Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 2

ھېكمەت توپلىغۇچى 2:1-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەن كۆڭلۈمدە‫‪:‬‬ «قېنى، مەن ئۆزۈمگە تاماشىنىڭ تەمىنى تېتىغۇزۇپ باقىمەن؛ كۆڭلۈم ئېچىلسۇن!» ــ دېدىم. بىراق مانا، بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.  
2مەن كۈلكە‫‪‎-‎‬‬چاقچاققا «تەلۋىلىك!» ۋە تاماشىغا «ئۇنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟» ــ دېدىم.
3كۆڭلۈمدە ئۆز بەدىنىمنى شاراب بىلەن قانداق روھلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى (دانالىق بىلەن ئۆزۈمنى يېتەكلىگەن ھالدا) بىلىشكە بېرىلىپ ئىزدەندىم، شۇنىڭدەك «ساناقلىق كۈنلىرىدە ئىنسان بالىلىرىغا ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان نېمە پايدىلىق ئىشلار بار؟» دېگەن تۈگۈننى يەشسەم دەپ ئەخمىقانىلىكنى قانداق تۇتۇپ يېتىشىم كېرەكلىكىنى ئىنتىلىپ ئىزدىدىم.
4مەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارغا كىرىشتىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆيلەرنى سالدىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۈزۈمزارلارنى تىكتىم؛
5ئۆزۈم ئۈچۈن شاھانە باغ‫‪‎-‎‬‬باغچىلارنى ياسىدىم؛ ئۇلاردا ھەرخىل مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تىكتىم؛
6ئۆزۈم ئۈچۈن ئورماندىكى باراقسان دەرەخلەرنى ئوبدان سۇغىرىش ئۈچۈن، كۆلچەكلەرنى ياساپ چىقتىم؛
7قۇللارغا ۋە دېدەكلەرگە ئىگە بولدۇم؛ ئۆيۈمدە ئۇلاردىن تۇغۇلغانلارمۇ مېنىڭكى ئىدى؛ يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭكىدىن كۆپ مال‫‪‎-‎‬‬ۋارانلار، قوي ۋە كالا پادىلىرىم بار بولدى.
8ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزۈمگە ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ھەم ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھەرخىل ئەتىۋارلىق ئالاھىدە گۆھەرلىرىنى يىغدىم؛ قىز‫‪‎-‎‬‬يىگىت ناخشىچىلارغا ھەمدە ئادەم بالىلىرىنىڭ دىلكۆيەرلىرىگە، يەنى كۆپلىگەن گۈزەل كېنىزەكلەرگە ئىگە بولدۇم.
9ئۇلۇغ بولدۇم، يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىدىن زىيادە روناق تاپتىم؛ شۇنداق بولغىنى بىلەن دانالىقىم مەندىن كەتمىدى.
10كۆزلىرىمگە نېمە ياققان بولسا، مەن شۇنى ئۇنىڭدىن ئايىمىدىم؛ ئۆز كۆڭلۈمگە ھېچقانداق خۇشاللىقنى ياق دېمىدىم؛ چۈنكى كۆڭلۈم بارلىق ئەجرىمدىن شادلاندى؛ مانا، بۇلار ئۆز ئەجرىمدىن بولغان نېسىۋەم ئىدى.
11ئاندىن ئۆز قولۇم ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە، شۇنداقلا سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ نەتىجىسىگە قارىسام، مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى؛ بۇلار قۇياش ئاستىدىكى ھېچ پايدىسى يوق ئىشلاردۇر.
12ئاندىن زېھنىمنى يىغىپ ئۇنى دانالىققا، تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىككە قاراشقا قويدۇم؛ چۈنكى پادىشاھتىن كېيىن تۇرىدىغان ئادەم نېمە قىلالايدۇ؟ ــ قىلسىمۇ ئاللىقاچان قىلىنغان ئىشلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس!
13شۇنىڭ بىلەن نۇر قاراڭغۇلۇقتىن ئەۋزەل بولغاندەك، دانالىقنىڭ بىغەرەزلىكتىن ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يەتتىم.
14دانا كىشىنىڭ كۆزلىرى بېشىدىدۇر، ئەخمەق بولسا قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ؛ بىراق ئۇلارغا ئوخشاش بىرلا ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
15كۆڭلۈمدە‫‪:‬‬ «ئەخمەقكە بولىدىغان ئىش ماڭىمۇ ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەمدى مېنىڭ شۇنداق دانا بولۇشۇمنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟!» ــ دېدىم. ئاندىن مەن كۆڭلۈمدە‫‪:‬‬ «بۇ ئىشمۇ ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر!» ــ دېدىم.
16چۈنكى مەڭگۈگە دانا كىشى ئەخمەقكە نىسبەتەن ھېچ ئارتۇق ئەسلەنمەيدۇ؛ چۈنكى كەلگۈسىدىكى كۈنلەردە ھەممە ئىش ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئەمدى دانا كىشى قانداق ئۆلىدۇ؟ ــ ئەخمەق كىشى بىلەن بىللە!
17شۇڭا مەن ھاياتقا ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلار ماڭا ئېغىر كېلەتتى؛ ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 2ھېكمەت توپلىغۇچى 2
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 2:1-17ھېكمەت توپلىغۇچى 2:1-17