6ۋە مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زار قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا، مانا ئىسرائىللاردىن بىرەيلەن كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا مىدىيانىي بىر قىزنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى.
7كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس بۇنى كۆرۈپ، جامائەت ئىچىدىن قوپتى-دە، قولىغا نەيزە ئېلىپ،
8ھېلىقى ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن چېدىرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ قارنىغا نەيزە تىقىۋەتتى. ئىسرائىللار ئارىسىدا تارقالغان ۋابا ئەنە شۇ چاغدىلا توختىدى.
9شۇ چاغدا ۋابا تېگىپ ئۆلگەنلەر جەمئىي يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەمگە يەتكەنىدى.
10ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
11— «كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس مېنى دەپ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمنى ئۆز ھەسىتى بىلىپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى ياندۇردى. شۇڭا گەرچە مەن ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ، ئىسرائىللارنى يوقىتىۋەتمىدىم.
12شۇڭا سەن: — «مانا، مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئامان-خاتىرجەملىك ئەھدەمنى تەقدىم قىلىمەن!
13بۇ ئەھدە ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدىغان مەڭگۈلۈك كاھىنلىق ئەھدىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىنى دەپ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلىپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى» — دەپ جاكارلىغىن».