Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 7

ھېكمەت توپلىغۇچى 7:19-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
19دانالىق دانا كىشىنى بىر شەھەرنى باشقۇرىدىغان ئون ھۆكۈمراندىن زىيادە كۈچلۈك قىلىدۇ.
20بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر.
21يەنە، خەقلەرنىڭ ھەممىلا گەپ‫‪‎-‎‬‬سۆزلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمە؛ بولمىسا، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
22چۈنكى كۆڭلۈڭدە، ئۆزۈڭنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت قىلغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىسەن.
23بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن سىناپ باقتىم؛ مەن‫‪:‬‬ «دانا بولىمەن» دېسەممۇ، ئەمما ئۇ مەندىن يىراق ئىدى.
24بارلىق يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا ئەقلىمىزدىن يىراق، شۇنىڭدەك ئىنتايىن سىرلىقتۇر؛ كىم ئۇنى ئىزدەپ بىلىپ يېتەلىسۇن؟
25مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىكىنى، ئەخمەقلىكنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم.
26شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى تور ۋە قىلتاق، قوللىرى ئاسارەت بولغان ئايالنىڭ ئۆلۈمدىن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بىراق گۇناھكار ئادەم ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
27بۇ بايقىغانلىرىمغا قارا، ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ پاكىتلارنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە باغلاپ سېلىشتۇرۇپ، ئەقىل ئىزدىدىم؛

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 7ھېكمەت توپلىغۇچى 7
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 7:19-27ھېكمەت توپلىغۇچى 7:19-27