2ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىشلار ئوخشاش پېتى كېلىدۇ؛ ھەققانىي ۋە رەزىل كىشىگە، مېھرىبان كىشىگە، پاك ۋە ناپاك، قۇربانلىق قىلغۇچى ۋە قۇربانلىق قىلمىغۇچىغىمۇ ئوخشاش قىسمەت بولىدۇ؛ ياخشى ئادەمگە قانداق بولسا، گۇناھكارغا شۇنداق بولىدۇ؛ قەسەم ئىچكۈچىگە ۋە قەسەم ئىچىشتىن قورققۇچىغىمۇ ئوخشاش بولىدۇ.
3مانا ھەممىگە ئوخشاشلا بۇ ئىشنىڭ كېلىدىغانلىقى قۇياش ئاستىدىكى ئىشلار ئارىسىدا كۈلپەتلىك ئىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان، پۈتۈن ھاياتىدا كۆڭلىدە تەلۋىلىك تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار ئۆلگەنلەرگە قوشۇلىدۇ.
4چۈنكى تىرىكلەرگە قوشۇلغان كىشى ئۈچۈن بولسا ئۈمىد بار؛ چۈنكى، تىرىك ئىت ئۆلگەن شىردىن ئەلا.