Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:4-58

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4«پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ۋە مىسىردىن چىققان ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىنى بويىچە، سىلەردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى تىزىملىنىپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دەپ ئۇقتۇردى. تىزىملىتىلغان سانلار مۇنداق بولدى‫‪:‬‬ —  
5ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى. رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ھانۇقنىڭ نەسلىدىن بولغان ھانۇق جەمەتى؛ پاللۇنىڭ نەسلىدىن بولغان پاللۇ جەمەتى؛
6ھەزرون نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ كارمى نەسلىدىن بولغان كارمى جەمەتى.
7بۇلار رۇبەننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگىنى جەمئىي قىرىق ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولدى.
8پاللۇنىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛
9ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئەل، داتان، ئابىرام ئىدى. داتان بىلەن ئابىرام ئەسلىدە جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ، كوراھ گۇرۇھىدىكىلەر پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقاندا، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن تاكاللاشقانىدى.  
10يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن.
11لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەن.
12شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، نەمۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان نەمۇئەل جەمەتى؛ يامىن نەسلىدىن بولغان يامىن جەمەتى؛ ياقىن نەسلىدىن بولغان ياقىن جەمەتى؛
13زەراھ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى؛ سائۇل نەسلىدىن بولغان سائۇل جەمەتى.
14بۇلار شىمېئوننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز ئادەم چىقتى.
15گاد قەبىلىسىدىن، جەمەت بويىچە، زەفون نەسلىدىن بولغان زەفون جەمەتى؛ ھاگگى نەسلىدىن بولغان ھاگگى جەمەتى؛ شۇنى نەسلىدىن بولغان شۇنى جەمەتى؛
16ئوزنى نەسلىدىن بولغان ئوزنى جەمەتى؛ ئېرى نەسلىدىن بولغان ئېرى جەمەتى؛
17ئارود نەسلىدىن بولغان ئارود جەمەتى؛ ئارئەلى نەسلىدىن بولغان ئارئەلى جەمەتى.
18بۇلار گاد ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
19يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر بىلەن ئونان ئىدى؛ بۇ ئىككىسى قانائان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
20يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، شىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شىلاھ جەمەتى؛ پەرەزنىڭ نەسلىدىن بولغان پەرەز جەمەتى؛ زەراھنىڭ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى.
21پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرى ھەزروننىڭ نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ ھامۇلنىڭ نەسلىدىن بولغان ھامۇل جەمەتى.
22بۇلار يەھۇدانىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يەتمىش ئالتە مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
23ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، تولانىڭ نەسلىدىن بولغان تولا جەمەتى؛ پۇئاھنىڭ نەسلىدىن بولغان پۇئاھ جەمەتى؛
24ياشۇبنىڭ نەسلىدىن بولغان ياشۇب جەمەتى؛ شىمروننىڭ نەسلىدىن بولغان شىمرون جەمەتى.
25بۇلار ئىسساكارنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ئادەم چىقتى.
26زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، سەرەدنىڭ نەسلىدىن بولغان سەرەد جەمەتى؛ ئېلون نەسلىدىن بولغان ئېلون جەمەتى؛ جاھلىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان جاھلىيەل جەمەتى.
27بۇلار زەبۇلۇننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
28يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى‫‪:‬‬ — جەمەت بويىچە، ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىم ئىدى.
29ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى‫‪:‬‬ — ماكىرنىڭ نەسلىدىن بولغان ماكىر جەمەتى ‹ماكىردىن گىلېئاد تۆرەلگەن›، گىلېئادنىڭ نەسلىدىن بولغان گىلېئاد جەمەتى ئىدى.
30تۆۋەندىكىلەر گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى‫‪:‬‬ — يەئەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەئەزەر جەمەتى؛ ھەلەكنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەلەك جەمەتى؛
31ئاسرىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاسرىيەل جەمەتى؛ شەكەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكەم جەمەتى؛
32شەمىدانىڭ نەسلىدىن بولغان شەمىدا جەمەتى؛ ھەفەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەفەر جەمەتى.
33ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھاد ئوغۇل پەرزەنت كۆرمەي قىز پەرزەنت كۆرگەن؛ زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، تىرزاھ ئىدى.
34بۇلار ماناسسەھنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئادەم چىقتى.
35تۆۋەندىكىلەر ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە‫‪:‬‬ — شۇتىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇتىلاھ جەمەتى؛ بەكەرنىڭ نەسلىدىن بولغان بەكەر جەمەتى؛ تاھاننىڭ نەسلىدىن بولغان تاھان جەمەتى.
36شۇتىلانىڭ ئەۋلادلىرى ئېراننىڭ نەسلىدىن بولغان ئېران جەمەتى.
37مانا بۇلار ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ھەرقايسى جەمەتلەر بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. جەمەتلىرى بويىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
38بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، بېلانىڭ نەسلىدىن بولغان بېلا جەمەتى؛ ئاشبەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاشبەل جەمەتى؛ ئاھىرامنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاھىرام جەمەتى؛
39شەفۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇفام جەمەتى؛ ھۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان ھۇفام جەمەتى.
40ئارد بىلەن نائامان بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئاردنىڭ نەسلىدىن بولغان ئارد جەمەتى؛ نائاماننىڭ نەسلىدىن بولغان نائامان جەمەتى.
41بۇلار بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى.
42تۆۋەندىكىلەر داننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە، شۇھامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇھام جەمەتى؛ جەمەت بويىچە بۇلار داننىڭ جەمەتلىرى ئىدى.
43شۇھامنىڭ ھەممە جەمەتى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى.
44ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، يىمناھنىڭ نەسلىدىن بولغان يىمناھ جەمەتى؛ يېشۋىنىڭ نەسلىدىن بولغان يېشۋى جەمەتى؛ بېرىياھنىڭ نەسلىدىن بولغان بېرىياھ جەمەتى.
45بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ھەبەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەبەر جەمەتى؛ مالكىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان مالكىئەل جەمەتى.
46ئاشىرنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى سېراھ ئىدى.
47بۇلار ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى.
48نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ياھزىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ياھزىئەل جەمەتى؛ گۇنىنىڭ نەسلىدىن بولغان گۇنى جەمەتى؛
49يەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەزەر جەمەتى؛ شىللەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شىللەم جەمەتى.
50بۇلار نافتالىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى.
51يۇقىرىقىلار ئىسرائ‍ىللاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز بىر مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئادەم چىقتى.
52پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
53زېمىن مۇشۇلارغا رويخەتكە ئېلىنغان سان بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنسۇن.
54مىراسنى ئادەم سانى كۆپ قەبىلىلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئاز قەبىلىلەرگە ئازراق بۆل؛ مىراس رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەم سانىغا قاراپ ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلسۇن.
55ھالبۇكى، زېمىن چەك تاشلىنىش يولى بىلەن بۆلۈنسۇن؛ ئۇلار مىراسقا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەت‫‪‎-‎‬‬قەبىلىسىنىڭ نامى بويىچە ۋارىسلىق قىلسۇن.
56مىراس ئۇلارغا چەك تاشلاش يولى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز‫‪‎-‎‬‬كۆپلۈكىگە قاراپ ھەربىر ئائىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتكە بۆلۈپ بېرىلسۇن.
57تۆۋەندىكىلەر ئاتا جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار‫‪:‬‬ — گەرشوننىڭ نەسلىدىن بولغان گەرشون جەمەتى؛ كوھاتنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھات جەمەتى؛ مەرارىنىڭ نەسلىدىن بولغان مەرارى جەمەتى.
58بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرى‫‪:‬‬ — لىبنى جەمەتى، ھېبرون جەمەتى، ماھلى جەمەتى، مۇشى جەمەتى، كوراھ جەمەتى. كوھاتتىن ئامرام تۆرەلگەن.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:4-58چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:4-58