7پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
8ھاسىنى قولۇڭغا ئال، ئاندىن سەن ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا قورام تاشقا بۇيرۇق قىل؛ شۇنداق قىلساڭ قورام تاش ئۆز سۈيىنى چىقىرىدۇ؛ شۇ يول بىلەن سەن ئۇلارغا سۇ چىقىرىپ، جامائەت ۋە چارپايلىرى ئىچىدىغانغا سۇ بېرىسەن.
9شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھاسىنى ئالدى.
10مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىسى جامائەتنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى ۋە مۇسا ئۇلارغا: — گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئاسىيلار! بىز سىلەرگە بۇ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟! — دېدى.