Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16:33-42

Help us?
Click on verse(s) to share them!
33شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى.
34ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ‫‪:‬‬ «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى.
35ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى.
36پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ —
37سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛
38شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائ‍ىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت‫‪‎-‎‬‬بەلگە بولىدۇ.
39شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى.
40شۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر.
41ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ‫‪:‬‬ — سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى.
42ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16:33-42چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16:33-42