2 ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان جانىۋارلار شۇكى: ــ
3 ھايۋانلار ئىچىدە ھەم تۇياقلىرى پۈتۈن ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەربىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ.
4 لېكىن كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە: چۈنكى ئۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس. شۇڭا ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
5 سۇغۇر بولسا كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
6 توشقان بولسا بۇمۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
7 چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ.