Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24:9-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك، ياتسا ھەم چىشى شىردەك، كىم ئۇنى قوزغىتىشقا پېتىنار؟ كىم ساڭا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلىسە، بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تاپىدۇ. كىم سېنى قارغىسا، قارغىشقا كېتىدۇ».
10بالاق بالائامغا ئاچچىقلىنىپ، قولىنى قولىغا ئۇرۇپ كەتتى؛ بالاق بالائامغا‫‪:‬‬ — مەن سىلىنى دۈشمىنىمنى قارغاپ بېرىشكە قىچقىرتقانىدىم ۋە مانا، سىلى ئۈچ قېتىم پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىلە!
11ئەمدى تېزدىن يۇرتلىرىغا قېچىپ كەتسىلە؛ مەن ئەسلىدە سىلىنىڭ ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتلىرىنى كاتتا قىلاي دېگەنىدىم، مانا پەرۋەردىگار سىلىنى بۇ كاتتا ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتكە نائىل بولۇشتىن توسۇپ قويدى، — دېدى.
12بالائام بالاققا‫‪:‬‬ — مەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە‫‪:‬‬
13«بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ھالقىپ، ئۆز مەيلىمچە ياخشى‫‪‎-‎‬‬يامان ئىش قىلالمايمەن؛ پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن» دېگەن ئەمەسمىدىم؟
14ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى.
15ئۇ كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ — بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، كۆزلىرى ئېچىلمىغان كىشى ئېيتقان كالام سۆزى،
16تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىدىن ئالىينىڭ ۋەھىيلىرىنى بىلگۈچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى‫‪:‬‬ —
17مەن ئۇنى كۆرىمەن، لېكىن ھازىر ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن، لېكىن يېقىن يەردىن ئەمەس؛ ياقۇپتىن چىقار بىر يۇلتۇز، كۆتۈرۈلەر ئىسرائىلدىن بىر شاھانە ھاسا؛ چېقىۋېتەر ئۇ موئابنىڭ چېكىسىنى، بارلىق شېتلەرنىڭ بېشىنى يانجىيدۇ.  
18ئېدوم ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ، يەنە تېخى دۈشمىنى سېئىرلار ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ؛ ئىسرائىل بولسا باتۇرلۇق قىلىدۇ.
19ياقۇپتىن چىققان بىرى سەلتەنەت سۈرىدۇ، شەھەردە قالغان ھەممەيلەننى يوقىتىدۇ».  
20ئاندىن بالائام ئامالەكنى كۆرۈپ، مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى‫‪:‬‬ — «ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش، ئەمدى ھالاكەتتۇر تەقدىر‫‪‎-‎‬‬قىسمىتى».
21ئاندىن بالائام كېنىيلەرنى كۆرۈپ مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى‫‪:‬‬ — «سېنىڭ ماكانىڭ مۇستەھكەم بولۇپ، چاڭگاڭ قورام تاش ئىچىدە بولسىمۇ،
22لېكىن سىلەر كېنىيلەر ھالاك قىلىنىپ تۇرىسىلەر؛ تاكى ئاشۇر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكۈچە».

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24:9-22چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24:9-22