Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 18

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 18:11-32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11مۇنۇلارمۇ سېنىڭ بولىدۇ‫‪:‬‬ — ئىسرائ‍ىللارنىڭ سوۋغاتلىرى ئىچىدىن كۆتۈرمە ھەدىيەلەر، بارلىق پۇلاڭلاتما ھەدىيەلەر سېنىڭ؛ مەن ئۇلارنى ساڭا، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم؛ سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ.
12زەيتۇن مېيىدىن ئەڭ ئېسىلىنى، يېڭى شارابتىن ئەڭ ئېسىلىنى، شۇنداقلا ئاشلىقتىن ئەڭ ئېسىلىنى، يەنى ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان دەسلەپكى پىشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا تەقدىم قىلىپ بەردىم.
13ئۇلار يەردىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەكەلگەن دەسلەپكى پىشقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن؛ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ.
14ئىسرائىلدا خۇداغا مۇتلەق ئاتىلىدىغان ھەربىر نەرسە سېنىڭ بولىدۇ.
15ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرىدىغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ تۇنجىلىرى، مەيلى ئىنسان ياكى ئۇلاغ‫‪‎-‎‬‬چارپاي بولسۇن سېنىڭ بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى بولسا ئۇلارنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن ۋە ناپاك ھايۋانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن.  
16تۆلەم تۆلەش كېرەك بولغانلار ئۈچۈن يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقاندا تۆلەم پۇلى تۆلەنسۇن؛ ئۇلارغا سەن توختاتقان باھا بويىچە، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر› باھا قويۇپ، بەش كۈمۈش شەكەل ئال.
17پەقەت تۇنجى كالا، تۇنجى قوي ياكى تۇنجى ئوغلاققا تۆلەم ئالساڭ بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر. سەن ئۇلارنىڭ قېنىنى قۇربانگاھقا چېچىپ، مېيىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرگىن.
18ئۇلارنىڭ گۆشى سېنىڭ بولىدۇ؛ خۇددى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىنغان تۆش ۋە ئوڭ ئارقا پۇتىغا ئوخشاش، ساڭا تەۋە بولىدۇ.
19ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە‫‪‎-‎‬‬قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل‫‪‎-‎‬‬قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ.
20پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ — ئىسرائىل زېمىنىدا سېنىڭ ھېچقانداق مىراسىڭ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق نېسىۋەڭ بولمايدۇ؛ ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا مانا مەن ئۆزۈم سېنىڭ نېسىۋەڭ، سېنىڭ مىراسىڭدۇرمەن.
21لاۋىيلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتەيدىغان خىزمەتلىرى، يەنى جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن، مانا مەن ئىسرائىلدا تەقدىم قىلىنغان بارلىق «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنمەن.
22بۇنىڭدىن كېيىن، گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائ‍ىللار جامائەت چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن.
23جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ‫‪‎-‎‬‬ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ.
24چۈنكى ئىسرائ‍ىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى لاۋىيلارغا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان بولدۇم؛ شۇڭا مەن ئۇلار توغرۇلۇق‫‪:‬‬ ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولسا بولمايدۇ، — دېدىم.
25پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
26سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىن‫‪:‬‬ «سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ قولىدىن مەن سىلەرگە مىراس بولسۇن دەپ تەقدىم قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى ئالغان ئىكەنسىلەر، سىلەر شۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.
27بۇ يول بىلەن سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار سىلەرگە «خاماندىكى ئاشلىقىڭلار»دىن ھەم «شاراب كۆلچىكىدىكى تولۇپ تاشقان شارابىڭلار»دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ.
28بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار.
29سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار».
30شۇڭا سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر شۇلاردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، بۇ سىلەر لاۋىيلارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقىڭلار ۋە شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىڭلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ.
31شۇنداق قىلغاندىن كېيىن سىلەر ۋە ئۆيدىكىلىرىڭلار شۇ «ئوندىن بىر ئۈلۈش»لەرنى خالىغان يەردە يېسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛
32سىلەر شۇ ئۈلۈشلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائ‍ىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر».

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 18چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 18
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 18:11-32چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 18:11-32