Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 4

ھېكمەت توپلىغۇچى 4:6-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر.
7مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛
8بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ‫‪:‬‬ «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر.
9ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ.
10يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
11يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟
12يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس.
13كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھدىن ياخشىدۇر؛
14چۈنكى گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنداندىن تەختكە ئولتۇرۇشقا چىقتى.
15مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئاشۇ ئىككىنچىنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئورنىنى باسقۇچىنى، شۇ يىگىتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇم.
16بارلىق خەلق، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ؛ بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 4ھېكمەت توپلىغۇچى 4
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 4:6-16ھېكمەت توپلىغۇچى 4:6-16