Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24:4-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4يەنى تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى‫‪:‬‬ —
5ئاھ ياقۇپ، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، تۇرالغۇلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئاھ ئىسرائىل!
6گويا كېڭەيگەن دەريا ۋادىلىرىدەك، خۇددى دەريا بويىدىكى باغلاردەك، گويا پەرۋەردىگار تىكىپ ئۆستۈرگەن ئۇد دەرەخلىرىدەك، دەريا بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەك؛
7سۇلار ئۇنىڭ سوغىلىرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، ئەۋلادلىرى سۈيى مول جايلاردا بولىدۇ؛ پادىشاھى ئاگاگدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈن قىلىنىپ گۈللىنىدۇ.
8تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان، ئۇنىڭدا ياۋا بۇقىنىڭ كۈچى باردۇر؛ دۈشمەن ئەللەرنى ئۇ يەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ تاشلايدۇ، ئوقيا ئېتىپ ئۇلارنى تېشىپ تاشلايدۇ.
9ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك، ياتسا ھەم چىشى شىردەك، كىم ئۇنى قوزغىتىشقا پېتىنار؟ كىم ساڭا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلىسە، بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تاپىدۇ. كىم سېنى قارغىسا، قارغىشقا كېتىدۇ».
10بالاق بالائامغا ئاچچىقلىنىپ، قولىنى قولىغا ئۇرۇپ كەتتى؛ بالاق بالائامغا‫‪:‬‬ — مەن سىلىنى دۈشمىنىمنى قارغاپ بېرىشكە قىچقىرتقانىدىم ۋە مانا، سىلى ئۈچ قېتىم پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىلە!
11ئەمدى تېزدىن يۇرتلىرىغا قېچىپ كەتسىلە؛ مەن ئەسلىدە سىلىنىڭ ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتلىرىنى كاتتا قىلاي دېگەنىدىم، مانا پەرۋەردىگار سىلىنى بۇ كاتتا ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەتكە نائىل بولۇشتىن توسۇپ قويدى، — دېدى.
12بالائام بالاققا‫‪:‬‬ — مەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە‫‪:‬‬
13«بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ھالقىپ، ئۆز مەيلىمچە ياخشى‫‪‎-‎‬‬يامان ئىش قىلالمايمەن؛ پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن» دېگەن ئەمەسمىدىم؟
14ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى.
15ئۇ كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ — بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، كۆزلىرى ئېچىلمىغان كىشى ئېيتقان كالام سۆزى،

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24:4-15چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24:4-15