Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 5

ھېكمەت توپلىغۇچى 5:16-20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
16مانا بۇمۇ ئېغىر ئەلەملىك ئىش؛ چۈنكى ئۇ قانداق كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ؛ ئەمدى ئۇنىڭ شامالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟
17ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچكىنى قاراڭغۇلۇقتا بولۇپ، غەشلىكى، كېسەللىكى ۋە خاپىلىقى كۆپ بولىدۇ.
18مانا نېمىنىڭ ياراملىق ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۇم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ خۇدا ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنلىرىدە يېيىش، ئىچىش ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق مېھنىتىدىن ھۇزۇر ئېلىشتۇر؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر.
19خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال‫‪‎-‎‬‬دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر.
20چۈنكى ئۇ ئۆمرىدىكى تېز ئۆتىدىغان كۈنلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى كۆڭلىنىڭ شادلىقى بىلەن بەند قىلىدۇ.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 5ھېكمەت توپلىغۇچى 5
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 5:16-20ھېكمەت توپلىغۇچى 5:16-20