Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 1

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 1:1-18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە، جامائەت چېدىرىدا تۇرۇپ مۇساغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
2سىلەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنى قەبىلىسى، ئاتا جەمەتى بويىچە سانىنى ئېلىپ چىقىڭلار؛ ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، بارلىق ئەركەكلەر تىزىملانسۇن.
3ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ئومۇمەن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ھارۇن بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ قوشۇن‫‪‎-‎‬‬قىسمىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار.
4ھەربىر قەبىلىدىن سىلەرگە ياردەملىشىدىغان بىردىن كىشى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بېشى بولىدۇ.
5تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەملىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى‫‪:‬‬ — رۇبەن قەبىلىسىدىن شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر؛
6شىمېئون قەبىلىسىدىن زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل؛
7يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون؛
8ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل؛
9زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛
10يۈسۈپ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما؛ ماناسسەھ قەبىلىسىدىن پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل؛
11بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان؛
12دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر؛
13ئاشىر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل؛
14گاد قەبىلىسىدىن دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف؛
15نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا».
16بۇلار جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغانلار، يەنى ئاتا جەمەت‫‪‎-‎‬‬قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ باش سەردارلىرى ئىدى.
17شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسمى ئاتالغان بۇ كىشىلەرنى باشلاپ،
18ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پۈتكۈل جامائەتنى يىغدى؛ ئۇلار خەلقنىڭ ھەربىرىنىڭ قەبىلە‫‪‎-‎‬‬نەسەبى، ئاتا جەمەتى بويىچە ئىسمىنى ئاساس قىلىپ، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ تىزىملىدى.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 1چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 1
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 1:1-18چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 1:1-18