Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:3-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى يېرىخونىڭ يېنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا ئىسرائ‍ىللار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬
4«پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ۋە مىسىردىن چىققان ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىنى بويىچە، سىلەردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى تىزىملىنىپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دەپ ئۇقتۇردى. تىزىملىتىلغان سانلار مۇنداق بولدى‫‪:‬‬ —  
5ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى. رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ھانۇقنىڭ نەسلىدىن بولغان ھانۇق جەمەتى؛ پاللۇنىڭ نەسلىدىن بولغان پاللۇ جەمەتى؛
6ھەزرون نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ كارمى نەسلىدىن بولغان كارمى جەمەتى.
7بۇلار رۇبەننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگىنى جەمئىي قىرىق ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولدى.
8پاللۇنىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛
9ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئەل، داتان، ئابىرام ئىدى. داتان بىلەن ئابىرام ئەسلىدە جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ، كوراھ گۇرۇھىدىكىلەر پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقاندا، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن تاكاللاشقانىدى.  
10يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن.
11لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەن.
12شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، نەمۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان نەمۇئەل جەمەتى؛ يامىن نەسلىدىن بولغان يامىن جەمەتى؛ ياقىن نەسلىدىن بولغان ياقىن جەمەتى؛
13زەراھ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى؛ سائۇل نەسلىدىن بولغان سائۇل جەمەتى.
14بۇلار شىمېئوننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز ئادەم چىقتى.
15گاد قەبىلىسىدىن، جەمەت بويىچە، زەفون نەسلىدىن بولغان زەفون جەمەتى؛ ھاگگى نەسلىدىن بولغان ھاگگى جەمەتى؛ شۇنى نەسلىدىن بولغان شۇنى جەمەتى؛
16ئوزنى نەسلىدىن بولغان ئوزنى جەمەتى؛ ئېرى نەسلىدىن بولغان ئېرى جەمەتى؛
17ئارود نەسلىدىن بولغان ئارود جەمەتى؛ ئارئەلى نەسلىدىن بولغان ئارئەلى جەمەتى.
18بۇلار گاد ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
19يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر بىلەن ئونان ئىدى؛ بۇ ئىككىسى قانائان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەن.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:3-19چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26:3-19