Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 7

ھېكمەت توپلىغۇچى 7:1-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ياخشى نام‫‪‎-‎‬‬ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر.
2ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت‫‪‎-‎‬‬توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك.
3غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشلىنىدۇ.
4دانا كىشىنىڭ قەلبى ماتەم تۇتۇش ئۆيىدە، بىراق ئەخمەقنىڭ قەلبى تاماشىنىڭ ئۆيىدىدۇر.
5ئەخمەقلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە، دانا كىشىنىڭ تەنبىھىنى ئاڭلىغىن؛
6چۈنكى ئەخمەقنىڭ كۈلكىسى قازان ئاستىدىكى يانتاقلارنىڭ پاراسلىشىدەك، خالاس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.  
7جەبىر‫‪‎-‎‬‬زۇلۇم دانا ئادەمنى نادانغا ئايلاندۇرىدۇ، پارا بولسا قەلبنى ھالاك قىلىدۇ.
8ئىشنىڭ ئايىغى بېشىدىن ئەۋزەل؛ سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقەتلىك روھ تەكەببۇر روھتىن ئەۋزەلدۇر.
9روھىڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما؛ چۈنكى خاپىلىق ئەخمەقلەرنىڭ باغرىدا قونۇپ ياتىدۇ.
10«نېمىشقا بۇرۇنقى كۈنلەر ھازىرقى كۈنلەردىن ئەۋزەل؟» ــ دېمە؛ چۈنكى سېنىڭ بۇنداق سورىغىنىڭ دانالىقتىن ئەمەس.
11دانالىق مىراسقا ئوخشاش ياخشى ئىش، قۇياش نۇرى كۆرگۈچىلەرگە پايدىلىقتۇر.
12چۈنكى دانالىق پۇل پاناھ بولغاندەك، پاناھ بولىدۇ؛ بىراق دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ ئۆز ئىگىلىرىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.
13خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلاپ كۆر؛ چۈنكى ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈز قىلالىسۇن؟
14ئاۋات كۈنىدە ھۇزۇر ئال؛ ۋە يامان كۈنىدىمۇ شۇنى ئويلاپ كۆر‫‪:‬‬ ــ خۇدا ئۇلارنىڭ بىرىنى، شۇنداقلا يەنە بىرىنىمۇ تەڭ ياراتقاندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزى كەتكەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ.
15مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى بىمەنە كۈنلىرىمدە كۆرۈپ يەتتىم؛ ھەققانىي بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى بىلەن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، شۇنىڭدەك رەزىل بىر ئادەمنىڭ ئۆز رەزىللىكى بىلەن ئۆمرىنى ئۇزاراتقانلىقىنى كۆردۈم.
16ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي بولما؛ ۋە ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە دانا بولما؛ سەن ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزۈڭنى ئالاقزادە قىلماقچىمۇسەن؟

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 7ھېكمەت توپلىغۇچى 7
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 7:1-16ھېكمەت توپلىغۇچى 7:1-16