Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 1

ھېكمەت توپلىغۇچى 1:2-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2«بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!»  
3قۇياش ئاستىدا تارتقان جاپالىرىدىن ئىنسان نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟  
4بىر دەۋر ئۆتىدۇ، يەنە بىر دەۋر كېلىدۇ؛ بىراق يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ؛
5كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛ ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يەنە ئالدىراپ ماڭىدۇ.
6شامال جەنۇبقا قاراپ سوقىدۇ؛ ئاندىن بۇرۇلۇپ شىمالغا قاراپ سوقىدۇ؛ ئۇ ئايلىنىپ‫‪‎-‎‬‬ئايلىنىپ، ھەردائىم ئۆز ئايلانما يولىغا قايتىدۇ.
7بارلىق دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بىراق دېڭىز تولمايدۇ؛ دەريالار قايسى جايغا ئاققان بولسا، ئۇلار يەنە شۇ يەرگە قايتىدۇ.
8بارلىق ئىشلار جاپاغا تولغاندۇر؛ ئۇنى ئېيتىپ تۈگەتكۈچى ئادەم يوقتۇر؛ كۆز كۆرۈشتىن، قۇلاق ئاڭلاشتىن ھەرگىز تويمايدۇ.
9بولغان ئىشلار يەنە بولىدىغان ئىشلاردۇر؛ قىلغان ئىشلار يەنە قىلىنىدۇ؛ قۇياش ئاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوقتۇر.
10«مانا، بۇ يېڭى ئىش» دېگىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟ ئۇ بەرىبىر بىزدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاللىقاچان بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردۇر.
11بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ.
12مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛
13مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان!
14مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.
15ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛ كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 1ھېكمەت توپلىغۇچى 1
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 1:2-15ھېكمەت توپلىغۇچى 1:2-15