Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 12

ھېكمەت توپلىغۇچى 12:9-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند‫‪‎-‎‬‬نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى.
10ھېكمەت توپلىغۇچى يېقىملىق سۆزلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن؛ ئۇشبۇ يېزىلغىنى بولسا دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
11دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر.
12ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول؛ چۈنكى كۆپ كىتابلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئايىغى يوق، شۇنىڭدەك كۆپ ئۆگىنىش تەننى ئۇپرىتىدۇ.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 12ھېكمەت توپلىغۇچى 12
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 12:9-12ھېكمەت توپلىغۇچى 12:9-12