27بۇ يول بىلەن سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار سىلەرگە «خاماندىكى ئاشلىقىڭلار»دىن ھەم «شاراب كۆلچىكىدىكى تولۇپ تاشقان شارابىڭلار»دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ.
28بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار.
29سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار».
30شۇڭا سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر شۇلاردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، بۇ سىلەر لاۋىيلارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقىڭلار ۋە شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىڭلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ.
31شۇنداق قىلغاندىن كېيىن سىلەر ۋە ئۆيدىكىلىرىڭلار شۇ «ئوندىن بىر ئۈلۈش»لەرنى خالىغان يەردە يېسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛
32سىلەر شۇ ئۈلۈشلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر».