30ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى.
31مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى.
32يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى.
33شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى.