Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 3

ھېكمەت توپلىغۇچى 3:8-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8سۆيۈش ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىش ۋاقتى بار؛ ئۇرۇش ۋاقتى بار، تىنچلىق ۋاقتى بار.
9ئىشلىگەن ئۆز ئىشلىگىنىدىن نېمە پايدا ئالىدۇ؟
10مەن خۇدا ئىنسان بالىلىرىغا يۈكلىگەن، ئىشلەپ جاپا تارتىش كېرەك بولغان ئىشنى كۆرگەنمەن.
11ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئۇ يەنە مەڭگۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان؛ شۇڭا، ئىنسان خۇدانىڭ ئۆز ھاياتىغا باشتىن ئاخىرغىچە نېمىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەستۇر.
12ئىنسانلارغا ھاياتىدا شادلىنىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش يوق ئىكەن دەپ بىلىپ يەتتىم.
13شۇنداقلا يەنە، ھەربىر كىشىنىڭ يېيىش‫‪‎-‎‬‬ئىچىشى، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەجرىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، مانا بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر.
14خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، دەپ بىلىمەن؛ ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ سەۋەبى ئىنساننى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرۈشتۇر.
15ھازىر بولغانلىرى ئۆتكەندىمۇ بولغاندۇر؛ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئاللىقاچان بولغاندۇر؛ خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ.
16مەن قۇياش ئاستىدا يەنە شۇ ئىشنى كۆردۈمكى ــ سوراق ئورنىدا، شۇ يەردە ھېلىھەم رەزىللىك تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق تۇرۇش كېرەك بولغان جايدا، مانا رەزىللىك تۇرىدۇ!
17مەن كۆڭلۈمدە‫‪:‬‬ «خۇدا ھەققانىي ھەم رەزىل ئادەمنى سوراققا تارتىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬مەقسەت ۋە ھەربىر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» ــ دېدىم.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 3ھېكمەت توپلىغۇچى 3
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 3:8-17ھېكمەت توپلىغۇچى 3:8-17