Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:5-32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى. رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ھانۇقنىڭ نەسلىدىن بولغان ھانۇق جەمەتى؛ پاللۇنىڭ نەسلىدىن بولغان پاللۇ جەمەتى؛
6ھەزرون نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ كارمى نەسلىدىن بولغان كارمى جەمەتى.
7بۇلار رۇبەننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگىنى جەمئىي قىرىق ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولدى.
8پاللۇنىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛
9ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئەل، داتان، ئابىرام ئىدى. داتان بىلەن ئابىرام ئەسلىدە جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ، كوراھ گۇرۇھىدىكىلەر پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقاندا، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن تاكاللاشقانىدى.  
10يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن.
11لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەن.
12شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، نەمۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان نەمۇئەل جەمەتى؛ يامىن نەسلىدىن بولغان يامىن جەمەتى؛ ياقىن نەسلىدىن بولغان ياقىن جەمەتى؛
13زەراھ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى؛ سائۇل نەسلىدىن بولغان سائۇل جەمەتى.
14بۇلار شىمېئوننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز ئادەم چىقتى.
15گاد قەبىلىسىدىن، جەمەت بويىچە، زەفون نەسلىدىن بولغان زەفون جەمەتى؛ ھاگگى نەسلىدىن بولغان ھاگگى جەمەتى؛ شۇنى نەسلىدىن بولغان شۇنى جەمەتى؛
16ئوزنى نەسلىدىن بولغان ئوزنى جەمەتى؛ ئېرى نەسلىدىن بولغان ئېرى جەمەتى؛
17ئارود نەسلىدىن بولغان ئارود جەمەتى؛ ئارئەلى نەسلىدىن بولغان ئارئەلى جەمەتى.
18بۇلار گاد ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
19يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر بىلەن ئونان ئىدى؛ بۇ ئىككىسى قانائان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
20يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، شىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شىلاھ جەمەتى؛ پەرەزنىڭ نەسلىدىن بولغان پەرەز جەمەتى؛ زەراھنىڭ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى.
21پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرى ھەزروننىڭ نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ ھامۇلنىڭ نەسلىدىن بولغان ھامۇل جەمەتى.
22بۇلار يەھۇدانىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يەتمىش ئالتە مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
23ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، تولانىڭ نەسلىدىن بولغان تولا جەمەتى؛ پۇئاھنىڭ نەسلىدىن بولغان پۇئاھ جەمەتى؛
24ياشۇبنىڭ نەسلىدىن بولغان ياشۇب جەمەتى؛ شىمروننىڭ نەسلىدىن بولغان شىمرون جەمەتى.
25بۇلار ئىسساكارنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ئادەم چىقتى.
26زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، سەرەدنىڭ نەسلىدىن بولغان سەرەد جەمەتى؛ ئېلون نەسلىدىن بولغان ئېلون جەمەتى؛ جاھلىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان جاھلىيەل جەمەتى.
27بۇلار زەبۇلۇننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
28يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى‫‪:‬‬ — جەمەت بويىچە، ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىم ئىدى.
29ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى‫‪:‬‬ — ماكىرنىڭ نەسلىدىن بولغان ماكىر جەمەتى ‹ماكىردىن گىلېئاد تۆرەلگەن›، گىلېئادنىڭ نەسلىدىن بولغان گىلېئاد جەمەتى ئىدى.
30تۆۋەندىكىلەر گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى‫‪:‬‬ — يەئەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەئەزەر جەمەتى؛ ھەلەكنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەلەك جەمەتى؛
31ئاسرىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاسرىيەل جەمەتى؛ شەكەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكەم جەمەتى؛
32شەمىدانىڭ نەسلىدىن بولغان شەمىدا جەمەتى؛ ھەفەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەفەر جەمەتى.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:5-32چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:5-32