4كوچىغا قارايدىغان ئىشىكلەر ئېتىلىدۇ؛ تۈگمەننىڭ ئاۋازى پەسىيدۇ، كىشىلەر قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا چۆچۈپ كېتىدۇ، «ناخشىچى قىزلار»نىڭ سايراشلىرى سۇس ئاڭلىنىدۇ؛
5كىشىلەر ئېگىزدىن قورقىدۇ، كوچىلاردا ۋەھىمىلەر بار دەپ قورقۇپ يۈرىدۇ؛ بادام دەرىخى چىچەكلەيدۇ؛ چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ، شىندىر مېۋىسى سولىشىدۇ؛ چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛
6كۈمۈش تانا ئۈزۈلگۈچە، ئالتۇن چىنە چېقىلغۇچە، ئاپتۇۋا بۇلاق يېنىدا پارە-پارە بولغۇچە، قۇدۇقتىكى چاق كاردىن چىققۇچە،
7توپا-چاڭ ئەسلى تۇپراققا قايتقۇچە، روھ ئۆزىنى بەرگەن خۇداغا قايتقۇچە ــ ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن!
8بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!»
9شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى.
10ھېكمەت توپلىغۇچى يېقىملىق سۆزلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن؛ ئۇشبۇ يېزىلغىنى بولسا دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
11دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر.