu» dep bergen wedengde turghaysen.
26 Emdi hazir, i Israilning Xudasi, Sen qulung Dawutqa éytqan sözliring emelge ashurulghay, dep ötünimen!
27 Lékin Xuda Özi rastla yer yüzide makan qilamdu? Mana, asmanlar bilen asmanlarning asmini séni sighduralmighan yerde, men yasighan bu öy qandaqmu Séning makaning bolalisun?!
28 Lékin i Perwerdigar Xudayim, qulungning duasi bilen iltijasigha qulaq sélip, qulungning bügün Sanga kötürgen nidasi we tilikini anglighaysen;
29 shuning bilen Öz közliringni kéche-kündüz bu öyge, yeni Sen: «Méning namim u yerde ayan bolsun» dep éytqan jaygha kéche-kündüz tikkeysen; Öz qulungning u jaygha qarap qilghan duasigha qulaq salghaysen.   
30 qulung we xelqing Israil bu jaygha qarap dua qilghan chaghda, ularning iltijisigha qulaq sélip, Öz makaning qilghan asmanlardin turup anglighaysen, anglighiningda ularni kechürgeysen.
31 Eger birsi öz qoshnisigha gunah qilsa we shundaqla ishning rast-yalghanliqini békitish üchün qesem ichküzülse, bu qesem bu öydiki qurban'gahingning aldigha kelse,
32 Sen qesemni asmanda turup anglap, amal qilip öz bendiliring otturisida höküm chiqarghaysen; gunahi bar ademni gunahqa tartip, öz yolini öz béshigha yandurup, gunahsiz ademni aqlap, öz adilliqigha qarap uninggha heqqini bergeysen.
33 Öz xelqing Israil Séning aldingda gunah qilghini üchün düshmendin yéngilse, Sanga qaytip bu öyde turup, namingni étirap qilip, Sanga dua bilen iltija qilsa,
34 Sen asmanda anglap, Öz xelqing Israilning gunahini kechürüp, ularni Sen ata-bowilirigha teqdim qilghan zémin'gha qayturup kelgeysen.
35 Ular Sanga gunah qilghini üchün asman étilip yamghur yaghmaydighan qiliwétilgen bolsa, lékin ular bu jaygha qarap Sanga dua qilip namingni étirap qilip, Séning ularni qiyinchiliqqa salghining tüpeylidin öz gunahidin yénip towa qilsa,
36 Sen asmanda turup qulaq sélip, qulliringning we xelqing Israilning gunahini kechürgeysen; chünki Sen ulargha méngish kérek bolghan yaxshi yolni ögitisen we Öz xelqingge miras qilip bergen zéminning üstige yamghur yaghdurisen!
37 Eger zéminda acharchiliq ya waba bolsa, ya ziraetler Dan almisa ya hal chüshse ya uni chéketkiler yaki chéketke lichinkiliri bésiwalsa, ya düshmenler ularning zémindiki sheherlirining qowuqlirigha hujum qilip qorshiwalsa, ya herqandaq apet ya késellik bolsa,
38 Séning xelqing bolghan Israildiki herqandaq kishi öz könglidiki wabani bilip, ulardin herqaysi kishi qollirini bu öyge sunup, herqandaq dua yaki iltija qilghan bolsa,
39 emdi Sen turuwatqan makaning asmanda turup anglap, kechürüm qilghaysen; Sen herbir ademning qelbini bilgechke, amal qilip özining yollirini özige yandurghaysen (chünki Senla, yalghuz Senla hemme insan balilirining qelblirini bilgüchidursen);
40 shundaq qilip, ular Sen ata-bowilirimizgha teqdim qilghan zéminda olturup ömrining hemme künliride sendin qorqidighan bolidu.
41 Öz xelqing Israildin bolmighan, Séning ulugh naming tüpeylidin yiraq-yiraqlardin kelgen musapir bolsa
42 (chünki ular Séning ulugh naming, qudretlik qolung we sozghan biliking toghrisida angliylaydu), — undaq birsi kélip bu öy terepke qarap dua qilsa,
43 Sen turuwatqan makaning bolghan asmanlarda uninggha qulaq sélip, u musapir Sanga nida qilip tiliginining hemmisige muwapiq qilghaysen; shuning bilen yer yüzidiki barliq eller namingni tonup yétip, Öz xelqing Israildek Sendin qorqidighan bolup, men yasighan bu öyning Séning naming bilen atalghinini bilidu.
44 Eger Séning xelqing Séning tapshuruqung bilen düshmini bilen jeng qilishqa chiqqanda, Sen tallighan bu sheherge, shundaqla men naminggha atap yasighan bu öy terepke qarap Sen Perwerdigargha dua qilsa,
45 Sen asmanlarda turup ularning duasi bilen iltijasigha qulaq sélip, ularni nusretke érishtürgeysen.
46 Eger ular sanga gunah sadir qilghan bolsa (chünki gunah qilmaydighan héchkishi yoqtur) Sen ulargha ghezeplinip, ularni düshmenlirining qoligha tapshurghan bolsang, bular ularni yiraq-yéqin'gha, özlirining zéminigha sürgün qilip élip barghan bolsa,
47 lékin ular sürgün qilin'ghan yurtta es-hoshini tépip towa qilip, özi sürgün bolghan yurtta Sanga: — Biz gunah qilip, qebihlikke bérilip Sendin yüz örüp kettuq, dep yélinsa,
48 — eger ularni sürgün qilghan düshmenlirining zéminida pütün qelbi we pütün jénidin Séning teripingge yénip, Sen ularning ata-bowilirigha teqdim qilghan zémin'gha, Sen tallighan sheher terepke we men naminggha atap yasighan bu öy terepke yüzini qilip, Sanga qarap dua qilsa,
49 Sen turuwatqan makaning bolghan asmanlarda turup ularning duasi we iltijasini anglap ular üchün höküm chiqirip,
50 Öz xelqingning Sanga sadir qilghan gunahini, Sanga ötküzgen hemme itaetsizliklirini kechürüm qilghaysen we ularni sürgün qilghanlarning aldida ulargha rehim tapquzghaysenki, shular ulargha rehim qilsun
51 (chünki ular Özüng Misirdin, yeni tömür tawlash péchidin chiqarghan Öz xelqing we Öz mirasingdur);
52 Séning közliring Öz qulungning iltijasigha we Öz xelqingning iltijasigha ochuq bolghay, ular her ishta sanga nida qilip tiliginide ulargha qulaq salghaysen;
53 chünki Sen ata-bowilirimizni Misirdin chiqarghiningda Öz qulung Musa arqiliq éytqiningdek, Sen xelqingni Özüngge xas mirasing bolsun dep, yer yüzidiki hemme eller arisidin ularni ayrim élip talliding, i Reb Perwerdigar!».
54 Sulayman Perwerdigargha shu barliq dua we iltijalirini qilip bolghanda, qollirini asman'gha qarap kötürüp Perwerdigarning qurban'gahining aldida tizlinip turghan yerdin qopup,
55 öre turup Israilning barliq jamaitige yuqiri awazda bext tilep mundaq dédi: —
56 «Uning barliq wede qilghini boyiche Öz xelqi Israilgha aram bergen Perwerdigar mubarektur! U Öz quli Musaning wasitisi bilen qilghan hemme méhribane wedilerning héchbiri yerde qalmidi!
57 Perwerdigar Xudayimiz ata-bowilirimiz bilen bolghandek biz bilen bille bolghay; U ne bizdin waz kechmisun ne bizni tashlimisun;
58 buning bilen U qelbimizni Uning yollirida méngishqa, Özi ata-bowilirimizgha buyrughan emrler, belgilimiler we hökümlerni tutushqa Özige mayil qilghay;
59 méning Perwerdigarning aldida iltija qilghan bu sözlirim kéche-kündüz Perwerdigar Xudayimizning yénida tursun; shuning bilen Öz qulung üchün toghra höküm qilip, xelqing Israil üchün toghra höküm qilip, her kündiki derdige yetkeysen;
60 shuning bilen yer yüzidiki hemme eller Perwerdigar Özi Xudadur, Uningdin bashqisi héchqaysisi yoqtur dep bilgey,
61 shundaqla bügün qilghininglargha oxshash Uning belgilimiliride méngishqa we emrlirini tutushqa qelbinglar Perwerdigar Xudayimizgha mukemmel bolghay!».
62 We padishah pütün Israil bilen bille Perwerdigarning aldida qurbanliqlarni qildi.
Padishahlar «1» 8 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

Padixaⱨlar «1» 8:17-62 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)

17 Əmdi atam Dawutning Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarning namiƣa atap bir ɵy selix arzu-niyiti bar idi.
18 Biraⱪ Pǝrwǝrdigar atam Dawutⱪa: «Kɵnglüngdǝ Mening namimƣa bir ɵy yasaxⱪa ⱪilƣan niyiting yahxidur;
19 ǝmma xu ɵyni sǝn yasimaysǝn, bǝlki sening puxtungdin bolidiƣan oƣlung, u Mening namimƣa atap xu ɵyni salidu», degǝnidi.
20 Mana ǝmdi Pǝrwǝrdigar Ɵz sɵzigǝ ǝmǝl ⱪildi. Mǝn Pǝrwǝrdigar wǝdǝ ⱪilƣinidǝk, atamning ornini besip, Israilning tǝhtigǝ olturdum; Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigarning namiƣa atap bu ɵyni saldim.
21 Ɵydǝ ǝⱨdǝ sanduⱪi üqün bir jayni rastlidim; ǝⱨdǝ sanduⱪi iqidǝ Pǝrwǝrdigarning ata-bowilirimizni Misir zeminidin elip qiⱪⱪanda, ular bilǝn tüzgǝn ǝⱨdǝ tahtiliri bardur».
22 Andin Sulayman Israilning barliⱪ jamaitigǝ yüzlinip, Pǝrwǝrdigarning ⱪurban'gaⱨining aldida turup, ⱪollirini asmanƣa ⱪaritip kɵtürüp
23 mundaⱪ dua ⱪildi: — «I Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar! Nǝ yuⱪiriⱪi asmanda nǝ tɵwǝnki yǝrdǝ sǝndǝk Huda yoⱪtur; aldingda pütün ⱪǝlbi bilǝn mangidiƣan ⱪulliring üqün ǝⱨdǝngdǝ turup ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbitingni kɵrsǝtküqisǝn.
24 Qünki Sǝn Ɵz ⱪulung atam Dawutⱪa bǝrgǝn wǝdidǝ turdung; Sǝn Ɵz aƣzing bilǝn eytⱪan sɵzünggǝ mana bügünkidǝk Ɵz ⱪolung bilǝn ǝmǝl ⱪilding.
25 Əmdi ⱨazir, i Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar, Ɵz ⱪulung atam Dawutⱪa: — «Əgǝr sening ǝwladliring ɵz yolliriƣa sǝgǝk bolup sǝn Mening aldimda mangƣandǝk mangidiƣan bolsa, sanga ǝwladingdin Israilning tǝhtidǝ olturidiƣan bir zat kǝm bolmaydu» dǝp bǝrgǝn wǝdǝngdǝ turƣaysǝn.
26 Əmdi ⱨazir, i Israilning Hudasi, Sǝn ⱪulung Dawutⱪa eytⱪan sɵzliring ǝmǝlgǝ axurulƣay, dǝp ɵtünimǝn!
27 Lekin Huda Ɵzi rastla yǝr yüzidǝ makan ⱪilamdu? Mana, asmanlar bilǝn asmanlarning asmini seni siƣduralmiƣan yǝrdǝ, mǝn yasiƣan bu ɵy ⱪandaⱪmu Sening makaning bolalisun?!
28 Lekin i Pǝrwǝrdigar Hudayim, ⱪulungning duasi bilǝn iltijasiƣa ⱪulaⱪ selip, ⱪulungning bügün Sanga kɵtürgǝn nidasi wǝ tilikini angliƣaysǝn;
29 xuning bilǝn Ɵz kɵzliringni keqǝ-kündüz bu ɵygǝ, yǝni Sǝn: «Mening namim u yǝrdǝ ayan bolsun» dǝp eytⱪan jayƣa keqǝ-kündüz tikkǝysǝn; Ɵz ⱪulungning u jayƣa ⱪarap ⱪilƣan duasiƣa ⱪulaⱪ salƣaysǝn.   
30 ⱪulung wǝ hǝlⱪing Israil bu jayƣa ⱪarap dua ⱪilƣan qaƣda, ularning iltijisiƣa ⱪulaⱪ selip, Ɵz makaning ⱪilƣan asmanlardin turup angliƣaysǝn, angliƣiningda ularni kǝqürgǝysǝn.
31 Əgǝr birsi ɵz ⱪoxnisiƣa gunaⱨ ⱪilsa wǝ xundaⱪla ixning rast-yalƣanliⱪini bekitix üqün ⱪǝsǝm iqküzülsǝ, bu ⱪǝsǝm bu ɵydiki ⱪurban'gaⱨingning aldiƣa kǝlsǝ,
32 Sǝn ⱪǝsǝmni asmanda turup anglap, amal ⱪilip ɵz bǝndiliring otturisida ⱨɵküm qiⱪarƣaysǝn; gunaⱨi bar adǝmni gunaⱨⱪa tartip, ɵz yolini ɵz bexiƣa yandurup, gunaⱨsiz adǝmni aⱪlap, ɵz adilliⱪiƣa ⱪarap uningƣa ⱨǝⱪⱪini bǝrgǝysǝn.
33 Ɵz hǝlⱪing Israil Sening aldingda gunaⱨ ⱪilƣini üqün düxmǝndin yengilsǝ, Sanga ⱪaytip bu ɵydǝ turup, namingni etirap ⱪilip, Sanga dua bilǝn iltija ⱪilsa,
34 Sǝn asmanda anglap, Ɵz hǝlⱪing Israilning gunaⱨini kǝqürüp, ularni Sǝn ata-bowiliriƣa tǝⱪdim ⱪilƣan zeminƣa ⱪayturup kǝlgǝysǝn.
35 Ular Sanga gunaⱨ ⱪilƣini üqün asman etilip yamƣur yaƣmaydiƣan ⱪiliwetilgǝn bolsa, lekin ular bu jayƣa ⱪarap Sanga dua ⱪilip namingni etirap ⱪilip, Sening ularni ⱪiyinqiliⱪⱪa salƣining tüpǝylidin ɵz gunaⱨidin yenip towa ⱪilsa,
36 Sǝn asmanda turup ⱪulaⱪ selip, ⱪulliringning wǝ hǝlⱪing Israilning gunaⱨini kǝqürgǝysǝn; qünki Sǝn ularƣa mengix kerǝk bolƣan yahxi yolni ɵgitisǝn wǝ Ɵz hǝlⱪinggǝ miras ⱪilip bǝrgǝn zeminning üstigǝ yamƣur yaƣdurisǝn!
37 Əgǝr zeminda aqarqiliⱪ ya waba bolsa, ya ziraǝtlǝr Dan almisa ya ⱨal qüxsǝ ya uni qekǝtkilǝr yaki qekǝtkǝ liqinkiliri besiwalsa, ya düxmǝnlǝr ularning zemindiki xǝⱨǝrlirining ⱪowuⱪliriƣa ⱨujum ⱪilip ⱪorxiwalsa, ya ⱨǝrⱪandaⱪ apǝt ya kesǝllik bolsa,
38 Sening hǝlⱪing bolƣan Israildiki ⱨǝrⱪandaⱪ kixi ɵz kɵnglidiki wabani bilip, ulardin ⱨǝrⱪaysi kixi ⱪollirini bu ɵygǝ sunup, ⱨǝrⱪandaⱪ dua yaki iltija ⱪilƣan bolsa,
39 ǝmdi Sǝn turuwatⱪan makaning asmanda turup anglap, kǝqürüm ⱪilƣaysǝn; Sǝn ⱨǝrbir adǝmning ⱪǝlbini bilgǝqkǝ, amal ⱪilip ɵzining yollirini ɵzigǝ yandurƣaysǝn (qünki Sǝnla, yalƣuz Sǝnla ⱨǝmmǝ insan balilirining ⱪǝlblirini bilgüqidursǝn);
40 xundaⱪ ⱪilip, ular Sǝn ata-bowilirimizƣa tǝⱪdim ⱪilƣan zeminda olturup ɵmrining ⱨǝmmǝ künliridǝ sǝndin ⱪorⱪidiƣan bolidu.
41 Ɵz hǝlⱪing Israildin bolmiƣan, Sening uluƣ naming tüpǝylidin yiraⱪ-yiraⱪlardin kǝlgǝn musapir bolsa
42 (qünki ular Sening uluƣ naming, ⱪudrǝtlik ⱪolung wǝ sozƣan biliking toƣrisida angliylaydu), — undaⱪ birsi kelip bu ɵy tǝrǝpkǝ ⱪarap dua ⱪilsa,
43 Sǝn turuwatⱪan makaning bolƣan asmanlarda uningƣa ⱪulaⱪ selip, u musapir Sanga nida ⱪilip tiliginining ⱨǝmmisigǝ muwapiⱪ ⱪilƣaysǝn; xuning bilǝn yǝr yüzidiki barliⱪ ǝllǝr namingni tonup yetip, Ɵz hǝlⱪing Israildǝk Sǝndin ⱪorⱪidiƣan bolup, mǝn yasiƣan bu ɵyning Sening naming bilǝn atalƣinini bilidu.
44 Əgǝr Sening hǝlⱪing Sening tapxuruⱪung bilǝn düxmini bilǝn jǝng ⱪilixⱪa qiⱪⱪanda, Sǝn talliƣan bu xǝⱨǝrgǝ, xundaⱪla mǝn namingƣa atap yasiƣan bu ɵy tǝrǝpkǝ ⱪarap Sǝn Pǝrwǝrdigarƣa dua ⱪilsa,
45 Sǝn asmanlarda turup ularning duasi bilǝn iltijasiƣa ⱪulaⱪ selip, ularni nusrǝtkǝ erixtürgǝysǝn.
46 Əgǝr ular sanga gunaⱨ sadir ⱪilƣan bolsa (qünki gunaⱨ ⱪilmaydiƣan ⱨeqkixi yoⱪtur) Sǝn ularƣa ƣǝzǝplinip, ularni düxmǝnlirining ⱪoliƣa tapxurƣan bolsang, bular ularni yiraⱪ-yeⱪinƣa, ɵzlirining zeminiƣa sürgün ⱪilip elip barƣan bolsa,
47 lekin ular sürgün ⱪilinƣan yurtta ǝs-ⱨoxini tepip towa ⱪilip, ɵzi sürgün bolƣan yurtta Sanga: — Biz gunaⱨ ⱪilip, ⱪǝbiⱨlikkǝ berilip Sǝndin yüz ɵrüp kǝttuⱪ, dǝp yelinsa,
48 — ǝgǝr ularni sürgün ⱪilƣan düxmǝnlirining zeminida pütün ⱪǝlbi wǝ pütün jenidin Sening tǝripinggǝ yenip, Sǝn ularning ata-bowiliriƣa tǝⱪdim ⱪilƣan zeminƣa, Sǝn talliƣan xǝⱨǝr tǝrǝpkǝ wǝ mǝn namingƣa atap yasiƣan bu ɵy tǝrǝpkǝ yüzini ⱪilip, Sanga ⱪarap dua ⱪilsa,
49 Sǝn turuwatⱪan makaning bolƣan asmanlarda turup ularning duasi wǝ iltijasini anglap ular üqün ⱨɵküm qiⱪirip,
50 Ɵz hǝlⱪingning Sanga sadir ⱪilƣan gunaⱨini, Sanga ɵtküzgǝn ⱨǝmmǝ itaǝtsizliklirini kǝqürüm ⱪilƣaysǝn wǝ ularni sürgün ⱪilƣanlarning aldida ularƣa rǝⱨim tapⱪuzƣaysǝnki, xular ularƣa rǝⱨim ⱪilsun
51 (qünki ular Ɵzüng Misirdin, yǝni tɵmür tawlax peqidin qiⱪarƣan Ɵz hǝlⱪing wǝ Ɵz mirasingdur);
52 Sening kɵzliring Ɵz ⱪulungning iltijasiƣa wǝ Ɵz hǝlⱪingning iltijasiƣa oquⱪ bolƣay, ular ⱨǝr ixta sanga nida ⱪilip tiliginidǝ ularƣa ⱪulaⱪ salƣaysǝn;
53 qünki Sǝn ata-bowilirimizni Misirdin qiⱪarƣiningda Ɵz ⱪulung Musa arⱪiliⱪ eytⱪiningdǝk, Sǝn hǝlⱪingni Ɵzünggǝ has mirasing bolsun dǝp, yǝr yüzidiki ⱨǝmmǝ ǝllǝr arisidin ularni ayrim elip talliding, i Rǝb Pǝrwǝrdigar!».
54 Sulayman Pǝrwǝrdigarƣa xu barliⱪ dua wǝ iltijalirini ⱪilip bolƣanda, ⱪollirini asmanƣa ⱪarap kɵtürüp Pǝrwǝrdigarning ⱪurban'gaⱨining aldida tizlinip turƣan yǝrdin ⱪopup,
55 ɵrǝ turup Israilning barliⱪ jamaitigǝ yuⱪiri awazda bǝht tilǝp mundaⱪ dedi: —
56 «Uning barliⱪ wǝdǝ ⱪilƣini boyiqǝ Ɵz hǝlⱪi Israilƣa aram bǝrgǝn Pǝrwǝrdigar mubarǝktur! U Ɵz ⱪuli Musaning wasitisi bilǝn ⱪilƣan ⱨǝmmǝ meⱨribanǝ wǝdilǝrning ⱨeqbiri yǝrdǝ ⱪalmidi!
57 Pǝrwǝrdigar Hudayimiz ata-bowilirimiz bilǝn bolƣandǝk biz bilǝn billǝ bolƣay; U nǝ bizdin waz kǝqmisun nǝ bizni taxlimisun;
58 buning bilǝn U ⱪǝlbimizni Uning yollirida mengixⱪa, Ɵzi ata-bowilirimizƣa buyruƣan ǝmrlǝr, bǝlgilimilǝr wǝ ⱨɵkümlǝrni tutuxⱪa Ɵzigǝ mayil ⱪilƣay;
59 mening Pǝrwǝrdigarning aldida iltija ⱪilƣan bu sɵzlirim keqǝ-kündüz Pǝrwǝrdigar Hudayimizning yenida tursun; xuning bilǝn Ɵz ⱪulung üqün toƣra ⱨɵküm ⱪilip, hǝlⱪing Israil üqün toƣra ⱨɵküm ⱪilip, ⱨǝr kündiki dǝrdigǝ yǝtkǝysǝn;
60 xuning bilǝn yǝr yüzidiki ⱨǝmmǝ ǝllǝr Pǝrwǝrdigar Ɵzi Hudadur, Uningdin baxⱪisi ⱨeqⱪaysisi yoⱪtur dǝp bilgǝy,
61 xundaⱪla bügün ⱪilƣininglarƣa ohxax Uning bǝlgilimiliridǝ mengixⱪa wǝ ǝmrlirini tutuxⱪa ⱪǝlbinglar Pǝrwǝrdigar Hudayimizƣa mukǝmmǝl bolƣay!».
62 Wǝ padixaⱨ pütün Israil bilǝn billǝ Pǝrwǝrdigarning aldida ⱪurbanliⱪlarni ⱪildi.
Padixaⱨlar «1» 8 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)