20 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.
21 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
22 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.
23 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
24 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.