Text copied!
Bibles in Uighur

Lawiylar 14:8-55 in Uighur

Help us?

لاۋىيلار 14:8-55 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

8 پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىدىكى بارلىق تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ، سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن پاك ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا چېدىرگاھقا كىرىشكە ئىجازەت بولىدۇ؛ پەقەت ئۇ يەتتە كۈنگىچە ئۆز چېدىرىنىڭ تېشىدا تۇرۇشى كېرەك.
9 يەتتىنچى كۈنى ئۇ بەدىنىدىكى ھەممە تۈكلەرنى چۈشۈرسۇن؛ باشنىڭ چاچ‫‪‎-‎‬‬ساقاللىرى ۋە قېشىنى، يەنى بارلىق تۈكلىرىنى چۈشۈرسۇن؛ ئۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن پاك بولىدۇ.
10 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى بېجىرىم ئەركەك قوزا بىلەن بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم چىشى قوزىدىن بىرنى، شۇنىڭدەك بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن «ئاشلىق ھەدىيە»نى، بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن.
11 ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلايدىغان بۇ رەسىم‫‪‎-‎‬‬قائىدىنى ئۆتكۈزىدىغان كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلسۇن.
12 ئاندىن كاھىن ئەركەك قوزىلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىنىمۇ كەلتۈرۈپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن.
13 قوزا بولسا مۇقەددەس بىر جاينىڭ ئىچىدە گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلانسۇن؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولسا گۇناھ قۇربانلىقىغا ئوخشاش، كاھىنغا تەۋە بولۇپ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» سانىلىدۇ.  
14 كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۈرۈپ قويسۇن.
15 ئاندىن كاھىن شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىدىن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن.
16 كاھىن ئوڭ بارمىقىنى سول قولىدىكى زەيتۇن مېيىغا چىلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم بارمىقى بىلەن سەپسۇن.
17 ئاندىن كاھىن قولىدىكى قالغان مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈلگەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ قويسۇن.
18 سۈرۈپ بولۇپ، كاھىن قولىدىكى ئېشىپ قالغان ماينى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ.
19 ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ناپاكلىقىدىن پاك قىلىشقا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بوغۇزلىسۇن.
20 كاھىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قۇربانگاھتا سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇ كىشى پاك بولىدۇ.
21 لېكىن ئۇ كەمبەغەللىكتىن شۇنداق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۆزىگە كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە يالغۇز بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئاشلىق ھەدىيە ئۈچۈن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بىلەن بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن
22 ۋە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا ئېلىپ كەلسۇن؛ بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن؛
23 سەككىزىنچى كۈنى بۇلارنى ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن.
24 كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدىغان ئەركەك قوزا بىلەن شۇ بىر لوگ ماينى ئېلىپ، بۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن.
25 ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىنغان ئەركەك قوزىنى بولسا ئۆزى بوغۇزلىسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرسۇن.
26 ئاندىن كاھىن مايدىن ئېلىپ، سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن.
27 شۇنداق قىلىپ، كاھىن ئوڭ بارمىقى بىلەن سول قولىدىكى مايدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن.
28 ئاندىن كاھىن ئۆزى قولىدىكى مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرسۇن.
29 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا كافارەت كەلتۈرۈشكە كاھىن قولىدىكى ماينىڭ قالغىنىنى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن؛
30 ئاندىن شۇ كىشى ئۆز قۇربىغا قاراپ پاختەكتىن بىرنى ياكى باچكىدىن بىرنى سۇنسۇن؛
31 ئۆز قۇربىغا قاراپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە سۇنسۇن. بۇ يولدا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پاك قىلىنىدىغان كىشى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ.
32 ئۆزىدە پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ بولغان، پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر توغرىسىدىكى قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر.
33 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
34 ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان قانائان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مەن سىلەر ئىگە بولىدىغان شۇ زېمىندىكى بىر ئۆيگە بىرخىل پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ يارىسىنى ئەۋەتسەم،
35 ئۆينىڭ ئىگىسى كاھىننىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇنى مەلۇم قىلىپ‫‪:‬‬ «مېنىڭ ئۆيۈمگە ۋابا يۇققاندەك كۆرۈنىدۇ»، دەپ مەلۇم قىلىشى كېرەك.
36 كاھىن بولسا‫‪:‬‬ ــ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەر ناپاك بولمىسۇن ئۈچۈن مەن بېرىپ بۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قاراشتىن بۇرۇن ئۆينى بىكارلاڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن. ئاندىن كاھىن كىرىپ ئۆيگە سەپسېلىپ قارىسۇن.
37 ئۇ شۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئۆينىڭ تاملىرىغا ۋابا داغلىرى يۇققان جايلار كاۋاك بولسا، ھەم يېشىلغا مايىل ياكى قىزغۇچ بولۇپ، تامنىڭ يۈزىدىن قېنىقراق بولسا،
38 كاھىن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىشىكنى يەتتە كۈنگىچە تاقاپ قويسۇن.
39 ئاندىن كاھىن يەتتىنچى كۈنى يېنىپ كېلىپ، سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ئۆينىڭ تاملىرىدىكى ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا،
40 كاھىن‫‪:‬‬ ــ ۋابا يۇققان تاشلارنى چىقىرىپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن.
41 شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئۆينىڭ ئىچىنىڭ تۆت ئەتراپىنى قىردورسۇن ۋە ئۇلار قىرغان سۇۋاقنى بولسا شەھەرنىڭ تېشىدىكى ناپاك بىر جايغا تۆكۈۋەتسۇن.
42 ئاندىن ئۇلار باشقا تاشلارنى ئېلىپ، ئىلگىرىكى تاشلارنىڭ ئورنىدا قويسۇن ۋە باشقا ھاك لاي ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆينى قايتىدىن سۇۋىسۇن.
43 ئەگەر ئۇ تاشلارنى چىقىرىپ، ئۆينى قىردۇرۇپ قايتىدىن سۇۋاتقاندىن كېيىن، ئۆيدە ۋابا دېغى يەنە پەيدا بولسا،
44 ئۇنداقتا كاھىن يەنە كىرىپ بۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن. سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ ئۆيدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۆيگە يۇققىنى چىرىتكۈچ ۋابا بولىدۇ؛ ئۆي ناپاك سانىلىدۇ.
45 بۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۆينى، يەنى ياغاچ‫‪‎-‎‬‬تاش ۋە بارلىق سۇۋىقى بىلەن بىللە چۈشۈرۈپ، ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋەتسۇن.
46 كىمدەكىم ئۆي تاقالغان مەزگىلدە ئۇنىڭغا كىرسە، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ.
47 ئەگەر بىركىم ئۆي ئىچىدە ياتقان بولسا، كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ ۋە ئەگەر بىرسى ئۆيدە غىزالانغان بولسا، ئۇمۇ ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن.
48 لېكىن كاھىن كىرىپ، ئۆيگە سەپسېلىپ قارىغىنىدا ئۆي سۇۋالغاندىن كېيىن ۋابا ئۇنىڭدا كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۆينى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىكى ۋابا ساقايغان بولىدۇ.
49 ئاندىن ئۇ ئۆينىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى قۇش، كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت بىلەن زوفا ئېلىپ كېلىپ،
50 قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلىسۇن؛
51 ئاندىن ئۇ كېدىر ياغىچى، زوفا، قىزىل رەخت ۋە تىرىك قۇشنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا، شۇنداقلا ئېقىن سۇغا چىلاپ، ئۆيگە يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن؛
52 بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆينى قۇشنىڭ قېنى، ئېقىن سۇ، تىرىك قۇش، كېدىر ياغىچى، زوفا ۋە قىزىل رەخت ئارقىلىق ناپاكلىقتىن پاكلايدۇ.
53 ئاندىن ئۇ تىرىك قۇشنى شەھەرنىڭ سىرتىدا، دالادا قويۇپ بەرسۇن. ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆي پاك سانىلىدۇ.
54 بۇلار بولسا ھەرخىل پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتى، قاقاچ،
55 كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك ۋە ئۆيگە يۇققان پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ ۋاباسى،
لاۋىيلار 14 in مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ )

Лавийлар 14:8-55 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

8 Песә-моходин пак қилинидиған киши кийимлирини жуюп, бәдинидики барлиқ түкләрни чүшүрүп, суда жуюнғандин кейин пак һесаплиниду. Андин униңға чедиргаһқа киришкә иҗазәт болиду; пәқәт у йәттә күнгичә өз чедириниң тешида туруши керәк.
9 Йәттинчи күни у бәдинидики һәммә түкләрни чүшүрсун; башниң чач-сақаллири вә қешини, йәни барлиқ түклирини чүшүрсун; у кийимлирини жуюп өз бәдинини суда жуйсун, андин пак болиду.
10 Сәккизинчи күни у икки беҗирим әркәк қоза билән бир яшқа киргән беҗирим чиши қозидин бирни, шуниңдәк бир әфаһниң ондин үчигә баравәр зәйтун мейи иләштүрүлгән есил ун «ашлиқ һәдийә»ни, бир лог зәйтун мейини кәлтүрсун.
11 Уни «пак» дәп җакалайдиған бу рәсим-қаидини өткүзидиған каһин пак қилинидиған кишини вә у нәрсиләрни җамаәт чедириниң кириш ағзида, Пәрвәрдигарниң алдида һазир қилсун.
12 Андин каһин әркәк қозиларниң бирини елип итаәтсизлик қурбанлиғи қилип сунуп, униң билән биллә шу бир лог зәйтун мейиниму кәлтүрүп, пулаңлатма һәдийә сүпитидә Пәрвәрдигарниң алдида пулаңлатсун.
13 Қоза болса муқәддәс бир җайниң ичидә гуна қурбанлиғи билән көйдүрмә қурбанлиқлар боғузлинидиған җайда боғузлансун; чүнки итаәтсизлик қурбанлиғи болса гуна қурбанлиғиға охшаш, каһинға тәвә болуп «әң муқәддәсләрниң бири» санилиду.  
14 Каһин итаәтсизлик қурбанлиғиниң қенидин елип пак қилинидиған кишиниң оң қулиқиниң юмшиқиға вә оң қолиниң чоң бармиғи билән оң путиниң чоң бармиғиғиму сүрүп қойсун.
15 Андин каһин шу бир лог зәйтун мейидин елип, өзиниң сол қолиниң алиқиниға азғина қуйсун.
16 Каһин оң бармиғини сол қолидики зәйтун мейиға чилап, Пәрвәрдигарниң алдида йәттә қетим бармиғи билән сәпсун.
17 Андин каһин қолидики қалған майдин елип, пак қилинидиған кишиниң оң қулиқиниң юмшиқиға, оң қолиниң баш бармиғиға вә оң путиниң баш бармиғиға сүрүлгән итаәтсизлик қурбанлиғиниң қениниң үстигә сүрүп қойсун.
18 Сүрүп болуп, каһин қолидики ешип қалған майни пак қилинидиған кишиниң бешиға қуйсун. Бу йол билән каһин униң үчүн Пәрвәрдигарниң алдида кафарәт кәлтүриду.
19 Андин каһин гуна қурбанлиғини сунуп, пак қилинидиған кишини напаклиғидин пак қилишқа кафарәт кәлтүриду; ахирида у көйдүрмә қурбанлиқни боғузлисун.
20 Каһин көйдүрмә қурбанлиқ билән ашлиқ һәдийәни қурбангаһта сунсун. Бу йол билән каһин униң үчүн кафарәт кәлтүрүп, у киши пак болиду.
21 Лекин у кәмбәғәлликтин шундақ қилишқа қурби йәтмисә, өзигә кафарәт кәлтүрүш үчүн «пулаңлатма һәдийә» сүпитидә ялғуз бир әркәк қозини итаәтсизлик қурбанлиғи қилип кәлтүрсун, шуниңдәк ашлиқ һәдийә үчүн бир әфаһниң ондин биригә баравәр зәйтун мейи иләштүрүлгән есил ун билән бир лог зәйтун мейини кәлтүрсун
22 вә өз әһвалиға яриша икки пахтәк яки икки бачка елип кәлсун; бири гуна қурбанлиғи үчүн, йәнә бири көйдүрмә қурбанлиқ үчүн болсун;
23 сәккизинчи күни буларни өзиниң пак қилиниши үчүн җамаәт чедириниң кириш ағзиға елип келип, Пәрвәрдигарниң алдида каһинниң қешиға кәлтүрсун.
24 Каһин итаәтсизлик қурбанлиғи болидиған әркәк қоза билән шу бир лог майни елип, буларни пулаңлатма һәдийә сүпитидә Пәрвәрдигарниң алдида пулаңлатсун.
25 Итаәтсизлик қурбанлиғи қилинған әркәк қозини болса өзи боғузлисун; андин каһин итаәтсизлик қурбанлиғиниң қенидин азғина елип, пак қилинидиған кишиниң оң қулиқиниң юмшиқиға, оң қолиниң баш бармиғиға вә оң путиниң баш бармиғиға сүрсун.
26 Андин каһин майдин елип, сол қолиниң алиқиниға азғина қуйсун.
27 Шундақ қилип, каһин оң бармиғи билән сол қолидики майдин Пәрвәрдигарниң алдида йәттә қетим сәпсун.
28 Андин каһин өзи қолидики майдин елип, пак қилинидиған кишиниң оң қулиқиниң юмшиқиға вә оң қолиниң баш бармиғи билән оң путиниң баш бармиғиға итаәтсизлик қурбанлиғиниң қениниң үстигә сүрсун.
29 Шуниң билән Пәрвәрдигарниң алдида униңға кафарәт кәлтүрүшкә каһин қолидики майниң қалғинини пак қилинидиған кишиниң бешиға қуйсун;
30 андин шу киши өз қурбиға қарап пахтәктин бирни яки бачкидин бирни сунсун;
31 өз қурбиға қарап, бирини гуна қурбанлиғи, йәнә бирини көйдүрмә қурбанлиқ қилип ашлиқ һәдийә билән биллә сунсун. Бу йолда каһин Пәрвәрдигарниң алдида пак қилинидиған киши үчүн кафарәт кәлтүриду.
32 Өзидә песә-мохо болған, пак қилиниши үчүн ваҗип болидиған нәрсиләрни кәлтүрүшкә қурби йәтмәйдиған кишиләр тоғрисидики қанун-бәлгүлимә мана шулардур.
33 Пәрвәрдигар Муса билән Һарунға мундақ деди: —
34 — Силәр Мән өзүңларға мирас қилип беридиған Қанаан зиминиға киргәндин кейин, Мән силәр егә болидиған шу зиминдики бир өйгә бирхил песә-мохо ярисини әвәтсәм,
35 өйниң егиси каһинниң қешиға берип, униңға буни мәлум қилип: «Мениң өйүмгә ваба жуққандәк көрүниду», дәп мәлум қилиши керәк.
36 Каһин болса: — Өйдики һәммә нәрсиләр напак болмисун үчүн мән берип бу вабаға сәпселип қараштин бурун өйни бекарлаңлар, дәп буйрусун. Андин каһин кирип өйгә сәпселип қарисун.
37 У шу вабаға сәпселип қариғинида, мана өйниң тамлириға ваба дағлири жуққан җайлар кавак болса, һәм йешилға майил яки қизғуч болуп, тамниң йүзидин қениқрақ болса,
38 каһин өйниң ишигиниң алдиға чиқип, ишикни йәттә күнгичә тақап қойсун.
39 Андин каһин йәттинчи күни йенип келип, сәпселип қариғинида, өйниң тамлиридики из-дағ кеңийип кәткән болса,
40 каһин: — Ваба жуққан ташларни чиқирип шәһәрниң сиртидики напак бир җайға ташливетиңлар, дәп буйрусун.
41 Шуниң билән биргә у өйниң ичиниң төрт әтрапини қирдорсун вә улар қирған сугақни болса шәһәрниң тешидики напак бир җайға төкүвәтсун.
42 Андин улар башқа ташларни елип, илгәрки ташларниң орнида қойсун вә башқа һак лай етип, униң билән өйни қайтидин сугисун.
43 Әгәр у ташларни чиқирип, өйни қирдуруп қайтидин сугатқандин кейин, өйдә ваба деғи йәнә пәйда болса,
44 ундақта каһин йәнә кирип буниңға сәпселип қарисун. Сәпселип қариғинида, мана из-дағ өйдә кеңийип кәткән болса, бу өйгә жуққини чириткүч ваба болиду; өй напак санилиду.
45 Бу вәҗидин улар өйни, йәни яғач-таш вә барлиқ сугиқи билән биллә чүшүрүп, һәммисини көтирип шәһәрниң сиртидики напак бир җайға ташливәтсун.
46 Кимдәким өй тақалған мәзгилдә униңға кирсә, у кәч киргичә напак санилиду.
47 Әгәр бирким өй ичидә ятқан болса, кийимлирини жуйсун; вә әгәр бириси өйдә ғизаланған болса, уму өз кийимлирини жуйсун.
48 Лекин каһин кирип, өйгә сәпселип қариғинида өй сугалғандин кейин ваба униңда кеңийип кәтмигән болса, ундақта каһин өйни «пак» дәп җакалисун; чүнки униңдики ваба сақайған болиду.
49 Андин у өйниң пак қилиниши үчүн икки қуш, кедир яғичи, қизил рәхт билән зофа елип келип,
50 қушларниң бирини еқин су қачиланған сапал козиниң үстидә боғузлисун;
51 андин у кедир яғичи, зофа, қизил рәхт вә тирик қушни биллә елип келип, бу нәрсиләрниң һәммисини боғузланған қушниң қениға, шундақла еқин суға чилап, өйгә йәттә мәртивә сәпсун;
52 бу йол билән у өйни қушниң қени, еқин су, тирик қуш, кедир яғичи, зофа вә қизил рәхт арқилиқ напаклиқтин паклайду.
53 Андин у тирик қушни шәһәрниң сиртида, далада қоюп бәрсун. У шундақ қилип, өй үчүн кафарәт кәлтүриду; у өй пак санилиду.
54 Булар болса һәр хил песә-мохо җараһити, қақач,
55 кийим-кечәк вә өйгә жуққан песә-мохо вабаси,
55b теридики чиқанлар, тәмрәткә вә пақирақ ақ из-дағлар тоғрисидики қанун-бәлгүлимидур.
Лавийлар 14 in Муқеддес Калам (кирил йезиқ)

Lawiylar 14:8-55 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

8 Pése-maxawdin pak qilinidighan kishi kiyimlirini yuyup, bedinidiki barliq tüklerni chüshürüp, suda yuyun'ghandin kéyin pak hésablinidu. Andin uninggha chédirgahqa kirishke ijazet bolidu; peqet u yette kün'giche öz chédirining téshida turushi kérek.
9 Yettinchi küni u bedinidiki hemme tüklerni chüshürsun; bashning chach-saqalliri we qéshini, yeni barliq tüklirini chüshürsun; u kiyimlirini yuyup öz bedinini suda yusun, andin pak bolidu.
10 Sekkizinchi küni u ikki béjirim erkek qoza bilen bir yashqa kirgen béjirim chishi qozidin birni, shuningdek bir efahning ondin üchige barawer zeytun méyi ileshtürülgen ésil un «ashliq hediye»ni, bir log zeytun méyini keltürsun.
11 Uni «pak» dep jakarlaydighan bu resim-qaidini ötküzidighan kahin pak qilinidighan kishini we u nersilerni jamaet chédirining kirish aghzida, Perwerdigarning aldida hazir qilsun.
12 Andin kahin erkek qozilarning birini élip itaetsizlik qurbanliqi qilip sunup, uning bilen bille shu bir log zeytun méyinimu keltürüp, pulanglatma hediye süpitide Perwerdigarning aldida pulanglatsun.
13 Qoza bolsa muqeddes bir jayning ichide gunah qurbanliqi bilen köydürme qurbanliqlar boghuzlinidighan jayda boghuzlansun; chünki itaetsizlik qurbanliqi bolsa gunah qurbanliqigha oxshash, kahin'gha tewe bolup «eng muqeddeslerning biri» sanilidu.  
14 Kahin itaetsizlik qurbanliqining qénidin élip pak qilinidighan kishining ong quliqining yumshiqigha we ong qolining chong barmiqi bilen ong putining chong barmiqighimu sürüp qoysun.
15 Andin kahin shu bir log zeytun méyidin élip, özining sol qolining aliqinigha azghina quysun.
16 Kahin ong barmiqini sol qolidiki zeytun méyigha chilap, Perwerdigarning aldida yette qétim barmiqi bilen sepsun.
17 Andin kahin qolidiki qalghan maydin élip, pak qilinidighan kishining ong quliqining yumshiqigha, ong qolining bash barmiqigha we ong putining bash barmiqigha sürülgen itaetsizlik qurbanliqining qénining üstige sürüp qoysun.
18 Sürüp bolup, kahin qolidiki éship qalghan mayni pak qilinidighan kishining béshigha quysun. Bu yol bilen kahin uning üchün Perwerdigarning aldida kafaret keltüridu.
19 Andin kahin gunah qurbanliqini sunup, pak qilinidighan kishini napakliqidin pak qilishqa kafaret keltüridu; axirida u köydürme qurbanliqni boghuzlisun.
20 Kahin köydürme qurbanliq bilen ashliq hediyeni qurban'gahta sunsun. Bu yol bilen kahin uning üchün kafaret keltürüp, u kishi pak bolidu.
21 Lékin u kembeghelliktin shundaq qilishqa qurbi yetmise, özige kafaret keltürüsh üchün «pulanglatma hediye» süpitide yalghuz bir erkek qozini itaetsizlik qurbanliqi qilip keltürsun, shuningdek ashliq hediye üchün bir efahning ondin birige barawer zeytun méyi ileshtürülgen ésil un bilen bir log zeytun méyini keltürsun
22 we öz ehwaligha yarisha ikki paxtek yaki ikki bachka élip kelsun; biri gunah qurbanliqi üchün, yene biri köydürme qurbanliq üchün bolsun;
23 sekkizinchi küni bularni özining pak qilinishi üchün jamaet chédirining kirish aghzigha élip kélip, Perwerdigarning aldida kahinning qéshigha keltürsun.
24 Kahin itaetsizlik qurbanliqi bolidighan erkek qoza bilen shu bir log mayni élip, bularni pulanglatma hediye süpitide Perwerdigarning aldida pulanglatsun.
25 Itaetsizlik qurbanliqi qilin'ghan erkek qozini bolsa özi boghuzlisun; andin kahin itaetsizlik qurbanliqining qénidin azghina élip, pak qilinidighan kishining ong quliqining yumshiqigha, ong qolining bash barmiqigha we ong putining bash barmiqigha sürsun.
26 Andin kahin maydin élip, sol qolining aliqinigha azghina quysun.
27 Shundaq qilip, kahin ong barmiqi bilen sol qolidiki maydin Perwerdigarning aldida yette qétim sepsun.
28 Andin kahin özi qolidiki maydin élip, pak qilinidighan kishining ong quliqining yumshiqigha we ong qolining bash barmiqi bilen ong putining bash barmiqigha itaetsizlik qurbanliqining qénining üstige sürsun.
29 Shuning bilen Perwerdigarning aldida uninggha kafaret keltürüshke kahin qolidiki mayning qalghinini pak qilinidighan kishining béshigha quysun;
30 andin shu kishi öz qurbigha qarap paxtektin birni yaki bachkidin birni sunsun;
31 öz qurbigha qarap, birini gunah qurbanliqi, yene birini köydürme qurbanliq qilip ashliq hediye bilen bille sunsun. Bu yolda kahin Perwerdigarning aldida pak qilinidighan kishi üchün kafaret keltüridu.
32 Özide pése-maxaw bolghan, pak qilinishi üchün wajip bolidighan nersilerni keltürüshke qurbi yetmeydighan kishiler toghrisidiki qanun-belgilime mana shulardur.
33 Perwerdigar Musa bilen Harun'gha mundaq dédi: —
34 — Siler Men özünglargha miras qilip béridighan Qanaan zéminigha kirgendin kéyin, Men siler ige bolidighan shu zémindiki bir öyge birxil pése-maxaw yarisini ewetsem,
35 öyning igisi kahinning qéshigha bérip, uninggha buni melum qilip: «Méning öyümge waba yuqqandek körünidu», dep melum qilishi kérek.
36 Kahin bolsa: — Öydiki hemme nersiler napak bolmisun üchün men bérip bu wabagha sepsélip qarashtin burun öyni bikarlanglar, dep buyrusun. Andin kahin kirip öyge sepsélip qarisun.
37 U shu wabagha sepsélip qarighinida, mana öyning tamlirigha waba daghliri yuqqan jaylar kawak bolsa, hem yéshilgha mayil yaki qizghuch bolup, tamning yüzidin qéniqraq bolsa,
38 kahin öyning ishikining aldigha chiqip, ishikni yette kün'giche taqap qoysun.
39 Andin kahin yettinchi küni yénip kélip, sepsélip qarighinida, öyning tamliridiki iz-dagh kéngiyip ketken bolsa,
40 kahin: — Waba yuqqan tashlarni chiqirip sheherning sirtidiki napak bir jaygha tashliwétinglar, dep buyrusun.
41 Shuning bilen birge u öyning ichining töt etrapini qirdorsun we ular qirghan suwaqni bolsa sheherning téshidiki napak bir jaygha töküwetsun.
42 Andin ular bashqa tashlarni élip, ilgiriki tashlarning ornida qoysun we bashqa hak lay étip, uning bilen öyni qaytidin suwisun.
43 Eger u tashlarni chiqirip, öyni qirdurup qaytidin suwatqandin kéyin, öyde waba déghi yene peyda bolsa,
44 undaqta kahin yene kirip buninggha sepsélip qarisun. Sepsélip qarighinida, mana iz-dagh öyde kéngiyip ketken bolsa, bu öyge yuqqini chiritküch waba bolidu; öy napak sanilidu.
45 Bu wejidin ular öyni, yeni yaghach-tash we barliq suwiqi bilen bille chüshürüp, hemmisini kötürüp sheherning sirtidiki napak bir jaygha tashliwetsun.
46 Kimdekim öy taqalghan mezgilde uninggha kirse, u kech kirgüche napak sanilidu.
47 Eger birkim öy ichide yatqan bolsa, kiyimlirini yusun; we eger birsi öyde ghizalan'ghan bolsa, umu öz kiyimlirini yusun.
48 Lékin kahin kirip, öyge sepsélip qarighinida öy suwalghandin kéyin waba uningda kéngiyip ketmigen bolsa, undaqta kahin öyni «pak» dep jakarlisun; chünki uningdiki waba saqayghan bolidu.
49 Andin u öyning pak qilinishi üchün ikki qush, kédir yaghichi, qizil rext bilen zofa élip kélip,
50 qushlarning birini éqin su qachilan'ghan sapal kozining üstide boghuzlisun;
51 andin u kédir yaghichi, zofa, qizil rext we tirik qushni bille élip kélip, bu nersilerning hemmisini boghuzlan'ghan qushning qénigha, shundaqla éqin sugha chilap, öyge yette mertiwe sepsun;
52 bu yol bilen u öyni qushning qéni, éqin su, tirik qush, kédir yaghichi, zofa we qizil rext arqiliq napakliqtin paklaydu.
53 Andin u tirik qushni sheherning sirtida, dalada qoyup bersun. U shundaq qilip, öy üchün kafaret keltüridu; u öy pak sanilidu.
54 Bular bolsa herxil pése-maxaw jarahiti, qaqach,
55 kiyim-kéchek we öyge yuqqan pése-maxaw wabasi,
Lawiylar 14 in Muqeddes Kalam (latin yéziq)

Lawiylar 14:8-55 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)

8 Pesǝ-mahawdin pak ⱪilinidiƣan kixi kiyimlirini yuyup, bǝdinidiki barliⱪ tüklǝrni qüxürüp, suda yuyunƣandin keyin pak ⱨesablinidu. Andin uningƣa qedirgaⱨⱪa kirixkǝ ijazǝt bolidu; pǝⱪǝt u yǝttǝ kün'giqǝ ɵz qedirining texida turuxi kerǝk.
9 Yǝttinqi küni u bǝdinidiki ⱨǝmmǝ tüklǝrni qüxürsun; baxning qaq-saⱪalliri wǝ ⱪexini, yǝni barliⱪ tüklirini qüxürsun; u kiyimlirini yuyup ɵz bǝdinini suda yusun, andin pak bolidu.
10 Sǝkkizinqi küni u ikki bejirim ǝrkǝk ⱪoza bilǝn bir yaxⱪa kirgǝn bejirim qixi ⱪozidin birni, xuningdǝk bir ǝfaⱨning ondin üqigǝ barawǝr zǝytun meyi ilǝxtürülgǝn esil un «axliⱪ ⱨǝdiyǝ»ni, bir log zǝytun meyini kǝltürsun.
11 Uni «pak» dǝp jakarlaydiƣan bu rǝsim-ⱪaidini ɵtküzidiƣan kaⱨin pak ⱪilinidiƣan kixini wǝ u nǝrsilǝrni jamaǝt qedirining kirix aƣzida, Pǝrwǝrdigarning aldida ⱨazir ⱪilsun.
12 Andin kaⱨin ǝrkǝk ⱪozilarning birini elip itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪi ⱪilip sunup, uning bilǝn billǝ xu bir log zǝytun meyinimu kǝltürüp, pulanglatma ⱨǝdiyǝ süpitidǝ Pǝrwǝrdigarning aldida pulanglatsun.
13 Ⱪoza bolsa muⱪǝddǝs bir jayning iqidǝ gunaⱨ ⱪurbanliⱪi bilǝn kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪlar boƣuzlinidiƣan jayda boƣuzlansun; qünki itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪi bolsa gunaⱨ ⱪurbanliⱪiƣa ohxax, kaⱨinƣa tǝwǝ bolup «ǝng muⱪǝddǝslǝrning biri» sanilidu.  
14 Kaⱨin itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪining ⱪenidin elip pak ⱪilinidiƣan kixining ong ⱪuliⱪining yumxiⱪiƣa wǝ ong ⱪolining qong barmiⱪi bilǝn ong putining qong barmiⱪiƣimu sürüp ⱪoysun.
15 Andin kaⱨin xu bir log zǝytun meyidin elip, ɵzining sol ⱪolining aliⱪiniƣa azƣina ⱪuysun.
16 Kaⱨin ong barmiⱪini sol ⱪolidiki zǝytun meyiƣa qilap, Pǝrwǝrdigarning aldida yǝttǝ ⱪetim barmiⱪi bilǝn sǝpsun.
17 Andin kaⱨin ⱪolidiki ⱪalƣan maydin elip, pak ⱪilinidiƣan kixining ong ⱪuliⱪining yumxiⱪiƣa, ong ⱪolining bax barmiⱪiƣa wǝ ong putining bax barmiⱪiƣa sürülgǝn itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪining ⱪenining üstigǝ sürüp ⱪoysun.
18 Sürüp bolup, kaⱨin ⱪolidiki exip ⱪalƣan mayni pak ⱪilinidiƣan kixining bexiƣa ⱪuysun. Bu yol bilǝn kaⱨin uning üqün Pǝrwǝrdigarning aldida kafarǝt kǝltüridu.
19 Andin kaⱨin gunaⱨ ⱪurbanliⱪini sunup, pak ⱪilinidiƣan kixini napakliⱪidin pak ⱪilixⱪa kafarǝt kǝltüridu; ahirida u kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪni boƣuzlisun.
20 Kaⱨin kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ bilǝn axliⱪ ⱨǝdiyǝni ⱪurban'gaⱨta sunsun. Bu yol bilǝn kaⱨin uning üqün kafarǝt kǝltürüp, u kixi pak bolidu.
21 Lekin u kǝmbǝƣǝlliktin xundaⱪ ⱪilixⱪa ⱪurbi yǝtmisǝ, ɵzigǝ kafarǝt kǝltürüx üqün «pulanglatma ⱨǝdiyǝ» süpitidǝ yalƣuz bir ǝrkǝk ⱪozini itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪi ⱪilip kǝltürsun, xuningdǝk axliⱪ ⱨǝdiyǝ üqün bir ǝfaⱨning ondin birigǝ barawǝr zǝytun meyi ilǝxtürülgǝn esil un bilǝn bir log zǝytun meyini kǝltürsun
22 wǝ ɵz ǝⱨwaliƣa yarixa ikki pahtǝk yaki ikki baqka elip kǝlsun; biri gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün, yǝnǝ biri kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bolsun;
23 sǝkkizinqi küni bularni ɵzining pak ⱪilinixi üqün jamaǝt qedirining kirix aƣziƣa elip kelip, Pǝrwǝrdigarning aldida kaⱨinning ⱪexiƣa kǝltürsun.
24 Kaⱨin itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪi bolidiƣan ǝrkǝk ⱪoza bilǝn xu bir log mayni elip, bularni pulanglatma ⱨǝdiyǝ süpitidǝ Pǝrwǝrdigarning aldida pulanglatsun.
25 Itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪi ⱪilinƣan ǝrkǝk ⱪozini bolsa ɵzi boƣuzlisun; andin kaⱨin itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪining ⱪenidin azƣina elip, pak ⱪilinidiƣan kixining ong ⱪuliⱪining yumxiⱪiƣa, ong ⱪolining bax barmiⱪiƣa wǝ ong putining bax barmiⱪiƣa sürsun.
26 Andin kaⱨin maydin elip, sol ⱪolining aliⱪiniƣa azƣina ⱪuysun.
27 Xundaⱪ ⱪilip, kaⱨin ong barmiⱪi bilǝn sol ⱪolidiki maydin Pǝrwǝrdigarning aldida yǝttǝ ⱪetim sǝpsun.
28 Andin kaⱨin ɵzi ⱪolidiki maydin elip, pak ⱪilinidiƣan kixining ong ⱪuliⱪining yumxiⱪiƣa wǝ ong ⱪolining bax barmiⱪi bilǝn ong putining bax barmiⱪiƣa itaǝtsizlik ⱪurbanliⱪining ⱪenining üstigǝ sürsun.
29 Xuning bilǝn Pǝrwǝrdigarning aldida uningƣa kafarǝt kǝltürüxkǝ kaⱨin ⱪolidiki mayning ⱪalƣinini pak ⱪilinidiƣan kixining bexiƣa ⱪuysun;
30 andin xu kixi ɵz ⱪurbiƣa ⱪarap pahtǝktin birni yaki baqkidin birni sunsun;
31 ɵz ⱪurbiƣa ⱪarap, birini gunaⱨ ⱪurbanliⱪi, yǝnǝ birini kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ ⱪilip axliⱪ ⱨǝdiyǝ bilǝn billǝ sunsun. Bu yolda kaⱨin Pǝrwǝrdigarning aldida pak ⱪilinidiƣan kixi üqün kafarǝt kǝltüridu.
32 Ɵzidǝ pesǝ-mahaw bolƣan, pak ⱪilinixi üqün wajip bolidiƣan nǝrsilǝrni kǝltürüxkǝ ⱪurbi yǝtmǝydiƣan kixilǝr toƣrisidiki ⱪanun-bǝlgilimǝ mana xulardur.
33 Pǝrwǝrdigar Musa bilǝn Ⱨarunƣa mundaⱪ dedi: —
34 — Silǝr Mǝn ɵzünglarƣa miras ⱪilip beridiƣan Ⱪanaan zeminiƣa kirgǝndin keyin, Mǝn silǝr igǝ bolidiƣan xu zemindiki bir ɵygǝ birhil pesǝ-mahaw yarisini ǝwǝtsǝm,
35 ɵyning igisi kaⱨinning ⱪexiƣa berip, uningƣa buni mǝlum ⱪilip: «Mening ɵyümgǝ waba yuⱪⱪandǝk kɵrünidu», dǝp mǝlum ⱪilixi kerǝk.
36 Kaⱨin bolsa: — Ɵydiki ⱨǝmmǝ nǝrsilǝr napak bolmisun üqün mǝn berip bu wabaƣa sǝpselip ⱪaraxtin burun ɵyni bikarlanglar, dǝp buyrusun. Andin kaⱨin kirip ɵygǝ sǝpselip ⱪarisun.
37 U xu wabaƣa sǝpselip ⱪariƣinida, mana ɵyning tamliriƣa waba daƣliri yuⱪⱪan jaylar kawak bolsa, ⱨǝm yexilƣa mayil yaki ⱪizƣuq bolup, tamning yüzidin ⱪeniⱪraⱪ bolsa,
38 kaⱨin ɵyning ixikining aldiƣa qiⱪip, ixikni yǝttǝ kün'giqǝ taⱪap ⱪoysun.
39 Andin kaⱨin yǝttinqi küni yenip kelip, sǝpselip ⱪariƣinida, ɵyning tamliridiki iz-daƣ kengiyip kǝtkǝn bolsa,
40 kaⱨin: — Waba yuⱪⱪan taxlarni qiⱪirip xǝⱨǝrning sirtidiki napak bir jayƣa taxliwetinglar, dǝp buyrusun.
41 Xuning bilǝn birgǝ u ɵyning iqining tɵt ǝtrapini ⱪirdorsun wǝ ular ⱪirƣan suwaⱪni bolsa xǝⱨǝrning texidiki napak bir jayƣa tɵküwǝtsun.
42 Andin ular baxⱪa taxlarni elip, ilgiriki taxlarning ornida ⱪoysun wǝ baxⱪa ⱨak lay etip, uning bilǝn ɵyni ⱪaytidin suwisun.
43 Əgǝr u taxlarni qiⱪirip, ɵyni ⱪirdurup ⱪaytidin suwatⱪandin keyin, ɵydǝ waba deƣi yǝnǝ pǝyda bolsa,
44 undaⱪta kaⱨin yǝnǝ kirip buningƣa sǝpselip ⱪarisun. Sǝpselip ⱪariƣinida, mana iz-daƣ ɵydǝ kengiyip kǝtkǝn bolsa, bu ɵygǝ yuⱪⱪini qiritküq waba bolidu; ɵy napak sanilidu.
45 Bu wǝjidin ular ɵyni, yǝni yaƣaq-tax wǝ barliⱪ suwiⱪi bilǝn billǝ qüxürüp, ⱨǝmmisini kɵtürüp xǝⱨǝrning sirtidiki napak bir jayƣa taxliwǝtsun.
46 Kimdǝkim ɵy taⱪalƣan mǝzgildǝ uningƣa kirsǝ, u kǝq kirgüqǝ napak sanilidu.
47 Əgǝr birkim ɵy iqidǝ yatⱪan bolsa, kiyimlirini yusun; wǝ ǝgǝr birsi ɵydǝ ƣizalanƣan bolsa, umu ɵz kiyimlirini yusun.
48 Lekin kaⱨin kirip, ɵygǝ sǝpselip ⱪariƣinida ɵy suwalƣandin keyin waba uningda kengiyip kǝtmigǝn bolsa, undaⱪta kaⱨin ɵyni «pak» dǝp jakarlisun; qünki uningdiki waba saⱪayƣan bolidu.
49 Andin u ɵyning pak ⱪilinixi üqün ikki ⱪux, kedir yaƣiqi, ⱪizil rǝht bilǝn zofa elip kelip,
50 ⱪuxlarning birini eⱪin su ⱪaqilanƣan sapal kozining üstidǝ boƣuzlisun;
51 andin u kedir yaƣiqi, zofa, ⱪizil rǝht wǝ tirik ⱪuxni billǝ elip kelip, bu nǝrsilǝrning ⱨǝmmisini boƣuzlanƣan ⱪuxning ⱪeniƣa, xundaⱪla eⱪin suƣa qilap, ɵygǝ yǝttǝ mǝrtiwǝ sǝpsun;
52 bu yol bilǝn u ɵyni ⱪuxning ⱪeni, eⱪin su, tirik ⱪux, kedir yaƣiqi, zofa wǝ ⱪizil rǝht arⱪiliⱪ napakliⱪtin paklaydu.
53 Andin u tirik ⱪuxni xǝⱨǝrning sirtida, dalada ⱪoyup bǝrsun. U xundaⱪ ⱪilip, ɵy üqün kafarǝt kǝltüridu; u ɵy pak sanilidu.
54 Bular bolsa ⱨǝrhil pesǝ-mahaw jaraⱨiti, ⱪaⱪaq,
55 kiyim-keqǝk wǝ ɵygǝ yuⱪⱪan pesǝ-mahaw wabasi,
Lawiylar 14 in Muⱪeddes Kalam (yǝngi yeziⱪ)