2سىلەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنى قەبىلىسى، ئاتا جەمەتى بويىچە سانىنى ئېلىپ چىقىڭلار؛ ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، بارلىق ئەركەكلەر تىزىملانسۇن.
3ئىسرائىللار ئىچىدە ئومۇمەن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ھارۇن بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ قوشۇن-قىسمىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار.
4ھەربىر قەبىلىدىن سىلەرگە ياردەملىشىدىغان بىردىن كىشى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بېشى بولىدۇ.
5تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەملىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر؛
6شىمېئون قەبىلىسىدىن زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل؛