18ئۇلارنىڭ گۆشى سېنىڭ بولىدۇ؛ خۇددى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىنغان تۆش ۋە ئوڭ ئارقا پۇتىغا ئوخشاش، ساڭا تەۋە بولىدۇ.
19ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە-قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ.
20پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — ئىسرائىل زېمىنىدا سېنىڭ ھېچقانداق مىراسىڭ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق نېسىۋەڭ بولمايدۇ؛ ئىسرائىللار ئارىسىدا مانا مەن ئۆزۈم سېنىڭ نېسىۋەڭ، سېنىڭ مىراسىڭدۇرمەن.
21لاۋىيلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتەيدىغان خىزمەتلىرى، يەنى جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن، مانا مەن ئىسرائىلدا تەقدىم قىلىنغان بارلىق «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنمەن.
22بۇنىڭدىن كېيىن، گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار جامائەت چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن.
23جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ.
24چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى لاۋىيلارغا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان بولدۇم؛ شۇڭا مەن ئۇلار توغرۇلۇق: ئىسرائىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولسا بولمايدۇ، — دېدىم.
25پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
26سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىن: «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن مەن سىلەرگە مىراس بولسۇن دەپ تەقدىم قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى ئالغان ئىكەنسىلەر، سىلەر شۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.
27بۇ يول بىلەن سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار سىلەرگە «خاماندىكى ئاشلىقىڭلار»دىن ھەم «شاراب كۆلچىكىدىكى تولۇپ تاشقان شارابىڭلار»دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ.
28بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار.
29سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار».
30شۇڭا سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر شۇلاردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، بۇ سىلەر لاۋىيلارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقىڭلار ۋە شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىڭلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ.