6 يولى دۇرۇسنى ھەققانىيەت قوغدار؛ لېكىن گۇناھكارنى رەزىللىك يىقىتار.
7 بەزىلەر ئۆزىنى باي كۆرسەتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق سۆلەتتۇر؛ بەزىلەر ئۆزىنى يوقسۇل كۆرسەتكىنى بىلەن زور بايلىقلىرى باردۇر.
8 ئۆز بايلىقى گۆرۈگە تۇتۇلغان باينىڭ جېنىغا ئارا تۇرار؛ بىراق يوقسۇللار ھېچ ۋەھىمىنى ئاڭلىماس.
9 ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.
10 كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر.
11 ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر.