25 ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن!
26 ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى.