Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 9

ھېكمەت توپلىغۇچى 9:13-18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13مەن يەنە قۇياش ئاستىدا دانالىقنىڭ بۇ مىسالىنى كۆردۇم، ئۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى؛
14كىچىك بىر شەھەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا قارشى بۈيۈك بىر پادىشاھ چىقىپ، ئۇنى قورشاپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان يوغان پوتەيلەرنى قۇردى.
15بىراق شەھەردىن نامرات بىر دانا كىشى تېپىلىپ قالدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆز دانالىقى بىلەن قۇتۇلدۇردى؛ بىراق كېيىن، ھېچكىم بۇ نامرات كىشىنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى.
16شۇنىڭ بىلەن مەن‫‪:‬‬ «دانالىق كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەتتىن ئەۋزەل» ــ دېدىم؛ بىراق شۇ نامرات كىشىنىڭ دانالىقى كېيىن كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانمايدۇ.
17دانا كىشىنىڭ جىمجىتلىقتا ئېيتقان سۆزلىرى ئەخمەقلەر ئۈستىدىن ھوقۇق سۈرگۈچىنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئېنىق ئاڭلىنار.
18دانالىق ئۇرۇش قوراللىرىدىن ئەۋزەلدۇر؛ بىراق بىر گۇناھكار زور ياخشىلىقنى ھالاك قىلىدۇ.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 9ھېكمەت توپلىغۇچى 9
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 9:13-18ھېكمەت توپلىغۇچى 9:13-18