2ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك.
3غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشلىنىدۇ.
4دانا كىشىنىڭ قەلبى ماتەم تۇتۇش ئۆيىدە، بىراق ئەخمەقنىڭ قەلبى تاماشىنىڭ ئۆيىدىدۇر.
5ئەخمەقلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە، دانا كىشىنىڭ تەنبىھىنى ئاڭلىغىن؛