Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 5

ھېكمەت توپلىغۇچى 5:1-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ.
2ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن.
3چۈنكى ئىش كۆپ بولسا چۈشمۇ كۆپ بولغاندەك، گەپ كۆپ بولسا، ئەخمەقنىڭ گېپى بولۇپ قالىدۇ.
4خۇداغا قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرمە؛ چۈنكى ئۇ ئەخمەقلەردىن ھۇزۇر ئالمايدۇ؛ شۇڭا قەسىمىڭنى ئادا قىلغىن.
5قەسەم ئىچىپ ئادا قىلمىغاندىن كۆرە، قەسەم ئىچمەسلىكىڭ تۈزۈكتۇر.
6ئاغزىڭ تېنىڭنى گۇناھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەتمىسۇن؛ پەرىشتە ئالدىدا‫‪:‬‬ «خاتا سۆزلەپ سالدىم» دېمە؛ نېمىشقا خۇدا گېپىڭدىن غەزەپلىنىپ قوللىرىڭ ياسىغاننى ھالاك قىلىدۇ؟
7چۈنكى چۈش كۆپ بولسا بىمەنىلىكمۇ كۆپ بولىدۇ؛ گەپ كۆپ بولسىمۇ ئوخشاشتۇر؛ شۇڭا، خۇدادىن قورققىن!
8سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ياكى يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەق‫‪‎-‎‬‬ئادالەتنى زوراۋانلارچە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛ چۈنكى مەنسەپداردىن يۇقىرى يەنە بىرسى كۆزلىمەكتە؛ ۋە ئۇلاردىنمۇ يۇقىرىسىمۇ باردۇر.
9بىراق نېمىلا بولمىسۇن يەر‫‪‎-‎‬‬تۇپراق ھەممە ئادەمگە پايدىلىقتۇر؛ ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ يەر‫‪‎-‎‬‬تۇپراققا تايىنىدۇ.
10كۈمۈشكە ئامراق كۈمۈشكە قانماس، بايلىقلارغا ئامراق ئۆز كىرىمىگە قانماس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.
11مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈك كۆپەيسە، ئۇلارنى يېگۈچىلەرمۇ كۆپىيىدۇ؛ مال ئىگىسىگە ئۇلارنى كۆزلەپ، ئۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشتىن باشقا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
12ئاز يېسۇن، كۆپ يېسۇن، ئەمگەكچىنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىقتۇر؛ بىراق باينىڭ توقلۇقى ئۇنى ئۇخلاتماس.
13مەن قۇياش ئاستىدا زور بىر كۈلپەتنى كۆردۈم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىگىسى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بايلىقلارنى توپلاشتۇر؛
14شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بايلىقلىرى بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن يوقىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق ئادەمنىڭ بىر ئوغلى بولسا، ئوغلىنىڭ قولىغا قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى يوق بولىدۇ.
15ئۇ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چىقىپ، كەتكەندىمۇ يالىڭاچ پېتى كېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن قولىغا ئالغۇدەك ھېچنېمىنى ئېپكەتەلمەيدۇ.
16مانا بۇمۇ ئېغىر ئەلەملىك ئىش؛ چۈنكى ئۇ قانداق كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ؛ ئەمدى ئۇنىڭ شامالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟
17ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچكىنى قاراڭغۇلۇقتا بولۇپ، غەشلىكى، كېسەللىكى ۋە خاپىلىقى كۆپ بولىدۇ.
18مانا نېمىنىڭ ياراملىق ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۇم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ خۇدا ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنلىرىدە يېيىش، ئىچىش ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق مېھنىتىدىن ھۇزۇر ئېلىشتۇر؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر.
19خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال‫‪‎-‎‬‬دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 5ھېكمەت توپلىغۇچى 5
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 5:1-19ھېكمەت توپلىغۇچى 5:1-19