10ھېكمەت توپلىغۇچى يېقىملىق سۆزلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن؛ ئۇشبۇ يېزىلغىنى بولسا دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
11دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر.
12ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول؛ چۈنكى كۆپ كىتابلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئايىغى يوق، شۇنىڭدەك كۆپ ئۆگىنىش تەننى ئۇپرىتىدۇ.
13بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى؛ خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر؛